‹‹جىنجياڭ تەجرىبىسى››دىن تەسىراتلار
شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى ليۇ كاڭ، خې يۈشىن، شياڭ كەيلەي، شۈ خۇڭچاڭ
بىر ناھىيە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىگەنلىكى ئۈچۈن غايەت زور ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىپ، جۇڭگونىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش تارىخىدا شانلىق سەھىپە پۈتتى.
بىر خىل تەجرىبە يىراقنى كۆرەرلىك بىلەن تارىخنى تولۇقلاپ يېڭىلىغانلىقى ئۈچۈن جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدىكى مۇھىم يول بەلگىسىگە ئايلاندى.
بۇ يىل، جۇڭگودا ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقى، يولداش شى جىنپىڭنىڭ ‹‹جىنجياڭ تەجرىبىسى››نى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنىڭ 16 يىللىقى.
‹‹جاسارەت بىلەن ئىسلاھ قىلىپ، دادىل يېڭىلىق يارىتىپ، ئۆزگىچە ئىقتىسادىي تەرەققىيات يولىنى ئېچىش››، ‹‹كۆلەملەشكەن ئىگىلىك + سىرتقا يۈزلەنگەن ئىقتىساد + خاس كەسىپ + تاغلىق رايون بىلەن دېڭىز بويى رايونىنىڭ ھەمكارلىقى + مۇلازىمەتچان ھۆكۈمەت››، ‹‹ئالتىدە باشتىن – ئاخىر چىڭ تۇرۇش، بەش مۇناسىۋەتنى توغرا بىر تەرەپ قىلىش››... ‹‹جىنجياڭ تەجرىبىسى›› ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئۇلۇغ ئىجادىيىتىدە مۇۋەپپەقىيەت قازاندى، شۇنداقلا جان تىكىپ كۈرەش قىلىشنىڭ پۈتمەس – تۈگىمەس كۈچى ۋە مول ئۈنۈمىنى ئىسپاتلىدى.
‹‹جىنجياڭ تەجرىبىسى››نىڭ شەكىللىنىش جەريانىغا نەزەر سالساق، شۇنداق بىر يىپ ئۇچىنى ئېنىق كۆرۈۋالالايمىزكى، جىنجياڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش پۇرسىتىدە، ئەۋزەل جۇغراپىيەلىك شارائىتتا، تىرىشىپ – تىرمىشىپ ئۇتۇق قازىنىشقا ئىنتىلىشتەك ئورتاق نىيەتتە ‹‹يېزا ئىگىلىكىدىن سانائەتكىچە، نامراتلىقتىن بېيىشقىچە، ئاجىزلىقتىن كۈچىيىشكىچە›› بولغان ھالقىشنىڭ قۇدرەتلىك كۈچىنى مۇجەسسەملىدى.
‹‹يۇقىرى ھوسۇللۇق نامرات ناھىيە››دىن ‹‹مەملىكەت بويىچە ئون كۈچلۈك ناھىيە››گىچە: كىچىك ناھىيە بۈيۈك دەۋرگە قۇچاق ئاچتى، ئاۋام ئىگىلىكى قەيسەرلىك بىلەن باش كۆتۈردى
جىنجياڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش جەريانىدا يېڭى ھاياتقا ئېرىشكەن ۋە غايەت زور ئۆزگىرىشنى كۈتۈۋالغان جەنۇبىي فۇجيەندىكى بىر ناھىيە.
2001– يىلى، پۈتۈن جىنجياڭ شەھىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 30 مىليارد يۈەندىن ئېشىپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن بۇيان ئىقتىساد ئومۇمىي مىقدارى يەتتە ھەسسىدىن كۆپرەك قاتلىنىپ، ھەر ئۈچ يىلدا ئوتتۇرىچە بىر قاتلاندى، بۇ، ھەر ئۈچ يىلدا ئەسلىدىكى ئاساستا يەنە بىر جىنجياڭنى بارلىققا كەلتۈرگەنگە باراۋەر، جىنجياڭ ‹‹يۇقىرى ھوسۇللۇق نامرات ناھىيە››دىن ‹‹فۇجيەندىكى 1 – ناھىيە››، ‹‹مەملىكەت بويىچە ئون كۈچلۈك ناھىيە›› بولۇشتەك ھەيران قالارلىق ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇردى. ‹‹جىنجياڭ سۈرئىتى››، ‹‹جىنجياڭ مۆجىزىسى›› بىردىنلا فۇجيەن ئۆلكىسى، ھەتتا پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.
ئاسمان – پەلەك دەرەخنىڭمۇ يىلتىزى بولىدۇ، ئەزىم دەريانىڭمۇ مەنبەسى بولىدۇ.
‹‹جىنجياڭ تەجرىبىسى››نى خۇلاسىلەش دەل جىنجياڭنىڭ ئۆزگىچە يولى ۋە تەرەققىيات قانۇنىيىتىنىڭ مەنبەسى ئۈستىدە ئىزدەنگەنلىك.
يولداش شى جىنپىڭ فۇجيەندە خىزمەت قىلغان مەزگىلدە، جىنجياڭنىڭ تەرەققىياتىغا باشتىن – ئاخىر يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، ئالتە يىلدا جىنجياڭغا يەتتە قېتىم بېرىپ، ئاساسىي قاتلامغا چۆكۈپ، كارخانىلارغا كىرىپ، يېزىلارنى زىيارەت قىلدى. 2002 – يىلى، فۇجيەن ئۆلكىسىنىڭ ئەينى چاغدىكى ئۆلكە باشلىقى شى جىنپىڭ جىنجياڭنىڭ تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيىتى ۋە ئەمەلىيىتى توغرىسىدىكى ئىزدىنىشىنى خۇلاسىلەپ، ‹‹ئالتىدە باشتىن – ئاخىر چىڭ تۇرۇش›› ۋە ‹‹بەش مۇناسىۋەتنى توغرا بىر تەرەپ قىلىش››نى يادرولۇق مەزمۇن قىلغان ‹‹جىنجياڭ تەجرىبىسى››نى ئوتتۇرىغا قويدى:
ــــ ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشنى ئىسلاھات ۋە تەرەققىياتنىڭ تۈپ يۆنىلىشى قىلىشتا باشتىن – ئاخىر چىڭ تۇرۇش، بازارنى يېتەكچى قىلغان ئىقتىسادنى يۈكسەلدۈرۈشتە باشتىن – ئاخىر چىڭ تۇرۇش، قەيسەرلىك بىلەن ئېلىشىش داۋامىدا غەلىبە قىلىشتا باشتىن – ئاخىر چىڭ تۇرۇش، سەمىمىيلىك ئارقىلىق بازار ئىگىلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت ساغلام تەرەققىياتتا باشتىن – ئاخىر چىڭ تۇرۇش، مەۋقەنى ئۆز جايىنىڭ ئەۋزەللىكىگە قويۇش ۋە ئۆز شارائىتىغا ماس كېلىدىغان ئەڭ ياخشى شەكىلنى تاللاپ ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى تېزلىتىشتە باشتىن – ئاخىر چىڭ تۇرۇش، ھۆكۈمەتنىڭ بازار ئىگىلىكىگە بولغان يېتەكچىلىكى ۋە مۇلازىمىتىنى كۈچەيتىشتە باشتىن – ئاخىر چىڭ تۇرۇش.
ــــ شەكىللىك يول بىلەن شەكىلسىز يولنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىش، ئوتتۇرا – كىچىك كارخانىلار ۋە چوڭ كارخانىلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىش، يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر ۋە ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىش، سانائەتلەشتۈرۈش بىلەن شەھەرلەشتۈرۈشنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىش، بازار ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش بىلەن يېڭىچە مۇلازىمەتچان ھۆكۈمەت قۇرۇش ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىش.
كەڭ دائىرىدە چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، نەزەرنى دۆلەت ئىچى – سىرتىنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات چوڭ ۋەزىيىتىگە قارىتىش، جەنۇبىي فۇجيەننىڭ ئۆزگىچە جۇغراپىيەلىك، گۇمانىتارلىق مۇھىتى ئۈستىدە ئىزدىنىپ تەتقىق قىلىش، ھۆكۈمەت، بازار ۋە كارخانىدىن ئىبارەت كۆپ تەرەپنىڭ مۇناسىۋىتىنى ئىگىلەش ئارقىلىق، ‹‹جىنجياڭ تەجرىبىسى››دە ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن بۇيانقى ناھىيەلەر نۇسخىسىدىكى جىنجياڭ تەرەققىياتىدىكى دەۋر ئالاھىدىلىكى، قانۇنىيىتى ۋە تىپىكلىكنى چوڭقۇر خۇلاسىلىغان.
جىنجياڭ فۇجيەننىڭ چۈەنجوۋغا جايلاشقان، ئۈچ تەرىپىنى دېڭىز ئوراپ تۇرىدۇ.
ئادەم كۆپ، يەر ئاز، دېڭىز مۇداپىئەسىنىڭ ئالدىنقى سېپى بولۇشتەك ناھىيە ئەھۋالى، ئۇنىڭ ئۈستىگە، پىلانلىق ئىگىلىك تۈزۈلمىسىنىڭ چەكلىمىسى سەۋەبىدىن، جىنجياڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلۇشتىن بۇرۇن يىراق – يېقىندا نامى بار ‹‹يۇقىرى ھوسۇللۇق نامرات ناھىيە›› ئىدى، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى، كىشى بېشى كىرىمى مەملىكەتنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن تۆۋەن ئىدى، خېلى بىر قىسىم كىشىلەر كىيىش – تويۇش ئېھتىياجىنىمۇ قاندۇرالمىغانىدى.
پارتىيە 11 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 – ئومۇمىي يىغىنىدا ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشنى مەركەز قىلىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى، بۇ خۇددى باھار گۈلدۈرمامىسىدەك جۇڭگو زېمىنى ۋە دەريالىرىدىكى توڭنى ئېرىتتى، بارلىق مەۋجۇدات قايتىدىن ئويغاندى، شۇنىڭ بىلەن جىنجياڭ مۆجىزىسىنىڭ ئۇرۇقى چېچىلدى.
كەمتۈك ئىگىلىكنىڭ جاپاسىنى يەتكۈچە تارتقاچقا ھەم چەت ئەللەردىكى جۇڭگولۇقلار بايلىقى بولغاچقا، ئەينى چاغدىكى جىنجياڭدا يېزىلاردىكى زور بىر تۈركۈم جاسارەتلىك، غەيرەتلىك، جاپاغا چىدايدىغان ‹‹قابىل››لار نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش ئارزۇسىنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، دېھقانچىلىقتىن ئايرىلىپ، دادىل يېڭى يول ئاچتى، بۇنىڭ بىلەن جىنجياڭدا ئاۋام سانائىتى قەد كۆتۈرۈشكە باشلىدى.
‹‹جىنبا›› ئەرەنچە كىيىملىرى شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى خۇڭ جاۋمىڭ 1935 – يىلى تۇغۇلغان، ئۇنىڭ ئون قېرىندىشى بار ئىدى، ئۆزى 30 ياشقىچە توي قىلالمىغانىدى، بىر ئائىلە كىشىلىرى تۆت ئېغىزلىق كونا ياغاچ ئۆيدە قىستىلىشىپ تۇراتتى. ئادەم كۆپ، يەر ئاز، بايلىق قىس بولغاچقا، ئۇزاق ۋاقىت كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى بولغان خۇڭ جاۋمىڭ سودا قىلىپ كارخانا قۇرغاندىلا، ئائىلىسىدىكىلەرنى ياخشى كۈنگە ئېرىشتۈرەلەيدىغانلىقىنى تونۇپ يەتتى.
بۇنداق ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىش ئەينى چاغدا خۇڭ جاۋمىڭنىڭ ‹‹چۈشىگىمۇ كىرمىگەنىدى››: ئوتىغۇچنى تاشلاپ قايچىنى قولىغا ئېلىپ، ئۆيىنىڭ ئىشىكىنى تۇنجى كىيىم پىچىش ئۈستىلى قىلىپ ياسىغاندىن تارتىپ، 20 – ئەسىرنىڭ 90 – يىللىرىنىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە، ‹‹جىنبا›› شىركىتى 10 مىڭ كىۋادرات مېتىردىن ئارتۇق كۆلەمگە ئىگە سېخى، 300 نەچچە ئىشچىسى بار، تۇراقلىق مۈلكى 10 مىليون يۈەندىن ئاشىدىغان شىركەتكە ئايلاندى.
چەت ئەلدىكى جۇڭگولۇق جۇاڭ چۈيشيەننىڭ ئەسلىي يۇرتى جىنجياڭنىڭ چىڭياڭ بازىرى ليەنيۈ كەنتى بولۇپ، ئۇ ئەينى يىللىرى فىلىپپىندىكى ‹‹تۆمۈر زەنجىر شاھى›› ئىدى. يۇرتداشلىرىنىڭ كۈنلىرىنى ناھايىتى قىيىنچىلىقتا ئۆتكۈزۈۋاتقانلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلغان جۇاڭ چۈيشيەن ھەر قېتىم يۇرتىغا قايتقاندا، ئۇلارغا بىر ياخشى ئىش قىلىپ بېرەتتى: يول بويىغا بىرقانچە چوڭ قازان ئېسىپ، گۆش دۈملەپ، مىفەن ئېتەتتى، يولدىن ئۆتكەن يۇرتداشلار خالىغانچە يەپ، قورسىقىنى راسا تويغۇزۇۋالاتتى.
يۇرتداشلار قورسىقىنى تويغۇزۇپ خۇشال بولغان بىلەن، جۇاڭ چۈيشيەننىڭ ئىچى ئاچچىق بولاتتى، ئۇ: بىرنەچچە ۋاق تويغۇدەك تاماق پەقەت ۋاقىتلىق ئاچلىقنىلا ھەل قىلالايدۇ، كۆپچىلىكنى بېيىتىش ئۈچۈن يەنىلا ئۇزاق مەزگىللىك پىلان تۈزۈش زۆرۈر ئىكەن، دەپ ئويلايتتى. جۇاڭ چۈيشيەن مەبلەغ سالغان ‹‹جىنجياڭ چىڭياڭ ليەنيۈ چەت ئەلدىكى جۇڭگولۇقلار سولياۋ زاۋۇتى›› 1984 – يىلى ۋىۋىسكا ئېسىپ قۇرۇلۇپ، جىنجياڭدىكى تۇنجى تۈركۈمدىكى ‹‹ئۈچ خىل مەبلەغ شەكلى››دىكى كارخانىغا ئايلاندى. ئون يىلدىن كېيىنلا، جىنجياڭدىكى ‹‹ئۈچ خىل مەبلەغ شەكلى››دىكى كارخانا 1000 غا يېقىنلىشىپ، ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتى 8 مىليارد يۈەندىن ئاشتى.
بېسىپ ئۆتكەن يوللار، باشتىن كەچۈرگەن تۈرلۈك بوران – چاپقۇنلارنى ئەسلىسەك، ئىدىيەنى ئۆزگەرتىشنىڭ تەخىرسىزلىكى، ئىسلاھاتتا دادىل – جاسارەتلىك بولۇشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تېخىمۇ ھېس قىلالايمىز.
20– ئەسىرنىڭ 80 – يىللىرىنىڭ باشلىرىدىلا، جىنجياڭ ‹‹بەشكە رۇخسەت قىلىش››، يەنى ئاممىنىڭ مەبلەغ جۇغلاپ كارخانا قۇرۇشىغا رۇخسەت قىلىش، ئىشچى ئىشلىتىشكە رۇخسەت قىلىش، پاي پايدىسىنى تەقسىم قىلىشقا رۇخسەت قىلىش، بازار ئەھۋالىغا قاراپ ئىش كۆرۈشكە رۇخسەت قىلىش، تەمىنات – سودا خادىملىرىنىڭ تەمىنات – سودا سوممىسىغا قاراپ كەسىپ خىراجىتى ئېلىشىغا رۇخسەت قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، يېزا – كەنتلەرنى سانائەتلەشتۈرۈشنىڭ ئۇچقۇنىنى ياندۇردى.
مەملىكەت بويىچە تەنھەرىكەت ئايىغى كەسىپلىرى ئەڭ توپلانغان چېندەي بازىرىنىڭ يىغىن زالىدا ھازىرغا قەدەر بىر لەۋھە ئېسىلغان، ئۇنى 1984 – يىلى فۇجيەن ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتى تەقدىم قىلغان، لەۋھەگە ‹‹يېزا – بازار كارخانىلىرىدىكى بىر تال گۈل›› دېگەن چوڭ خەتلەر يېزىلغان. ئەينى چاغدا چېندەينىڭ يىللىق سانائەت، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى 100 مىليون يۈەندىن ئېشىپ، ئۆلكە بويىچە تۇنجى 100 مىليون يۈەنلىك يېزا – بازارغا ئايلانغانىدى.
تەرەققىيات – ئىلگىرىلەش يولى ئوڭۇشلۇق بولىۋەرمەيدۇ.
1985– يىلى، ‹‹جىنجياڭ ساختا دورا دېلوسى›› پۈتۈن مەملىكەتنى زىلزىلىگە سالدى، يېڭىلا ئىش باشلىغان، تېز يۈكسىلىۋاتقان جىنجياڭ پۇقراۋى كارخانىلىرى كەسكىن سىناققا دۇچ كەلدى، مەملىكەتنىڭ جاي – جايلىرىغا تارقالغان جىنجياڭلىق ‹‹مەھسۇلات ساتقۇچىلار››نىڭ بىردىنلا مېھمانخانىلاردا يېتىشىمۇ بىر مەسىلىگە ئايلاندى.
ئاچچىق ساۋاقنى ئەستە ساقلاش، قايتىدىن ئىش باشلاش. جىنجياڭلىقلار شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ‹‹سەمىمىيلىك ئالتۇن، سەمىمىيلىك جان›› دېگەن ئەقىدىنى تۇرغۇزۇپ، ئالدىن كۆرەرلىك بىلەن يىراقنى كۆزلەپ، ‹‹سۈپەت ئارقىلىق بازاردا پۇت تىرەپ تۇرۇش›› ۋە ‹‹كۇرسلۇق مەھسۇلات ئارقىلىق بازاردا پۇت تىرەپ تۇرۇش›› ئىستراتېگىيەسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ‹‹كىچىك، تارقاق، قالايمىقان، ئارىلاش›› ئاۋام كەسىپ ھالىتىنى بىرلەشتۈرۈپ، بازارنى زورايتىشقا ئىنتىلىش بىلەن بىللە، سۈپەتنى ياخشىلاش، كارخانىنى كۈچەيتىش، كۇرسلۇق مەھسۇلاتنى ئىشلەپچىقىرىشتا چىڭ تۇردى.
باشلامچى بولۇپ ماڭغان جىنجياڭ ھەمىشە باشقىلاردىن ئاۋۋال زىددىيەتكە، قىيىن ئۆتكەلگە دۇچ كەلدى، شۇنداقلا دائىم ئۆتكەلنى دادىل بۆسۈپ ئۆتۈپ، توختاۋسىز ئىلگىرىلىدى.
خۇددى جەنۇبىي فۇجيەننىڭ تەمسىللىرىدە دېيىلگەندەك ‹‹تاقىر يەردە زىرائەت ئۈنمىسە، ئالتۇن ئۈنۈشى مۇمكىن››. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، جىنجياڭ چۈەنجوۋ، فۇجيەن، ھەتتا پۈتۈن مەملىكەت بويىچە باشتىن – ئاخىر تەرەققىياتى ئەڭ تېز، ئەڭ ھاياتىي كۈچكە تولغان ناھىيەلەرنىڭ بىرى بولۇپ كەلدى.
جىنجياڭنىڭ خاس تەرەققىيات يولى نېمە؟ 20 – ئەسىرنىڭ 90 – يىللىرى ئىلىم ساھەسىدىكى مۇتەخەسسىسلەر بازار ئىگىلىكى، سىرتقا يۈزلەنگەن ئىقتىساد، پاي ھەمكارلىق تۈزۈمىنى ئاساس قىلغان، كۆپ خىل ئىگىلىك تەركىبلىرى ئورتاق تەرەققىي قىلىدىغان مەشھۇر ‹‹جىنجياڭ ئەندىزىسى››نى يەكۈنلەپ چىقتى. پۈتۈن مەملىكەتكە نەزەر سالساق، ‹‹جىنجياڭ ئەندىزىسى›› ئۆز كارامىتىنى نامايان قىلىشقا باشلىغاندا، جۇجياڭ دېلتىسى، جەنۇبىي جياڭسۇ، ۋېنجوۋ قاتارلىق جايلار ئۆز يېرىنىڭ ئەمەلىيىتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان يېزا – كەنتلەرنى سانائەتلەشتۈرۈش يولىدا ئىزدىنىۋاتاتتى.
ئەمەلىيەت ئىدىيەنىڭ مەنبەسى، ئىدىيەنىڭ نۇرى ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىدۇ.
كۈنسېرى يېڭىلىنىۋاتقان ‹‹جىنجياڭ سۈرئىتى››دىن ‹‹ئۈچ ئاساس، بىر ئورتاق›› بولغان ‹‹جىنجياڭ ئەندىزىسى››گىچە، ئاندىن ‹‹ئالتىدە باشتىن – ئاخىر چىڭ تۇرۇش، بەش مۇناسىۋەتنى توغرا بىر تەرەپ قىلىش››تىن ئىبارەت ‹‹جىنجياڭ تەجرىبىسى››گىچە، يەنى مەۋقە جىنجياڭغا قويۇلۇپ جىنجياڭغا نەزەر سېلىندى، شۇنداقلا جىنجياڭنىڭ سىرتىدا تۇرۇپ جىنجياڭغا نەزەر سېلىندى؛ ئىلگىرىكى مۇۋەپپەقىيەت ۋە مەغلۇبىيەت يەكۈنلەندى، شۇنداقلا كەلگۈسىدىكى تەرەققىيات يۈزلىنىشى تېخىمۇ ئىگىلەندى؛ جىنجياڭ تەرەققىياتىنىڭ باشلامچىلىق ۋە يېتەكچىلىك ئەھمىيىتى كۆرسىتىپ بېرىلدى، شۇنداقلا جىنجياڭنىڭ تەرەققىياتتا دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ، ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىشىغا ئىلھام بېرىلدى.
2017– يىلى، جىنجياڭنىڭ رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 198 مىليارد 150 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بىر ناھىيەلا پۈتۈن فۇجيەن ئۆلكىسى ئىقتىساد ئومۇمىي مىقدارىنىڭ ئون ئالتىدىن بىر ئۆپچۆرىسىنى ئىگىلىدى. 10 مىليارد يۈەنلىك كارخانىلاردىن تارتىپ 100 مىليارد يۈەنلىك كارخانىلار توپى شەكىللەنگىچە؛ ياسىمىچىلىق بازىسىدىن كۇرسلۇق مەھسۇلات مەركىزى، تەنتەربىيە شەھىرىگە قاراپ يۈرۈش قىلىشقىچە...‹‹جىنجياڭ تەجرىبىسى›› ئوتتۇرىغا قويۇلغاندىن بۇيانقى 16 يىلدا، جىنجياڭ ‹‹ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشنى ئىسلاھات ۋە تەرەققىياتنىڭ تۈپ يۆنىلىشى قىلىشتا باشتىن – ئاخىر چىڭ تۇرۇپ››، ناھىيە ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچى جەھەتتە داۋاملىق ‹‹ئۆلكە بويىچە 1 – ناھىيە›› ۋە ‹‹مەملىكەت بويىچە ئون كۈچلۈك ناھىيە›› بولۇپ، مەملىكەت بويىچە ناھىيەلەرنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدىكى ئۈلگىلىك ناھىيە، ئوتتۇرا – كىچىك شەھەرلەر قۇرۇلۇشىدىكى ئۆرنەككە ئايلاندى.
فۇجيەن چۈەنجوۋ شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى كاڭ تاۋ مۇنداق دېدى: ‹‹جىنجياڭ تەجرىبىسى›› دىيالېكتىكىنىڭ جەۋھىرىنى تولۇق گەۋدىلەندۈردى، ‹‹ئالتىدە باشتىن – ئاخىر چىڭ تۇرۇش››تەك مۇھىم ئىلھام ئەينى يىللىرى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغان كاتتا دەۋر بىلەن چۈەنجوۋ، فۇجيەننىڭ ئالدىن تەرەققىي قىلىش ئىرادىسىنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈشتەك ئىستراتېگىيەلىك ئىگىلەشنى نامايان قىلدى، ‹‹بەش مۇناسىۋەتنى توغرا بىر تەرەپ قىلىش››تەك مۇھىم ھۆكۈم كېيىن تەرەققىي قىلىپ ئېشىپ كەتكەن رايونلارنىڭ ‹‹بېيىش››تىن ‹‹قۇدرەت تېپىش››قىچە بولغان ئىستراتېگىيەلىك تىپ ئۆزگەرتىشىدىكى پارلاق يولنى كۆرسىتىپ بەردى.
جىنجياڭ شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى ليۇ ۋېنرۇ مۇنداق دېدى: تەرەققىيات جەريانىدا شۇنى چوڭقۇر ھېس قىلدۇقكى، ‹‹جىنجياڭ تەجرىبىسى›› جىنجياڭنىڭ سىجىل تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولغان ھەرىكەت كۆرسەتمىسى ۋە غەلىبە ئەڭگۈشتەرى، بۇ، جىنجياڭنى توغرا يولنى بويلاپ ئۈزلۈكسىز يېڭى غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈشكە يېتەكلىمەكتە.
‹‹تىرىشىپ – تىرمىشىپ ئۇتۇق قازىنىش››تىن ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلىشقىچە: داۋاملىق كۈرەش قىلىپ دەۋر دۇمبىقىنىڭ رىتىمىغا ئەگىشىپ، ئىسلاھاتتا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق قىيىن ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ ئىلگىرىلەش
2017– يىلىنىڭ بېشىدا، بىر پارچە سۈرەت ئۈندىدار دوستلار چەمبىرىكىدە كۈچلۈك داغدۇغا قوزغىدى: نەچچە ئون مىليارد يۈەن مۈلكى بار ‹‹خېڭئەن›› گۇرۇھىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى شۈ ليەنجيې ئايروپورتنىڭ ئايروپىلان كۈتۈش زالىدا تەييار چۆپ يەۋاتاتتى. بۇ سۈرەتكە 65 ياشلىق ‹‹جەنۇبىي فۇجيەندىكى پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ پېشۋاسى››نىڭ ‹‹پېنسىيەگە چىقىش››تىن ۋاز كېچىپ، قايتا سودىغا ئاتلانغانلىقىدەك مەزمۇن يوشۇرۇنغانىدى.
شۈ ليەنجيې 13 يېشىدىن باشلاپ ‹‹سېۋەت كۆتۈرۈپ ئۇششاق تىجارەت قىلغان››، ھازىرغىچە تاتلىقياڭيۇ شوۋىگۈرۈچى ئىچىشنى ياخشى كۆرىدىغان جىنجياڭدىكى بۇ ‹‹بىر ئەۋلاد ئىگىلىك تىكلىگۈچى›› ئۆزىنىڭ سودىغا قايتا ئاتلانغانلىقىنى مۇنداق چۈشەندۈردى: ‹‹خېڭئەن››نىڭ سېتىش مىقدارى بىر مەھەل تۆۋەنلەپ كەتتى، كارخانىنىڭ قۇرغۇچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، كۆپچىلىك بىلەن قىيىن ئۆتكەلدىن بىللە ئۆتۈش باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتىم. مېنىڭ 1 – سەپكە قايتىشىم پۇل ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ‹‹خېڭئەن››نىڭ 100 يىلدا 100 مىليارد يۈەنلىك مۈلۈك يارىتىشتەك تەرەققىيات پىلانى ئۈچۈندۇر.
‹‹ئىشنىڭ ئۈچ ئۈلۈشى تەلەيگە، يەتتە ئۈلۈشى تىرىشچانلىققا باغلىق››. جىنجياڭدىكى ھەممە ئادەم ئېيتالايدىغان جەنۇبىي فۇجيەن تىلىدىكى ‹‹تىرىشىپ – تىرماشقاندىلا ئۇتۇق قازانغىلى بولىدۇ›› دېگەن بۇ ناخشا جىنجياڭلىقلارنىڭ ئەڭ قىممەتلىك ھايات مىزانىنىڭ يۇغۇرۇلمىسىدۇر.
جىنجياڭلىقلارنىڭ ئېلىشىش روھى ۋە مۇۋەپپەقىيەت مەخپىيىتىنى داڭلىق جەمئىيەتشۇناس فېي شياۋتۇڭ مېغىزلىق قىلىپ مۇنداق يىغىنچاقلىغانىدى: ئۇنىڭدا چەت ئەلدىكى جىنجياڭلىقلارنىڭ سىرتقا چىقىپ يول ئىزدەش ئەنئەنىسى ۋە ھازىرقى نامرات ھالەتنى ئۆزگەرتىپ بېيىشقا بولغان كۈچلۈك ئارزۇسى مۇجەسسەملەنگەن. فېي شياۋتۇڭنىڭ قارىشىچە، بۇ جىنجياڭ ئىقتىسادىدىكى ‹‹ئەڭ جانلىق، ئەڭ جۇشقۇن، ئەڭ ماھىيەتلىك نەرسە ئىكەن››.
فۇجيەن ئۆلكىسىدە، ‹‹ئۇخلىيالمايدىغان جىنجياڭلىقلار›› دېگەن گەپ بار. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ چوڭ دولقۇنىدا، جىنجياڭدىكى كەڭ كادىرلار، ئامما ۋە كارخانىچىلار بازار رىقابىتى ئەڭ كەسكىن، قوشۇلما قىممىتى ئەڭ تۆۋەن ئەنئەنىۋى ياسىمىچىلىق ساھەسىدە ئىزچىل تىرىشىپ – تىرمىشىپ، ‹‹قەيسەرلىك بىلەن ئېلىشىش جەريانىدا غەلىبە قازىنىشتا باشتىن – ئاخىر چىڭ تۇرۇپ››، ئوڭۇشسىز ئەھۋالدىمۇ تىرىشىپ – تىرمىشىش، ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغاندىمۇ ۋاز كەچمەسلىكنى جىنجياڭلىقلارنىڭ روشەن ئالاھىدىلىكىگە ئايلاندۇرغان.
جىنجياڭلىقلارنىڭ ‹‹ئېلىشىش››ى ئالدى بىلەن بىر خىل چىڭ تۇرۇش، كەسىپتە، ئۆز كەسپىدە، ئاساسلىق كەسىپتە چىڭ تۇرۇش ھېسابلىنىدۇ.
بىر جۈپ ئاياغ، بىر پارچە قەغەز، بىر تال كەمپۈت، بىر كۈنلۈكنىڭ كويىدا بولۇش... خەلق تۇرمۇشىغا كېرەكلىك مەھسۇلاتلار ياسىمىچىلىقىنى ئاساس قىلغان ئەمەلىي ئىقتىساد جىنجياڭ سانائىتىنىڭ ئۇلى. كۆپ يىللاردىن بۇيان، سىرتقى بازار ئۆزگىرىشى، ئەمگەك كۈچى تەننەرخىنىڭ ئۆرلىشى قاتارلىق سىناقلار ئالدىدا، ئەمەلىيەتتىن ئايرىلىپ مەۋھۇملۇققا يۈزلەنگەن ‹‹كۆچمە كاپىتال››، ‹‹تېز كاپىتال›› قاتارلىقلارنىڭ قىزىقتۇرۇشى ئالدىدا، جىنجياڭدىكى كارخانىچىلار زېھنىنى مەركەزلەشتۈرۈپ، ‹‹ئېغىزدا دېگەندىن ئەمەلىيەتتە قىلغان ئەلا، قىلغان ئىكەن چوقۇم ئەڭ ياخشى قىلىش كېرەك›› دېگەن غايە ئىنتىلىشىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسەتتى.
‹‹ئەنتا››نىڭ ھېكايىسىمۇ دەل مۇشۇنداق. 1980 – يىلى، جىنجياڭلىق دېھقان دىڭ خېمۇ ئۆيىدىكى پۇلغا يارايدىغان ھەممە بىساتىنى سېتىۋېتىپ، 1000 يۈەن پۇل غەملەپ ئائىلە ھۈنەرۋەنچىلىكى بىلەن ئىگىلىك تىكلەشنى باشلىدى. 1991 – يىلى، ‹‹ئەنتا›› شىركىتى قۇرۇلدى، ‹‹ئەنتا›› دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى ‹‹كىيسىڭىز ناھايىتى بىخەتەر، قەدەمنى پۇختا باسقىلى بولىدۇ›› دېگەنلىك ئىدى.
1995– يىلى، دىڭ خېمۇ 2 – سەپكە چېكىندى، ئوغلى دىڭ شىجۇڭ ئۇنىڭ ئىزىنى باستى، ‹‹ئەنتا››غىمۇ ‹‹خاتىرجەم ئىگىلىك تىكلەش، ئەستايىدىل ئادەم بولۇش›› دېگەن يېڭى مەنا قوشۇلدى. 600 جۈپ ئاياغ بىلەن بېيجىڭدا سەرسان بولۇپ يۈرۈشتىن ھازىرقى بازار قىممىتى 100 مىليارد شياڭگاڭ پۇلى بولغان مىللىي ماركىنى ياراتقۇچە، دىڭ شىجۇڭ ۋە ئۇنىڭ ‹‹ئەنتا›› شىركىتى ‹‹بىرگە دىققەتنى مەركەزلەشتۈرۈش›› ئىستراتېگىيەسىدە باشتىن – ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، ‹‹ھەربىر جۈپ ئاياغ››نى مۇكەممەل تىكىشكە ئىنتىلدى.
جىنجياڭلىقلارنىڭ ‹‹جان تىكىپ ئىشلەش›› روھى يول ئېچىشقا ۋە سىناق قىلىشقا جۈرئەت قىلىشىدا، دادىل يېڭىلىق يارىتىشىدا تېخىمۇ گەۋدىلەندى.
جىنجياڭ كارخانىلىرىنىڭ تەرەققىيات تارىخىدا، ئىلگىرى ئىككى قېتىم بىر – بىرى بىلەن رىقابەتلىشىش، بىر – بىرى بىلەن بەسلىشىشتەك ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش سىنىقى: پېيىنى بازارغا سېلىش دولقۇنى بىلەن كۇرسلۇق مەھسۇلات يارىتىش دولقۇنى بولغان. دەل مۇشۇ ئىككى تۈرتكە جىنجياڭدىكى پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى زور دەرىجىدە ئىلگىرى سۈردى. ‹‹مەۋقەنى ئۆز يېرىنىڭ ئەۋزەللىكىگە قويۇش ۋە ئۆز يېرىنىڭ شارائىتىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان ئەڭ ياخشى ئۇسۇل ئارقىلىق ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى تېزلىتىشتە باشتىن – ئاخىر چىڭ تۇرۇش›› ‹‹جىنجياڭ ياسىمىچىلىقى››نى تەلتۆكۈس ئۆزگەرتىش، پۇرسەتكە ئېرىشىشكە تۈرتكە بولدى.
1998– يىلى ‹‹خېڭئەن›› شىركىتىنىڭ پېيى شياڭگاڭدا بازارغا سېلىنىپ، جىنجياڭدىكى پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ پېيىنى بازارغا سېلىش دولقۇنىنىڭ كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولدى. جىنجياڭ شەھىرى ۋەزىيەتكە قاراپ ئىش تۇتۇپ، مەخسۇس ‹‹پاينى بازارغا سېلىش ئىشخانىسى›› قۇرۇپ، كارخانىلارنى تۈزۈلمىسىنى ئۆزگەرتىپ، پېيىنى بازارغا سېلىشقا يېتەكلەپ، كاپىتال بازىرىنىڭ ‹‹جىنجياڭ بۆلىكى››نى شەكىللەندۈردى، ھازىرغىچە، جىنجياڭدىكى پېيى بازارغا سېلىنغان شىركەت 46گە يېتىپ، سان جەھەتتە مەملىكەت بويىچە ناھىيەلەرنىڭ ئالدىنقى قاتارىغا ئۆتتى.
ھازىر جىنجياڭدا توقۇمىچىلىق، كىيىم – كېچەك، ئاياغ ئىشلەپچىقىرىشتىن ئىبارەت 100 مىليارد يۈەندىن ئاشىدىغان ئىككى كەسىپ توپى ۋە 10 مىليارد يۈەندىن ئاشىدىغان بەش يېمەكلىك، ئىچىملىك كەسىپ توپى شەكىللەندى، شەھەر بويىچە جۇڭگونىڭ 42 داڭلىق ماركىسى، جۇڭگونىڭ 13 تۈرلۈك كۇرسلۇق مەھسۇلاتى بار.
ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشتا، ھەم مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىلەرگە ۋارىسلىق قىلىش، تېخىمۇ مۇھىمى دەۋر يېڭى تېمىسىغا جاۋاب بېرىش كېرەك.
ئەنئەنىۋى كەسىپلەردە قانداق قىلغاندا كونىلىرىنى چىقىرىپ تاشلاپ، يېڭىلىرىنى بارلىققا كەلتۈرگىلى بولىدۇ، يۇقىرى تەننەرخ مۇھىتىنى قانداق قىلغاندا كەسىپكە، ئولتۇراقلىشىشقا ماسلاشتۇرغىلى بولىدۇ، يېڭىچە شەھەر – بازارلاشتۇرۇشتا قانداق قىلغاندا ئادەمنى ئاساس قىلىشنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدۇ، بۇ جەرياندا ‹‹جىنجياڭ تەجرىبىسى›› ئۈزلۈكسىز دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ، ئۈزلۈكسىز قىيىنچىلىقنى يېڭىپ ئىلگىرىلەپ، دەسلەپكى نوقۇل ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىن كەسىپ، شەھەر، ئېكولوگىيە، مەدەنىيەت قاتارلىقلارنى ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلدۇرۇشقا كېڭەيدى.
ــــ كەسىپلەرنىڭ تىپى ئۆزگەرتىلىپ، دەرىجىسى ئۆستۈرۈلدى.
جىنجياڭدىكى ‹‹خۇڭشەن›› مەدەنىيەت ئىجادىيىتى باغچىسىغا يېرىمى مۇسكۇل، يېرىمى مېخانىكىلىق كەركىدان ھەيكىلى قويۇلغان بولۇپ، ‹‹جىنجياڭ ياسىمىچىلىقى››نىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنىڭ جانلىق كارتىنىسىغا ئايلانغان: ھەم ئەنئەنە چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزۇلغان، مودىغا تېخىمۇ كەڭ قۇچاق ئېچىلغان بولۇپ، ياسىمىچىلىققا لايىھە، ئەقلىي ئىقتىدار، مەدەنىيەت ئىجادىيىتى قاتارلىق يېڭى ئامىللار سىڭدۈرۈلۈپ، 2 – كەسىپ بىلەن 3 – كەسىپنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇنغان.
ــــ شەھەر – يېزىلارنىڭ قىياپىتى ئۆزگەرتىلدى.
يېزىلارنى سانائەتلەشتۈرۈشنىڭ بالدۇر گۈللىنىشى يەنە شەھەرلەشتۈرۈش ئارقىدا قېلىشتەك تەرەققىيات كەمتۈكلۈكىنى قالدۇردى. جىنجياڭ شەھىرى ئاغرىش نۇقتىسىغا بىۋاسىتە يۈزلىنىپ، ‹‹خەلق ئۈچۈن شەھەر قۇرۇش، خەلق ئۈچۈن شەھەر باشقۇرۇش، خەلق ئۈچۈن شەھەر بەرپا قىلىش›› ئىدىيەسىگە ئاساسەن، ‹‹شەھەر بىر گەۋدە بولۇش، شەھەر – يېزا بىر گەۋدىلەشكەن بولۇش›› ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە شەھەر قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ‹‹شەھەر دېسە شەھەرگە ئوخشىمايدىغان، يېزا دېسە يېزىغا ئوخشىمايدىغان›› ‹‹ئالاھىدە چوڭ بازار››لارنىڭ كونا قىياپىتىنى ئۆزگەرتىپ، ‹‹يەرلىكتىكىلەر مېھرىنى ئۈزەلمەيدىغان، باشقا جايدىكىلەر تەلپۈنىدىغان›› ئوتتۇرا، كىچىك شەھەرلەر ئۈلگىسىنى كۈچەپ بەرپا قىلدى.
ــــ خەلق تۇرمۇشى زور دەرىجىدە ياخشىلاندى، بەخت تۇيغۇسى زور دەرىجىدە ئاشۇرۇلدى.
‹‹تەمىناتنى باراۋەرلەشتۈرۈش، كاپالەت بىلەن ئومۇميۈزلۈك قاپلاش››، ‹‹كەلگەنلەرنىڭ ھەممىسى جىنجياڭلىق، جىنجياڭدىكىلەرنىڭ ھەممىسى بىر ئائىلە كىشىلىرى بولۇش››، ‹‹شەھەر بىلەن يېزا – كەنتلەر ئوخشاش بولۇش، يېڭىدىن كەلگەنلەر ۋە يەرلىك جىنجياڭلىقلار ئوخشاش بولۇش››... شۇ يەردە تارقىلىپ يۈرگەن بۇ شوئارلار يەنە ‹‹ئىشلەمچى›› لوشۇشېڭنىڭ ‹‹يېڭى جىنجياڭلىق›› بولغاندىن كېيىنكى ھەقىقىي ھېس قىلغانلىرى.
‹‹جىنجياڭ تەجرىبىسى››دىن ‹‹چۈەنجوۋ ھادىسىسى››گىچە: دېڭىز بويىدىكىلەر تاغلىق رايوندىكىلەرگە تۈرتكە بولۇش، ئالدىن بېيىغانلار كېيىنكىلەرنىڭ بېيىشىغا تۈرتكە بولۇش، بىر رايون ئومۇمىي ۋەزىيەتكە تۈرتكە بولۇش
جىنجياڭ چۈەنجوۋدا تەجرىبىلەرنى ئورتاق ياراتتى.
كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغىنى، ‹‹جىنجياڭ تەجرىبىسى›› دەۋر بىلەن تەڭ ئىگىرىلەپ، سىجىل يېڭىلىق يارىتىپ، تەرەققىي قىلىپلا قالماي، بوشلۇق جەھەتتە ناھىيە دائىرىسىدىن چىقىپ تەسىرى تېخىمۇ كەڭ بولغان ئەمەلىي پايدىلىنىش بايلىقىغا ۋە ئىدىيە بايلىقىغا ئايلاندى.
قازان بېشىدا بولساڭ، ئاغزىڭ بالدۇر ئاشقا تېگىدۇ، چۈەنجوۋ شەھىرى ‹‹جىنجياڭ تەجرىبىسى››نىڭ ئالدىن ئەمەلىيەتتە كۆرسەتكۈچىسى ۋە يولغا قويغۇچىسى بولدى، چۈنكى ناھىيە ئىقتىسادى گۈللەنگەن، كەسىپ ئالاھىدىلىكى روشەن، پۇقراۋى كارخانا، داڭلىق كارخانىلار كۆپ بولۇش ‹‹چۈەنجوۋ ھادىسىسى››، دەپ تەرىپلەندى.
شىشى كىيىم – كېچەكلىرى، دېخۇا فارفۇرلىرى، نەنئەن پار، ھاجەتخانا، مۇنچا ئۈسكۈنىلىرى، خۇيئەن تاش ھەيكەل، ئىمارەتلىرى، ئەنشى چېيى، تۆمۈر ھۈنەر – سەنئەت بۇيۇملىرى... كۆپ يىلدىن بۇيان، ‹‹جىنجياڭ تەجرىبىسى›› فۇجيەن ئۆلكىسى، چۈەنجوۋ شەھىرى سىجىل ئىلگىرى سۈرگەن ناھىيە ئىقتىسادىي تەرەققىياتى، تاغلىق رايونلار بىلەن دېڭىز بويى رايونلىرىنىڭ ھەمكارلىقى قاتارلىق ئىستراتېگىيەلەر، كەسىپ زەنجىرى ئىش تەقسىماتى، ئىشلەپچىقىرىش، تەمىنلەش، سېتىش ھەمكارلىقى قاتارلىقلار ئارقىلىق تېز سۈرئەتتە ئەتراپتىكى ناھىيەلەرگە كېڭىيىپ، كەسىپلەر توپىدا ‹‹بىر ناھىيەنى ئاساس قىلىش، كۆپ ناھىيەگە تارقىلىش، مۇكەممەل يۈرۈشلەشكەن بولۇش›› ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈردى.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئەنئەنىۋى ياسىمىچىلىق كەسپىدە بايلىق چەكلىمىسى چىڭ بولۇش، ئوخشاش تۈردىكىلەر رىقابىتى، يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى يېتەرسىز بولۇش مەسىلىلىرىگە ئاساسەن، چۈەنجوۋ شەھىرى ئىشنى ‹‹رەقەملىك كونترول قىلىنىدىغان بىر ئەۋلاد››، كەسىپ ئېكولوگىيە چەمبىرىكى، پۇل مۇئامىلە ئېكولوگىيەسىدىن باشلاپ تۇتۇپ، ئەنئەنىۋى ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىدىكى ‹‹پۈتۈن تەرتىپنى ياخشىلاش، تولۇق زەنجىرلىك ھەمكارلىشىش، تولۇق ئامىللىق بىرلىشىش››نى ئىلگىرى سۈرۈپ، كۆچۈپ كېتەلمەيدىغان ئەۋزەللىكنى ۋە كەسىپ ئۈستۈنلۈكى جەھەتتىكى رىقابەت كۈچىنى ھازىرلىدى.
خېڭئەن گۇرۇھىنىڭ يېڭىچە تۇرمۇش بۇيۇملىرى ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئىشلەپچىقىرىش بازىسىغا بارسىڭىز، ئادەتتە كىشىلەر زاۋۇتقا كىرىپ – چىقىۋاتقان ئاۋات مەنزىرىنى كۆرگىلى بولمايدۇ. بازا مەسئۇلى مۇنداق دېدى: بۇ يەردىكى ئۈسكۈنىلەر گېرمانىيە، ياپونىيە، ئىتالىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، ئومۇمىي سېلىنمىسى 100 مىليون دوللاردىن ئاشىدۇ. ئىشلەپچىقىرىش ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇلغاندىن كېيىن، سۈپەتسىز مەھسۇلات نىسبىتى ئەسلىدىكى % 3تىن % 1كە چۈشتى، لېكىن ئىشلەيدىغان ئادەم سانى زور دەرىجىدە ئازايدى. ئادەم ئەڭ كۆپ ئىشلەيدىغان ئوراش ھالقىسىدا، ئىلگىرى 20 ئادەم ئىشلەيتتى، ھازىر بەش ئادەم بولسىلا كۇپايە، ئامباردا ساقلاش ھالقىسىدا ئاپتوماتىك مال توشۇلىدۇ، ئاساسىي جەھەتتىن مال توشۇغۇچى كەتمەيدۇ.
فۇجيەننىڭ دېڭىز بوغۇزىدىكى گىرافىت، ئالكېن سانائىتى تېخنىكا تەتقىقات ئورنى، جىنخۇا توپلاشتۇرۇلغان توك يولى سانائەت رايونى، جۇڭكې بىيولوگىيە ئۆسۈملۈكلەر زاۋۇتى... يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، چۈەنجوۋ قۇرۇلمىنى تەڭشەپ، كەسىپتە ‹‹ئىككى پۇت›› بىلەن مېڭىشقا كۈچەپ، ‹‹ئۆزىگە تايىنىپ زورىيىپ››لا قالماستىن، يەنە ‹‹سىرتتىن بايلىق كىرگۈزۈش››كە كۈچ چىقىرىپ، ‹‹ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش بىلەن چوڭ كارخانىلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى، يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش بىلەن ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ››، زور ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، كەسىپنىڭ تۆۋەن ھالەتكە چۈشۈپ قېلىشىدەك قىيىن ئەھۋالدىن قۇتۇلدى.
كاڭ تاۋ مۇنداق دېدى: چۈەنجوۋ ئەمەلىي ئىقتىسادقا تايىنىپ باش كۆتۈرگەن، شۇنداقلا ئەمەلىي ئىقتىسادقا تايىنىپ كەلگۈسىگە يۈزلىنىدۇ. تىپىنى ئۆزگەرتىپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، قۇرۇلمىنى تەڭشەشكە تۈرتكە بولۇش ھەرگىزمۇ ئەمەلىي ئىقتىسادنى ئاجىزلاشتۇرۇش، كۆلەمنى كىچىكلىتىش دېگەنلىك ئەمەس، بەلكى كەڭ كارخانىچىلارنى ئوقەتچىلىك ئەسلىي مەقسىتىدە قەتئىي چىڭ تۇرۇپ، تېخىمۇ زور ئارزۇغا ئىنتىلىپ، گۈللەنمە كەسىپلەر ساھەسىدە ھالقىشقا، دۇنيادا ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغان كارخانىلار بىلەن رىقابەتلىشىشكە، جەمئىيەتكە مۇلازىمەت قىلىش مەسئۇلىيىتىنى زىممىسىگە ئېلىشقا جۈرئەت قىلىشقا يېتەكلەپ، كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىنى، شەخسىي غايىسىنى مىللەتنىڭ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت ئۇلۇغ ئەمەلىيەتكە سىڭدۈرۈش كېرەك، دېگەنلىك.
كىچىك كارخانىلاردىن، يېنىك سانائەتنى ئاساس قىلىشتىن چوڭ كارخانىلارغا، زامانىۋى كەسىپ توپىغا قاراپ مېڭىشنى تېزلىتىشكىچە؛ يېزا – كەنتلەرنى سانائەتلەشتۈرۈشتىن، نۇقتىلىق بازار، مەركىزىي بازارلاردىن شەھەرلەرنى چوڭ كۆلەمدە كېڭەيتىشكىچە، گۈزەل يېزا – كەنت قۇرۇلۇشى ۋە ‹‹شەھەرلەرنى قوش تۈزەش››نى يولغا قويۇشنى دۆلەت نۇقتىدا سىناق قىلىشقىچە... چۈەنجوۋنىڭ ئۇنىۋېرسال ئەمەلىي كۈچى ئۈزلۈكسىز يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلدى، ئىقتىساد ئومۇمىي مىقدارى فۇجيەن ئۆلكىسى بويىچە ئۇدا 19 يىل ئالدىنقى ئورۇندا تۇردى؛ شۇنىڭ بىلەن بىللە، ‹‹جىنجياڭ تەجرىبىسى››نى كۆپەيتىش ۋە كېڭەيتىش تېزلىتىلىپ، شەھەر بويىچە بەش ناھىيە مەملىكەت بويىچە 100 كۈچلۈك ناھىيە قاتارىغا كىردى.
فۇجيەندە ‹‹تاغ كۆپ، سۇ قىس، يەر ئاز›› بولۇپ، تاغ بىلەن دېڭىز، شەھەر بىلەن يېزىلارنىڭ تەرەققىياتىدا پەرق مەۋجۇت. فۇجيەندىكى ناھىيە ئىقتىسادىنىڭ باشلامچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، جىنجياڭ دېڭىز بويلىرىغا يۈرۈش قىلىش ئارقىلىق تاغلىق رايونلارغا تۈرتكە بولۇش، ئالدىن بېيىغانلار كېيىنكىلەرنىڭ بېيىشىغا تۈرتكە بولۇشتەك ئورتاق تەرەققىيات يولىدا مېڭىشتا باشتىن – ئاخىر چىڭ تۇردى.
فۇجيەننىڭ غەربىدىكى تاغلىق رايونغا جايلاشقان جىنجياڭ (چاڭتىڭ) سانائەت رايونىغا بارسىڭىز، قاتار – قاتار زامانىۋى زاۋۇت ئۆيلىرى قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ، يۈك ئاپتوموبىللىرى توختىماي مېڭىپ تۇرىدۇ. پىلاندىكى كۆلىمى 15 مىڭ مو بولغان بۇ سانائەت رايونى ئالتە يىل ئىلگىرى ۋىۋىسكا ئېسىپ قۇرۇلغان، جىنجياڭ مەبلەغ، تېخنىكا، سودىگەر چاقىرىش بايلىقى بىلەن تەمىنلەشنى قوللاپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك توقۇمىچىلىق، يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى ئىنچىكە پىششىقلاشنى نۇقتىلىق تەرەققىي قىلدۇردى. ھازىر، سانائەت رايونىغا 25 كارخانا ماكانلاشتى، بۇنىڭ ئىچىدە 100 مىليون يۈەندىن يۇقىرى كۆلەملىك كارخانا يەتتە بولۇپ، 3000دىن ئارتۇق كىشى مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتى، بۇلارنىڭ ئىچىدە نامرات ئاھالە 326 كىشى.
چاڭتىڭ ناھىيەسى مەشھۇر كونا ئىنقىلابىي رايون، شۇنداقلا فۇجيەن ئۆلكىسى بويىچە يۆلەش – ئېچىشتىكى نۇقتىلىق 23 ناھىيەنىڭ بىرى. 2012 – يىلى، فۇجيەن ئۆلكىسى جىنجياڭنى چاڭتىڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىدىغان ناھىيە قىلىپ بېكىتىپ، تۈر، بايلىق، مېخانىزم جەھەتتە جىپسىلاشتۇرۇش، چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇش سالمىقىنى زورايتتى. چاڭتىڭ ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ ئىككى تۈركۈمدە 16 كادىرنى جىنجياڭغا تەجرىبە ئۆگىنىشكە ئەۋەتتى؛ 2017 – يىلى فۇجيەندىكى ناھىيە(شەھەر)لەرنىڭ ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچى تىزىملىكىدە، جىنجياڭ ئۇدا ئون كۈچلۈك ناھىيە ئىچىدە 1 – بولدى، چاڭتىڭ ئون ياخشى ناھىيە قاتارىغا كىردى.
‹‹ئايماق، ناھىيەلەر ياخشى ئىدارە قىلىنسا، جاھان ئەمىن تاپىدۇ››. ناھىيە ئىقتىسادىنىڭ تەڭ يۈكسىلىشى، يەرلىكتىكى ئەۋزەل كەسىپلەرنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىپ زورىيىشى چۈەنجوۋ بىلەن فۇجيەننىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى. ھالبۇكى، تاغلىق رايونلار بىلەن دېڭىز بويىدىكى رايونلارنىڭ ھەمكارلىقى، نىشانلىق ياردەم بېرىش، نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش قاتارلىق دۆلەتنىڭ بىر قاتار ماكرولۇق سىياسىتىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، ‹‹جىنجياڭ تەجرىبىسى››دىن ئىبارەت بۇ قىممەتلىك بايلىق ئۈزلۈكسىز كۆپىيىپ، بىپايان جۇڭگو زېمىنىدا تېخىمۇ كۆپ ئىز قالدۇردى.
2007– يىلى، جىنجياڭلىق سودىگەر چېن دېچى 15 مىنۇت ۋاقىتتا قارار چىقىرىپ، 200 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، نىڭشيادىكى خېلەنشەن تېغى شەرقىي ئېدىرلىقىدىكى 100 مىڭ مو قاقاسلىقنى ھۆددىگە ئېلىش توختامى ئىمزالىدى. ئون نەچچە يىلدىن بۇيان، ئۇ ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ 1 مىليارد 600 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ گىياھ ئۈنمەيدىغان يەرگە 5 مىليون تۈپتىن ئارتۇق ئۈزۈم تېلى كۆچىتى تىكتى، 50 مىڭ مودىن ئارتۇق قاقاسلىقنى ئېچىپ، شۇ جايدىكى 3000دىن ئارتۇق ئاممىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ياردەم بەردى.
جىنجياڭلىقلاردا ئەزەلدىن ئومۇمنىڭ ئىشىنى جان كۆيدۈرۈپ ئىشلەيدىغان، كىشىلەرگە ياردەم بېرىدىغان ۋە ياخشىلىق قىلىدىغان ئەنئەنە بار. جىنجياڭلىقلار بېيىغاندىن كېيىن، بۇ ئەنئەنىنى يەنىمۇ جارى قىلدۇرۇپ، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىدىن تارتىپ ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ تەرەققىياتىغىچە، قىيىنچىلىقتا قالغانلارنى يۆلەيدىغان، قىزغىنلىق بىلەن تۆھپە قوشىدىغان نۇرغۇن ئۈلگىلەرنى بارلىققا كەلتۈردى.
24 يىل ئىلگىرى، جىنجياڭ كارخانىچىلار ۋە ئاممىنىڭ ساداسىغا قۇلاق سېلىپ، كۆپ تەرەپلىمە تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ئارقىلىق جىنجياڭ ئايرودۇرۇمىنىڭ قۇرۇلۇشىنى تەستىقلاتتى. مەبلەغ كەمچىل ئەھۋالدا، جىنجياڭدىكى كارخانىلار پۇل ئىئانە قىلىش تەشەببۇسنامىسى چىقاردى، قىسقىغىنا يېرىم يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتا شەھەر، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىن نەچچە يۈز مىليون يۈەن يىغىلدى... جىنجياڭ ئايرودۇرۇمى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن بۇيانقى ئىئانە نىسبىتى ئەڭ كۆپ بولغان ئايرودۇرۇمغا ئايلاندى.
16 يىل ئىلگىرى، مەملىكەت بويىچە تۇنجى ناھىيە دەرىجىلىك خەيىر – ساخاۋەت باش جەمئىيىتى جىنجياڭ شەھەرلىك خەيىر – ساخاۋەت باش جەمئىيىتى قۇرۇلدى. بۇ يىل 4 – ئاينىڭ ئاخىرىغىچە بۇ جەمئىيەت 3 مىليارد 22 مىليون يۈەن ئىئانە توپلاپ، 1 مىليارد 620 مىليون يۈەن ئىئانىنى تۈرلۈك خەيىر – ساخاۋەت قۇرۇلۇشىغا، شۇنداقلا سەھىيە، مائارىپ، كۈتۈنۈش قاتارلىق ساھەلەرگە نىشانلىق ئىشلەتتى، ياردەمگە ئېرىشكەن قىيىنچىلىقى بار ئامما 170 مىڭ ئادەم (قېتىم)گە يەتتى. ‹‹بايلىقتا بەسلەشمەي ئىئانىدە بەسلىشىش، ھەشەمەتچىلىكتە بەسلەشمەي نام – ئاتاقتا بەسلىشىش›› جىنجياڭدىكى كارخانىچىلار ئارىسىدا ئادەتكە ئايلاندى.
‹‹نوپۇس كۆپ، مەدەنىيەت تۈسى قويۇق، تەبىئىي بايلىق ئەۋزەللىكى يوق دېيەرلىك، ئۆز كۈچىگە تايىنىپ زورىيىش، تەرەققىياتتا يەنە ناھايىتى ئۇزۇن يولنى بېسىش...›› جىنجياڭ شەھەرلىك پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ۋۇ جۇڭليۇ ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: ‹‹كىچىككىنە جىنجياڭ›› بىلەن ‹‹چوڭ جۇڭگو››نىڭ ئوخشىشىپ كېتىدىغان نۇرغۇن جايلىرى بار، ‹‹جىنجياڭ تەجرىبىسى›› جىنجياڭدا شەكىللەنگەن، باشقا جايلارنىڭ ئۇنىڭدىن ئۆگىنىشىگە، ئۆرنەك ئېلىشىغا تامامەن بولىدۇ.
‹‹جەنۇبىي فۇجيەندىكى جىنجياڭ››دىن ‹‹دۇنيادىكى جىنجياڭ››غىچە: ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى تېخىمۇ زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، تېخىمۇ كۈچلۈك ئىشەنچ بىلەن خەلقئارا سەھنىلەرگە يۈزلىنىش ئارزۇسىنى تەدرىجىي ئىشقا ئاشۇرۇش
بۇ يىل 5 – ئاينىڭ 9 – كۈنى، ئافرىقا قىتئەسىدىكى ماراكەشنىڭ مەراكەش تەنتەربىيە سارىيىدا جىنجياڭ دۇنيا ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ بايرىقىنى ئۆتكۈزۈۋالدى، ‹‹تىرىشىپ – تىرمىشىپ ئۇتۇق قازىنىش››نىڭ مېلودىيەسى 1000 چاقىرىم يىراقلىقتىكى خەلقئارا مۇسابىقە مەيدانىدا ياڭرىدى.
جىنجياڭ 2020 – يىلى 18 – نۆۋەتلىك دۇنيا ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈشنى ئىلتىماس قىلىش جەريانىدا، ‹‹تىرىشىپ – تىرمىشىپ ئۇتۇق قازىنىش›› دېگەن روھ بىلەن بارلىق ئۆتكەللەردىن ئۆتۈپ، جۇمھۇرىيىتىمىز تارىخىدىكى خەلقئارا ئۇنىۋېرسال تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزىدىغان تۇنجى ناھىيە دەرىجىلىك شەھەر بولۇپ قالدى.
چەت ئەلدىكى جىنجياڭلىقلارنىڭ دېڭىز – ئوكيانلاردىن ئۆتۈپ ‹‹تىرىكچىلىك قىلىشى››تىن جىنجياڭ مەھسۇلاتلىرىنىڭ پۈتۈن دۇنيادىن ‹‹بازار ئىزدىشى››گىچە؛ ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول›› پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ چەت ئەل بازىرىنى ئېچىشنى كۈچەيتىشتىن ‹‹مۇسابىقە ئارقىلىق شەھەرنى گۈللەندۈرۈش، مۇسابىقە ئارقىلىق كەسىپلەرنى ئىلگىرى سۈرۈش، مۇسابىقە ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش››تىن ئىبارەت تەنتەربىيە شەھىرى بەرپا قىلىشقىچە، جىنجياڭنىڭ تەرەققىيات، ئېچىۋېتىش ئىشلىرى تارىخىي زور ئۆزگىرىشلەرنى باشتىن كەچۈردى، يولى ماڭغانسېرى كېڭەيدى.
بۇ يىل 4 – ئايدا ئېچىلغان جىنجياڭ شەھىرىدىكى كارخانىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش تەرەققىيات يىغىنىدا، ‹‹ئەنتا››نىڭ مۇدىرىيەت رەئىسى دىڭ شىجۇڭ مەردانىلىك بىلەن مۇنداق جاكارلىدى: ‹‹مەقسىتىمىز جۇڭگونىڭ <نەيكې>سى بولۇش ئەمەس، بەلكى دۇنيانىڭ <ئەنتا>سى بولۇشتۇر››.
بەيخۇڭ – ۋىيېتنام تۈرى، خېڭئەن – رۇسىيە يېڭى شىركىتى، پەنپەننىڭ چەت ئەلدىكى تەتقىقات ئېچىش مەركىزى... ئېچىۋېتىش دائىرىسىنى كېڭەيتىش داۋامىدا، جىنجياڭنىڭ كارخانىلىرى پۇختا قەدەم بىلەن ‹‹سىرتقا چىقىپ››، ھەم ئامىل، تەننەرخ ئەۋزەللىك رايونىنى، ھەم ياۋروپا – ئامېرىكا بازارلىرىنى نىشان قىلىپ تاللىدى.
دۇنيا بازار رىقابىتىدە، جىنجياڭ كارخانىلىرى سۈپەت ئەۋزەللىكى ۋە كۇرسلۇق مەھسۇلات كۈچىنى كۈنسېرى گەۋدىلەندۈرۈپ، بۇرۇنقى ‹‹ئادەتتىكىچە بولۇش، تۆۋەن دەرىجىلىك بولۇش، قوشۇمچە قىممىتى تۆۋەن بولۇش›› قاتارلىق تەسىرلەردىن بارغانسېرى قۇتۇلۇپ، جۇڭگو ياسىمىچىلىقىنىڭ دۇنيا كەسىپ زەنجىرى ۋە قىممەت زەنجىرىنىڭ يۇقىرى بۆلىكىگە ئۆرلىشىدىكى جانلىق گۇۋاھچىغا ئايلاندى.
ئېچىۋېتىش تېخىمۇ زور تەرەققىيات پۇرسىتى ئېلىپ كەلدى، لېكىن بۇ تېخىمۇ كەسكىن رىقابەت، تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەت ئۆلچىمىدىن دېرەك بېرىدۇ، كەسىپمۇ شۇنداق، شەھەرمۇ ھەم شۇنداق. يېڭى دەۋرگە كىرىپ، يېڭى ئارزۇغا يېتىش ئۈچۈن جىنجياڭ ئۆز ئورنىنى قايتىدىن بېكىتتى: خەلقئارالاشقان يېڭىلىق يارىتىش تىپىدىكى شەھەر قۇرۇش.
ليۇ ۋېنرۇ مۇنداق دېدى: خەلقئارالىشىش دەرىجىسى شەھەرنىڭ چوڭ – كىچىكلىكى بىلەن مۇناسىۋەتسىز، بەلكى شەھەرنىڭ سۈپىتى ۋە سېھرىي كۈچى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ‹‹جىنجياڭنىڭ تەجرىبىسى›› ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش سەۋەبلىك مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى، جىنجياڭ كەلگۈسىدىمۇ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى داۋاملىق يولغا قويىدۇ، تېخىمۇ زور دەرىجىدە خەلقئارا كەسىپ ھەمكارلىقى ۋە رىقابىتىگە قاتنىشىدۇ.
كەسىپ شەھەرنىڭ تىرىكى، خەلقئارالاشقان شەھەر خەلقئارالىق كەسىپ ۋە تۈرلەرگە موھتاج، ئەزەلدىن يول ئېچىشقا ۋە سىناق قىلىشقا جۈرئەت قىلىدىغان جىنجياڭلىقلار بۇ قېتىم نەزەرىنى ئۇچۇر سانائىتىنىڭ ‹‹ئوزۇقى›› بولغان توپلاشتۇرۇلغان توك يولىغا ئاغدۇردى.
2016– يىلى 7 – ئاينىڭ 16 – كۈنى فۇجيەن جىنخۇا ساقلىغۇچنىڭ توپلاشتۇرۇلغان توك يولىنى ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسى تۈرى جىنجياڭدا ئىش باشلىدى. بۇ تۈرنىڭ پىلاندىكى ئومۇمىي يەر كۆلىمى 594 مو، 1 – قاراردىكى سېلىنمىسى 37 مىليارد يۈەن بولۇپ، بۇ تۈر دۆلەتنىڭ ‹‹13 – بەش يىل››لىق يىرىك پىلانىدىكى توپلاشتۇرۇلغان توك يولى كەسپىنىڭ مۇھىم ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى جايلاشقان زور تۈرلەر تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى.
جىنجياڭ شەھىرىنىڭ باشلىقى جاڭ ۋېنشيەن مۇنداق دېدى: ‹‹جىنجياڭلىقلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، مەيلى بۇرۇنقى ئاياغ يامىقى، پۇرۇچ، قارتا، ياڭيۇ ياپراقچىسى بولسۇن ياكى بۈگۈنكى ئۆزەك بولسۇن، پەقەت كۆڭۈل قويسىلا، ھەممىنى قالتىس ياسىيالايدۇ››.
جىنجياڭ شەھىرى ‹‹ئۆزەك››نى ۋاسىتە قىلىپ تېخىمۇ ئىلگىرىلىدى، ‹‹جىنخۇا›› تۈرى ئورۇنلاشقان شىنتاڭ كوچىسى ئالاھىدە ‹‹ئۆزەك›› كىچىك بازىرى بەرپا قىلىپ، توپلاشتۇرۇلغان توك يولى كەسپىنىڭ پۈتۈن زەنجىرىنى بەرپا قىلىپ، بىرلەمچى، ئىككىلەمچى كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى ھەم سەھرا مەنزىرىسى تۈرىنى يانداش قۇرۇپ، جەنۇبىي فۇجيەندىكى مەركەزلىك تۇتاش كەتكەن ئەنئەنىۋى قەدىمىي كەنتلەرنى ئۆزگەرتىش ۋە دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولدى.
ھەم ‹‹خەلقئارا ئەندىزە››، ھەم ‹‹جەنۇبىي فۇجيەن پۇرىقى›› بولۇشى كېرەك. جىنجياڭلىقلارنىڭ قارىشىچە، بۇ ھەم تولۇپ تاشقان ئىجادىيلىققا، ھەم ئىجابىيلىققا ئىگە ‹‹بىرىكمە››: ئەنئەنىۋى 1 – كەسىپ، 2 – كەسىپ، 3 – كەسىپنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، ئۆزئارا يۇغۇرۇلۇش ۋە راۋانلاشتۇرۇش، فۇنكسىيەلىرىنى ئۆزئارا تولۇقلاش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، ‹‹3 ? 1+1+1›› ئۈنۈمىگە يەتكەنلىك.
نەتىجىنى ئىختىساسلىقلار يارىتىدۇ، ئىشنى ئىختىساسلىقلار كېڭەيتىدۇ. جىنجياڭنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك تەرەققىياتىنىڭ ئەڭ تەخىرسىز خىزمەت ۋەزىپىسى ئۈستىدە توختالغاندا، جىنجياڭدىكى پارتىيە، ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى ئىختىساسلىقلارنى دائىم 1 – تاللاش تۈرى قىلىدۇ.
فۇجيەن ‹‹يۆكې›› يېڭى ماتېرىياللار پەن – تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ مەسئۇلى زېڭ فۇچۈەن دۆلەتنىڭ 1000 كىشىلىك پىلانى، فۇجيەننىڭ 100 كىشىلىك پىلانىغا ئاساسەن كىرگۈزۈلگەن ئىختىساسلىق خادىم بولۇش سۈپىتى بىلەن، 2016 – يىلى جىنجياڭدا ئىگىلىك تىكلەشنى تاللىدى. ئۇ دۆلىتىمىزدىكى بوشلۇقنى تولدۇرالايدىغان پاتېنت تېخنىكىسىغا ئىگە ھەم جايلار بەس – بەستە تالىشىۋاتقان ۋەتەنگە قايتقان دوكتور تۇرۇپ، نېمە ئۈچۈن كىچىك شەھەر جىنجياڭنى تاللىدى؟ زېڭ فۇچۈەن بۇنىڭغا قارىتا ئۈچ سەۋەبنى ئوتتۇرىغا قويدى: يېڭى ماتېرىياللار كەسپىنى قوللىنىش بىلەن يوچۇقسىز جىپسىلىشىدىغان ياسىمىچىلىق ئاساسى، دۆلەت دەرىجىلىك قولاي تەكشۈرۈش ئاپپاراتى ۋە مۇلازىمىتى ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان سودا مۇھىتى.
يولداش شى جىنپىڭ ‹‹جىنجياڭ تەجرىبىسى››نى يەكۈنلىگەندە مۇنۇلارنى ئوتتۇرىغا قويدى: ‹‹ھۆكۈمەت ئىقتىساد خىزمىتىگە قارىتا <دائىرىدىن ھالقىپ كېتىش>كىمۇ، <ئورۇننى بوش قالدۇرۇش>قىمۇ، <ساختا ئورۇن تەسىس قىلىش>قىمۇ ۋە <ئورۇن ئەمەلىيلەشمەسلىك>كىمۇ بولمايدۇ››. جىنجياڭنىڭ تەرەققىياتىدا ھۆكۈمەت بىلەن كارخانىلار ياخشى ھەمتۈرتكىلىك مۇھىم رول ئوينىدى. كۆپ يىللاردىن بۇيان، جىنجياڭ شەھەرلىك پارتكوم، ھۆكۈمەت ئۆزى ‹‹يول باشلىغۇچى، ئىلگىرى سۈرگۈچى، مۇلازىمەتچى›› بولۇش رولى ۋە ئورنىدا چىڭ تۇردى. خەلقئارالاشقان، ئىجادچان، يۇقىرى سۈپەتلىك شەھەر بەرپا قىلىش جەريانىدا، جىنجياڭ سودا مۇھىتىنى مۇھىم ئىشلەپچىقىرىش كۈچى، دەپ بىلىپ، شەھەرگە نىسبەتەن سۈپەت ئاچقۇچلارنىڭ بىرى دەپ قارىدى.
‹‹بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش›› ئىسلاھاتى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇلدى. ‹‹دەرھال بېجىرىش، توردا بېجىرىش، يېقىن يەردە بېجىرىش، بىر قېتىمدا بېجىرىش››تىن ئىبارەت ‹‹تۆت بېجىرىش›› ئىدىيەسى ئوتتۇرىغا قويۇلدى؛ ھوقۇق تىزىملىكى ۋە مەسئۇلىيەت تىزىملىكىدىن ئىبارەت ‹‹ئىككى تىزىملىكنى بىرىكتۈرۈش›› تاماملاندى؛ ‹‹ئەڭ كۆپ بولغاندا بىرلا قېتىم قاتراش››، ‹‹بىر قېتىممۇ قاترىماسلىق›› تىزىملىكىدىكى 1149 تۈر رەتلىنىپ ئېلان قىلىندى.
جىنجياڭ دەرياسىنىڭ سۈيى شەرققە ئاقتى، تاغلار مۇنبەت ئېتىزلارغا ئايلاندۇرۇلدى.
ئۇزاق يىللار ئىلگىرى، ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىكى كۆچمەنلەر ئۇرۇش مالىمانچىلىقىدىن ئۆزىنى دالدىغا ئېلىش ئۈچۈن تاغ ئېشىپ سۇ كېچىپ، يۇرتىدىن نەچچە مىڭ چاقىرىم يىراقلىقتىكى جەنۇبىي فۇجيەندىكى دېڭىز بويىدا يېڭى بىر يۇرت – ماكان بەرپا قىلغان. 1000 يىللاردىن بۇيان، جىنجياڭلىقلار ‹‹ئاھالىسى زىچ، جىلغىلىرى ئۈنۈمسىز›› بولۇشتەك تۇرمۇش قىيىنچىلىقىنى يەتكۈچە تارتىپ، تەقدىرىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن جان تىكىپ ئىشلەپ يول ئاچقان.
ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، پەقەت ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشلا بۇ زېمىننى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇپ، دەۋر مۆجىزىسى يارىتىدۇ. ئۆزگەرمەس تاغ – دېڭىز تارىختىكى زور ئۆزگىرىشلەرگە گۇۋاھچى بولدى. يېڭى دەۋر يۆنىلىشى، يېڭى ئىسلاھات پەللىسىگە بەلگە سالدى. ئىسلاھاتنىڭ قەدىمى توختاپ قالمايدۇ، كۈرەش چەكسىز داۋاملىشىدۇ. ‹‹جىنجياڭ تەجرىبىسى›› ھەم تارىخنىڭ شانلىق نۇر ھالقىسى، تېخىمۇ مۇھىمى كەلگۈسىدىكى ئىلگىرىلەش كوردىناتى.
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، فۇجوۋ، 7 – ئاينىڭ 8 - كۈنى)