تەڭرىتاغ تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش

دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، يېڭى نەتىجىلەرنى نامايان قىلىمەن

ئاقسۇ شەھەرلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، بىرلىكسەپ بۆلۈمىنىڭ باشلىقى، ئاممىۋى خىزمەت بۆلۈمىنىڭ باشلىقى مەمەت تۇراپ

   يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى ۋەزىپە، يېڭى تەلەپ ئالدىدا، پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، چوقۇم شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ‹‹تۆت ئاڭ››نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش، مەسئۇلىيەت ئالدىدا جاۋابكار بولۇش، مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، تاش–تۆمۈردە ئىز قالدۇرغىدەك جاسارەت بىلەن، باتۇرلۇق بىلەن ئىلگىرىلەپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىشلەپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشقا، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا يېتىشكە كۈچ قوشىمەن.

   ‹‹تۆت ئاڭ››نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرىمەن. ئىدىيەدە ھەر ۋاقىت سەگەك بولۇپ، ھەرىكەتتە ئەستايىدىل بولۇپ، ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشتە باشتىن–ئاخىر چىڭ تۇرىمەن. سىياسىي ئاڭ، ئومۇملۇق ئېڭى، يادرو ئېڭى، بىردەكلىك ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يادروسى، پۈتۈن پارتىيەنىڭ يادروسىلىق ئورنىنى قەتئىي قوغدايمەن، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغدايمەن، سىياسىي مەيدان، سىياسىي يۆنىلىش، سىياسىي پىرىنسىپ، سىياسىي يولدا يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلايمەن، ئىدىيەدە يادرونى ھىمايە قىلىپ، سىياسىيدا يادرونى قوغداپ، ھەرىكەتتە يادروغا ئەگىشىپ مېڭىپ، يادرونى قەتئىي ھىمايە قىلىمەن، يادروغا مۇتلەق بويسۇنىمەن. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى قىلچە تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش ‹‹بىرىكمە مۇشت›› تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىناق، مۇقىم بولۇشىغا تىرىشىپ تۈرتكە بولىمەن.

   ‹‹بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش››نى كۈچەيتىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغدايمەن. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھەر مىللەت خەلقنىڭ جان تومۇرى، شىنجاڭنىڭ  يۈكسىلىپ تەرەققىي قىلىشىنىڭ تۈپ ئۇل تېشى. ئۆزۈمدىن باشلاشتا، كىچىك ئىشلاردىن باشلاشتا باشتىن–ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ياخشى ئىش، ئەمەلىي ئىشلارنى باشلامچىلىق بىلەن قىلىمەن، قەتئىي ھالدا شەمشەرنىڭ تىغ ئۇچىنى ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە قارىتىپ، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرىمەن، ‹‹ئۈچ ئايرىلالماسلىق›› ئىدىيەسىنى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىپ، ‹‹بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش››نى يەنىمۇ كۈچەيتىمەن. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا پايدىلىق سۆزلەرنى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا پايدىلىق ئىشلارنى قىلىمەن. ھەر مىللەت ئاممىنى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۆز قارىچۇقىنى ئاسرىغاندەك ئاسراشقا، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ھاياتىنى قەدىرلىگەندەك قەدىرلەشكە، ھەر مىللەت ئاممىنى ئىتتىپاقلىق، مۇقىملىقنىڭ ئامەت، بۆلگۈنچىلىك، مالىمانچىلىقنىڭ ئاپەت ئىكەنلىكىنى ئەستە چىڭ ساقلاشقا، ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›› ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى كۈندىلىك خىزمەت ۋە تۇرمۇشىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە يېتەكلەيمەن. ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئىناق بىللە ئۆتۈپ، بىر ياقىدىن باش چىقىرىپ، ئىناق تەرەققىي قىلىپ، قەتئىي ھالدا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ ئىلگىرى سۈرگۈچىسى، قوغدىغۇچىسى، ھىمايە قىلغۇچىسى بولۇشىغا تۈرتكە بولىمەن.

   مەسئۇلىيەتچانلىقنى كۈچەيتىپ، مەسئۇلىيىتىمنى ئەستايىدىل ئادا قىلىمەن. شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقىنى قوغداشنى ھەممىنى بېسىپ چۈشىدىغان سىياسىي ۋەزىپە، تەيشەن تېغىدىنمۇ ئېغىر سىياسىي مەسئۇلىيەت قىلىشتا باشتىن–ئاخىر چىڭ تۇرىمەن، قەتئىي تەشەببۇسكارلىق بىلەن باش نىشاننى قەلبىمگە پۈكۈپ، زىممەمگە ئېلىپ، قولۇمدا چىڭ تۇتۇپ، ھەرىكىتىمدە ئەمەلىيلەشتۈرىمەن، قىيىنچىلىققا دۇچ كەلسىمۇ قەتئىي باش تارتمايدىغان غەيرەت بىلەن، خىزمەتتىكى ھەربىر ئىنچىكە ھالقىلاردىن باشلاپ چىڭ تۇتۇپ، بارلىق خىزمەتنى باش نىشاننى زىچ چۆرىدەپ پىلانلاپ، قانات يايدۇرۇپ، ئىلگىرى سۈرۈپ، خىزمەتتىكى تەشەببۇسكارلىقنى كۈچەيتىمەن، خىزمەت ئۈنۈمىنى ئۆستۈرىمەن. بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى قاتارلىق چوڭ ھەق–چوڭ ناھەق مەسىلىلەر ئالدىدا بايرىقىم روشەن، مەيدانىم مۇستەھكەم بولۇپ، قەتئىي ھالدا مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداشنىڭ ئەڭ ئالدىنقى سېپىدە تۇرىمەن، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممەمگە ئېلىپ، باتۇرلۇق بىلەن مەسئۇل بولۇپ، باتۇرلۇق بىلەن ئۆزۈمنى بېغىشلاپ، ئەلا ئىستىل ۋە ئەمەلىي خىزمەت ئۈنۈمى ئارقىلىق پارتىيەنىڭ كۆپ يىلدىن بۇيانقى غەمخورلۇقى ۋە تەربىيەسىگە جاۋاب قايتۇرىمەن، پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلارنىڭ باشلامچىلىق بىلەن ئۈلگە بولۇش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداشتىكى باشلامچىلاردىن بولىمەن.

   بىز ئىشەنچنى چىڭىتىپ، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، باتۇرلۇق بىلەن ئىلگىرىلەپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن نەتىجە يارىتىپ، يەڭنى تۈرۈپ غەيرەت بىلەن ئىشلەپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش نىشانغا يېتىدىغانلا بولساق، چوقۇم شىنجاڭنىڭ تېخىمۇ گۈزەل ئەتىسىنى يارىتالايمىز.
 

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • شىنجاڭ ساياھەتچىلىكى بارغانسېرى جانلاندى
  • شاللىق رەسىمى ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى
  • بۇغدا كۆلىدىكى تۇنجى قار
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى