تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدىكى ئاۋانگارتلاردىن بولىمەن

بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ ئوبلاستلىق پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمىدە تۇرۇشلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى ئەسئەت نۇرەك

   مەن كىچىكىمدىن تارتىپ بورتالا شەھىرىدە چوڭ بولدۇم، شەھەر ئىچىدىكى پاتقاق–توپا يوللارنىڭ ئازادە، تۈپتۈز ئاسفالت يولغا ئايلانغانلىقىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم، بورتالا شەھىرىنىڭ كىشىلەرگە ئانچە تونۇشلۇق بولمىغان كىچىك ناھىيە بازىرىدىن شىنجاڭدىكى داڭلىق ساياھەت شەھىرىگە ئايلانغانلىقىغا گۇۋاھچى بولدۇم. مەن شۇنى چوڭقۇر ھېس قىلدىمكى، پارتىيە رەھبەرلىكى ھەر مىللەت خەلقنى بۈگۈنكى بەختلىك تۇرمۇشقا ئېرىشتۈردى.

   چوڭ بولغاندىن كېيىن، ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش ئارزۇيۇم ئەمەلگە ئاشتى، ھەر مىللەت ساۋاقداشلار بىلەن بىللە ئۆگىنىپ، پىكىر ئالماشتۇرۇپ، سىردىشىپ، ئۆزئارا چۈشىنىش جەريانىدا ھېسسىياتىمىز چوڭقۇرلاشتى، ئورتاق ئىلگىرىلىدۇق، مەن پارتىيەنىڭ بىزگە قىلغان غەمخورلۇقى ۋە ئىللىقلىقىنى كۈچلۈك ھېس قىلدىم.

   خىزمەتكە قاتناشقاندىن كېيىن، مەن كۆپ تارماقتا ۋەزىپە ئۆتىدىم، ھازىر بورتالا ئوبلاستلىق پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمى ئىنتىزام تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى بولۇپ ئىشلەۋاتىمەن. بۇ بىر ئالاھىدە خىزمەت ئورنى، تېخىمۇ مۇھىمى، بۇ بىر مۇقەددەس مەسئۇلىيەت. ئەسلىي مەقسەتنى ئەسلىگەندە، زىممەمدىكى مەسئۇلىيەتنىڭ ئېغىرلاشقانلىقىنى ھېس قىلىمەن، مەن بۇ خىل بۇرچ ۋە مەسئۇلىيەتنى ئىلگىرىلىشىمدىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىمەن. ئۆزۈم ئۈلگە بولۇپ نازارەتچىلىكنى باشلامچىلىق بىلەن قەتئىي چىڭ تۇتۇپ، سىياسىي ئىنتىزامنى چىڭىتىپ، سىياسىي مەسئۇلىيەتچانلىقنى كۈچەيتىپ، پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشنى چىڭىتىپ، سىياسىي ئېكولوگىيەنى پولاتتەك ئىنتىزام بىلەن ساپلاشتۇرۇپ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدىكى ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، ئاممىنىڭ ئەتراپىدا يۈزبەرگەن ناتوغرا ئىستىل ۋە چىرىكلىك مەسىلىلىرىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، كاللامنى باشتىن – ئاخىر سەگەك تۇتىمەن، ھەرىكەتتە باشتىن–ئاخىر كۈچلۈك بولىمەن.

   مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ــــ ھەر مىللەت خەلقنىڭ جان تومۇرى. بىز چوقۇم ھەر ۋاقىت بىردەك ئىتتىپاقلىشىپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق دۈشمىنىگە، ئىنسان قېلىپىدىن چىققان مۇناپىقلار ــــ ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە قەتئىي قارشى تۇرۇشىمىز كېرەك. مەيدانىمىز مۇستەھكەم، بايرىقىمىز روشەن ھالدا ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداپ، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغدىشىمىز، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ بەختلىك تۇرمۇشىنى قوغدىشىمىز كېرەك.

   مەن كۆپ يىل پارتىيەنىڭ تەربىيەسىنى ئالغان پارتىيەلىك كادىر، پارتىيەگە كىرىش قەسىمىمنى ئاڭلىق ھالدا ئەمەلىيىتىمدە كۆرسىتىپ، پارتىيە ئىشلىرىغا سادىق بولۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش توغرىسىدىكى بىر قاتار ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما بىلەن بىر مەقسەتتە بولۇپ، دۈشمەنگە قارشى بىر سەپتە تۇرۇپ، ياماننى يىلتىزىدىن قۇرۇتىدىغان ئىرادەم ۋە ھەل قىلغۇچ جەڭدە غەلىبە قىلىش ئىشەنچىم بىلەن، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى جەڭ ئېلان قىلىمەن ھەم ئۇلارنى تەلتۆكۈس يوقىتىمەن.

   مەن كۈندىلىك تۇرمۇشتا ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرىمەن ۋە يېتەكلەيمەن، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە باتۇرلۇق بىلەن ئاۋانگارتلاردىن بولىمەن، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنى قاتتىق تەنقىدلەيمەن ۋە كۈچلۈك ئەيىبلەيمەن. پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، بايرىقىم روشەن، مەيدانىم مۇستەھكەم ھالدا بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ 1–سېپىدە چىڭ تۇرىمەن.

   مەن شۇنداق تەنتەنىلىك ۋەدە بېرىمەنكى، بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەت، تۇرمۇشتا سادىق، مەسئۇلىيەتچان بولۇشنى قەلبىمگە پۈكۈپ، ئاڭلىق ھالدا شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى بىلەن كاللامنى قوراللاندۇرىمەن، پارتىيە نىزامنامىسى، پارتىيە ئىنتىزامى بويىچە سۆز–ھەرىكىتىمنى قېلىپلاشتۇرۇپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى ئاڭلىق يېتىلدۈرۈپ ۋە ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، ‹‹بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش››نى كۈچەيتىپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ نەمۇنىلىك، باشلامچىلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، سەپنىڭ ئالدىدا مېڭىپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى ئاداققىچە كۈرەش قىلىمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى