تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى مەملىكەتلىك تەشكىلات خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى

يۇقىرى ساپالىق كادىرلار قوشۇنى قۇرۇشنى كۈچلۈك ئىنتىزام كاپالىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك

   شىنجاڭ گېزىتى ئىختىيارىي مۇخبىرى ۋاڭ نىڭ خەۋەر قىلىدۇ: 7–ئاينىڭ 7–كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئېچىپ، مەملىكەتلىك تەشكىلات خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى، 7–ئاينىڭ 6–كۈنى ئېچىلغان ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش تەدبىرلىرىنى مۇھاكىمە قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى لو دۇڭچۈەن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

   يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش–رېۋىزىيە ئورگانلىرى ۋە كەڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈش–رېۋىزىيە كادىرلىرى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ۋە تەشكىلات خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ‹‹تۆت ئاڭ››نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ‹‹ئىككىنى قوغداش››نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، مەسئۇلىيەت ئورنىنى توغرا تېپىپ، يۇقىرى ساپالىق كادىرلار قوشۇنىنى قۇرۇش داۋامىدا نازارەت قىلىشنى ھەر تەرەپلىمە كۈچەيتىپ، ئىدىيەنى باشقۇرۇش، خىزمەتنى باشقۇرۇش، ئىستىلنى باشقۇرۇش، ئىنتىزامنى باشقۇرۇشتىن ئىبارەت قاتتىق باشقۇرۇش سىستېمىسى ئورنىتىش جەھەتتە كۈچ سەرپ قىلىشى كېرەك. دىققەتنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىسىنى چىڭىتىشنى باشتىن–ئاخىر ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر–ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ كەم–كوتسىز ئىزچىللاشتۇرۇلۇشى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈشىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. نازارەت قىلىشتىكى بىرىنچى مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىپ، ئىنتىزام ئىجراسىنى نازارەت قىلىشتىكى ‹‹تۆت خىل ھالەت››نى قوللىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش قورالىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتىكى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى زىممىسىگە ئېلىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىشى كېرەك.

   يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش–رېۋىزىيە ئورگانلىرى بازغانچىنىڭ بېلى چىڭ بولۇشتا جەزمەن چىڭ تۇرۇپ، ‹‹بەشتە قاتتىق سىناقتىن ئۆتۈش›› تەلىپىنى ئاڭلىق ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، تېخىمۇ يۇقىرى ئۆلچەم، تېخىمۇ قاتتىق ئىنتىزام ئارقىلىق ئۆزىنى چەكلەپ، ئىنتىزام تەكشۈرۈش–رېۋىزىيە سىستېمىسىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ۋە تەشكىلىي قۇرۇلۇشنى كۈچەيتىپ، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان ئىنتىزام تەكشۈرۈش–رېۋىزىيە كادىرلار قوشۇنى بەرپا قىلىشى كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى