تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

مۇنەۋۋەر ياش كادىرلارنى زور كۈچ بىلەن بايقايلى، يېتىشتۈرەيلى، تاللاپ ئۆستۈرەيلى

مەملىكەتلىك تەشكىلات خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدا(4)

خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

   باش شۇجى شى جىنپىڭ مەملىكەتلىك تەشكىلات خىزمىتى يىغىنىدا، يېڭى دەۋردىكى ياش كادىرلار خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، مۇنەۋۋەر ياش كادىرلارنى زور كۈچ بىلەن بايقاش، يېتىشتۈرۈش، تاللاپ ئۆستۈرۈش توغرىسىدا مەخسۇس تەكىتلەپ: ‹‹يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى سادىقلىق بىلەن ئىزچىللاشتۇرىدىغان، يېڭى دەۋردىكى ياخشى كادىرلار ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان، سانى يېتەرلىك، ھاياتىي كۈچكە تولغان يۇقىرى ساپالىق كەسىپلەشكەن ياش كادىرلار قوشۇنىنى قۇرۇش كېرەك›› دېدى. بۇ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ ئۇلۇغ پىلانىدۇر.

   جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشتىكى ئاچقۇچ پارتىيەدە، ئاچقۇچ ئادەمدە، تېگى–تەكتىدىن ئېيتقاندا، ئەۋلادمۇئەۋلاد ئىشەنچلىك ئىزباسارلارنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈشتە. پارتىيەمىز ئەزەلدىن ياش كادىرلار خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ كەلدى، ئىزباسارلارنى يېتىشتۈرۈشتە بىر قەدەر مۇكەممەل تۈزۈمگە ئىگە. ئىلگىرى يەنئەندىكى مەزگىلدىلا، ‹‹زور بىر تۈركۈم يېڭى كادىرلارنى پىلانلىق يېتىشتۈرۈش بىزنىڭ جەڭگىۋار ۋەزىپىمىز›› دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلغان؛ 20–ئەسىرنىڭ 60–يىللىرىنىڭ باشلىرىدا، پىرولېتارىيات ئىنقىلابىي ئىشلىرىنىڭ مىليونلىغان ئىزباسارلىرىنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈشتىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىپە ئوتتۇرىغا قويۇلغان؛ پارتىيە 11–نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3–ئومۇمىي يىغىنىدىن كېيىن، كادىرلار قوشۇنىدا ئۈزۈكچىلىك كۆرۈلگەن كەسكىن ۋەزىيەت كۆزدە تۇتۇلۇپ، كادىرلار قوشۇنىنى ‹‹تۆتلەشتۈرۈش›› فاڭجېنى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، يېڭى، پېشقەدەم كادىرلارنىڭ ئالمىشىشى، ھەمكارلىشىشى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، ‹‹3–قوشۇن›› قۇرۇلۇشى قانات يايدۇرۇلدى. نەچچە ئون يىل تىرىشىش ئارقىلىق كادىرلار قوشۇنىدا پېشقەدەم، ئوتتۇرا ياش ۋە ياشلاردىن ئىبارەت پەلەمپەيسىمان قۇرۇلما ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللەندى. دۇنيادىكى ئىشلار ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ، قەدىمدىن ھازىرغىچە شۇنداق داۋاملىشىپ كەلگەن. ھازىر ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن ئىلگىرى پارتىيەگە كىرگەن ۋە خىزمەتكە قاتناشقان كادىرلار ئىش ئورنىدىن ئايرىلدى ياكى ئايرىلىش ئالدىدا تۇرۇۋاتىدۇ، 20–ئەسىرنىڭ 70–يىللىرىدىن كېيىن، 80–يىللىرىدىن كېيىن، شۇنداقلا 90–يىللىرىدىن كېيىن تۇغۇلغان ياشلار كادىرلار قوشۇنىنىڭ ئاساسىي گەۋدىسى بولۇپ قالدى. ئۇلار ئالىي تەربىيە كۆرگەن، تەپەككۇرى جانلىق، دادىل يېڭىلىق يارىتالايدىغان بولۇپ، كادىرلار قوشۇنىغا ھاياتىي كۈچ ئاتا قىلدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۇلارنىڭ يەنە ماركسىزم نەزەرىيەسىنى سىستېمىلىق ئۆگىنىشى ۋە پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشتا قاتتىق چېنىقىشى نىسبەتەن يېتەرسىز، بەزىلىرىنىڭ ئاساسىي قاتلام ۋە جاپالىق جايلاردا قاتتىق تاۋلىنىشى يېتەرسىز، بەزىلىرىنىڭ ئاممىۋى خىزمەت قىلىش ئىقتىدارى دېگەندەك كۈچلۈك ئەمەس، بەزىلىرىنىڭ مەسئۇلىيەتچان بولۇش، نەتىجە يارىتىش جاسارىتى تېخى يېتەرلىك ئەمەس. بەزى جايلار ۋە ئورۇنلاردا ياش كادىرلار خىزمىتىگە يېتەرلىك ئەھمىيەت بېرىلمىگەچكە، تاللاپ ئۆستۈرۈشكىلا ئەھمىيەت بېرىش، يېتىشتۈرۈشكە سەل قاراش، سالاھىيىتىگە قاراپ رەتكە تۇرغۇزۇش ۋە تەڭپۇڭلاشتۇرۇپ ئېتىبار بېرىش قاتارلىق ئەھۋاللار يەنىلا ساقلانماقتا. بىز مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە تەخىرسىزلىك تۇيغۇسىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، تېخىمۇ يىراققا نەزەر تاشلاپ، تېخىمۇ ئۈنۈملۈك تەدبىرلەر ئارقىلىق يېڭى دەۋرنىڭ تەلىپىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان مۇنەۋۋەر ياش كادىرلارنى ۋاقتىدا بايقاپ، يېتىشتۈرۈپ، ئۈزلۈكسىز تاللاپ ئىشلىتىپ، ھەر تەرەپ، ھەر ساھەدىكى مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىق رەھبەرلەرنى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش تايانچلىرى قوشۇنىغا جەم قىلىپ، پارتىيەنىڭ يېڭى دەۋردىكى تارىخىي بۇرچىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كادىرلار ۋە ئىختىساسلىقلار كاپالىتى بىلەن تەمىنلىشىمىز كېرەك.

   مۇنەۋۋەر ياش كادىرلارنى يېتىشتۈرۈش، تاللاپ ئۆستۈرۈشتە، ئالدى بىلەن يېڭى دەۋردىكى پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرىنىڭ قانداق ئىز باسارلارغا ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش كېرەك. مۇنەۋۋەر ياش كادىرلار پارتىيەگە سادىق بولۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرۇپ، قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلىشى، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشى شەرت. مۇنەۋۋەر ياش كادىرلارنى تاللاشتا، بىرىنچى بولۇپ ئۇنىڭ پارتىيەگە سادىق ياكى سادىق ئەمەسلىكىگە قارىشىمىز؛ مۇنەۋۋەر ياش كادىرلارنى يېتىشتۈرۈشتە، بىرىنچى بولۇپ ئۇلارنى پارتىيەگە سادىق قىلىپ تەربىيەلەپ، سىياسىي جەھەتتىكى ئىككى يۈزلىمىچىلەردىن قەتئىي مۇداپىئەلىنىشىمىز كېرەك. مۇنەۋۋەر ياش كادىرلار ئىزباسار بولۇشتا يېتەرلىك قابىلىيەتكە ئىگە بولۇشى كېرەك. ئۇلارنىڭ ئەمەلىيەتتىن ئاڭلىق ئۆگىنىدىغان – ئۆگەنمەيدىغانلىقىغا، خەلقنى ئۇستاز تۇتىدىغان–تۇتمايدىغانلىقىغا، كۆڭلىنى توختىتىپ خىزمەت قىلىدىغان–قىلمايدىغانلىقىغا، پۈتۈن زېھنى بىلەن كەسىپتە ئىزدىنىدىغان–ئىزدەنمەيدىغانلىقىغا قاراش؛ ئۇلارنىڭ ئېتىقادىنىڭ قورام تاشتەك چىڭ ياكى چىڭ ئەمەسلىكىگە، ئىرادىسىنىڭ پولاتتەك مۇستەھكەم ياكى مۇستەھكەم ئەمەسلىكىگە، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەيدىغان ياكى ئىلگىرىلىمەيدىغانلىقىغا، ئوڭۇشسىزلىققا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان ياكى بېرەلمەيدىغانلىقىغا، ھالقىلىق پەيتتە پۇت تىرەپ تۇرالايدىغان ياكى تۇرالمايدىغانلىقىغا، ئېغىر ئىشلارنى زىممىسىگە ئالالايدىغان ياكى ئالالمايدىغانلىقىغا، قاتتىق جەڭلەرنى قىلالايدىغان ياكى قىلالمايدىغانلىقىغا، جاپا – مۇشەققەتلەرگە چىدىيالايدىغان ياكى چىدىيالمايدىغانلىقىغا قاراش كېرەك. مۇنەۋۋەر ياش كادىرلار سەمىمىي ئادەم بولۇش، راست گەپ قىلىش، ئەمەلىي ئىشلەشنى ھاياتلىق مىزانى قىلىشى كېرەك. كۆز ئالدىدىكى مەنپەئەتنىلا ئويلايدىغان، پۇرسەتپەرەسلىك قىلىدىغان، سۇنىڭ ئېقىشىغا باقىدىغان، ئىشلارنى ئۇستىلىق بىلەن بىر تەرەپ قىلىدىغان، ئۆزىنى نىقابلاشقا ئۇستا، سۆلەتۋازلىق قىلىدىغان، كۆرۈنۈشى چىرايلىق، ئەمما ھېچقانداق قىممىتى يوق ئىشلارنى قىلىدىغانلارنى قەتئىي تاللىماي، ياش كادىرلارنى ئۆز – ئۆزىنى تاۋلاشنى كۈچەيتىش، دۇرۇس، ھەققانىي بولۇش، مەسىلىنى بىخ ھالىتىدىلا يوقىتىش، پىرىنسىپچان بولۇش، تۆۋەن چەكنى، قائىدىنى بىلىشكە يېتەكلەش كېرەك. تەشكىلىي جەھەتتىن ياش كادىرلارنى بايقاش، تەربىيەلەشتە، ھەم سان جەھەتتە مۇئەييەن كۆلەم بولۇشقا، تېخىمۇ مۇھىمى سۈپەتنى ئۆستۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىش، كادىرلارنى تاللاش، بەنزە سەپلەشتە ياش كادىرلارنىڭ ‹‹بار – يوقلۇقى››، ‹‹قانچىلىك بارلىقى››غىلا قارىماي، تېخىمۇ مۇھىمى ‹‹ياخشىمۇ ياكى ئەمەس››لىكىگە، ‹‹مۇنەۋۋەرمۇ ياكى ئەمەس››لىكىگە قاراش كېرەك.

   دەرەخ ئون يىلدا يېتىلىدۇ، ئادەم يۈز يىلدا. ياش كادىرلارنى يېتىشتۈرۈشتە باستۇرۇپ سۇغىرىشقا بولمايدۇ، ئۇلارنى تەبىئىي ئۆسۈپ يېتىلىشكە قويۇۋېتىشكە تېخىمۇ بولمايدۇ، يەرنى چوڭقۇر ھەيدەپ، تۈجۈپىلەپ ئىشلەپ، ئېتىز پەرۋىشىنى كۈچەيتىپ، ۋاقتىدا ئوغۇتلاپ، سۇغىرىپ، شاخ – يوپۇرماقلىرىنى چاتاپ، قۇرتنى يوقىتىپ، كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. سىياسىي چېنىقتۇرۇشنى گەۋدىلەندۈرۈشتە، مۇھىم نۇقتا پارتىيەنىڭ نەزەرىيەسىنى، بولۇپمۇ شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، پارتىيەنىڭ ئىنقىلابىي تارىخى ۋە ئېسىل ئەنئەنىسىنى ئۆگىنىشكە يېتەكلەش كېرەك. ئەمەلىيەتتە چېنىقىشنى كۈچەيتىپ، قاينام–تاشقىنلىققا چۆمگەن ئەمەلىيەتنى ئەڭ ياخشى دەرسخانا قىلدۇرۇپ، كادىرلارغا بوران–چاپقۇنلارنى باشتىن كەچۈرگۈزۈش، ئىسسىق–سوغۇقلارنى باشتىن ئۆتكۈزگۈزۈش، ئۆزىنى چېنىقتۇرغۇزۇش، ئىقتىدارىنى ئاشۇرغۇزۇش كېرەك. يوشۇرۇن كۈچكە ئىگە مۇنەۋۋەر ياش كادىرلارنى يەنە كۈچەپ ئىشلەيدىغان ئىش ئورنى، مۇھىم ئىش ئورۇنلىرىدا چېنىقتۇرۇپ، قىيىن ئىش، جىددىي ئىش، ھەتتا ‹‹قىزىق قازاندىكى چۈمۈلە››گە ئوخشاش تەخىرسىز مۈشكۈلاتلارنىڭ سىنىقىدىن ئۆتكۈزۈش كېرەك. ‹‹تېز ئۆسىدىغان بوش دەرەخ›› بولۇشتىن ساقلىنىش، ‹‹نامى بار ئۆزى يوق››، ‹‹ئۆزى بۇ يەردە، كۆڭلى باشقا يەردە››، ‹‹گاھىدا بار گاھىدا يوق›› بولۇشتىن، ئاساسىي قاتلامدا ئىشلەش تارىخىدا كۆز بويامچىلىق قىلىشتىن ساقلىنىش، كادىرلارنىڭ ئۆزىنى ئۆزى پەردازلىۋېلىشىدىن ساقلىنىش كېرەك. يېتىشتۈرۈش ئىستىقبالى بار مۇنەۋۋەر ياش كادىرلارغا قارىتا، سالاھىيىتىگە قاراپ رەتكە تۇرغۇزۇش، تەڭپۇڭلاشتۇرۇپ ئېتىبار بېرىش، مۇكەممەل بولۇشنى تەلەپ قىلىش قاتارلىق قاراشلارنى تۈگىتىپ، يوشۇرۇن پەلەمپەينى چېقىپ تاشلاپ، بىر خىل شەكىل بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي دادىل ئىشلىتىش، شۇنىڭ بىلەن بىللە مايسىنى تارتىپ ئۆستۈرۈشتىن ساقلىنىش كېرەك. ياش كادىرلارنى يېتىشتۈرۈش، تاللاپ ئۆستۈرۈشتە، سىستېمىلىق تەپەككۇر ۋە ئومۇملۇق قارىشىدا چىڭ تۇرۇش كېرەك. ھەرىكەتچان ھالەتتە يېڭىلاشنى يولغا قويۇپ، چېنىپ قالغانلارنى ۋاقتىدا تەڭشەپ چىقىرىۋېتىپ، يېڭى مۇنەۋۋەر نامزاتلارنى تولۇقلاشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ئېقىن سۇنىڭ ئۈزۈلۈپ قالماسلىقىغا باشتىن – ئاخىر كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. كادىرلار خىزمىتى ئومۇمىيىتىدە ياش كادىرلار خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھەرقايسى ياش قاتلىمىدىكى كادىرلارنىڭ ئاكتىپلىقىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، پۈتكۈل كادىرلار قوشۇنىنى غەيرەتكە، ئىنتىلىشكە، ئۈمىدكە ئىگە قىلىش كېرەك.

   ياش كادىرلار خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش پۈتۈن پارتىيەنىڭ ئورتاق ۋەزىپىسى. ھەر دەرىجىلىك پارتكوملار ياش كادىرلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە كۆڭۈل بۆلۈشنى باش تارتىپ بولمايدىغان سىياسىي مەسئۇلىيەت قىلىپ، ئۇزاق مەزگىللىك پىلان تۈزۈشنى كۈچەيتىپ، خىزمەت مەسئۇلىيىتى تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مۇنەۋۋەر ياش كادىرلارنى ۋاقتىدا بايقىشى، يېتىشتۈرۈشى، ئىشلىتىشى كېرەك. پارتىيە كادىرلارنى باشقۇرۇش، تەشكىل ئادەم تاللاشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۇزاق مەزگىللىك تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى كۆزلەپ، تاللاش، يېتىشتۈرۈش، ئىشلىتىش، باشقۇرۇشنىڭ ھەرقايسى ھالقىلىرىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، دەل، ئىلمىي يولغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، خىزمەتلەرنى چوڭقۇر، ئىنچىكە، ئەمەلىي ئىشلەشكە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7 – ئاينىڭ 7 – كۈنى تېلېگراممسى)
 

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى