تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇش ئۈچۈن ئاياللارنىڭ تۆھپىسىنى قوشىمىز

ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن رەئىس كۆلەش ئابدۇللا

   مەن پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقى، يېتىشتۈرۈشىدە قەدەممۇقەدەم ئۆسۈپ يېتىلگەن پارتىيەلىك كادىر، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ غەمخورلۇقى ۋە قوللىشىدا، شىنجاڭدىكى غايەت زور ئۆزگىرىشلەرگە، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ ئاز سانلىق مىللەت ئايال كادىرلارغا كۆڭۈل بۆلگەن، ئەھمىيەت بەرگەن ۋە يېتىشتۈرگەن ياخشى سىياسەتلىرىگە گۇۋاھچى بولدۇم. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بولمىغان بولسا، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ بۈگۈنكىدەك يۈكسىلىشى ۋە گۈللىنىشى بولمىغان بولاتتى، ھەر مىللەت خەلقنىڭ بەختلىك تۇرمۇشى بولمىغان بولاتتى.

   قۇدرەتلىك ۋەتىنىمىز بىزگە بىخەتەر مۇھىت يارىتىپ بەرگەچكە، بىز خاتىرجەم ياشاۋاتىمىز. ۋەتەن ئانىمىزغا ئوخشايدۇ، ئۇ بىزنىڭ بارلىقىمىز، ۋەتەن بولمىسا بىزنىڭ ھېچنېمىمىز بولمايدۇ.

   ۋەتەننى سۆيۈش بىر خىل شەرەپلىك مەسئۇلىيەت، بىر خىل سادىق ئېتىقاد. بىز چوقۇم ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە قەتئىي قارشى تۇرۇپ، ماركسىزملىق ‹‹بەش قاراش››نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››نىڭ ‹‹مىللەت››نى دەستەك قىلىپ، ‹‹دىن›› تونىغا ئورىنىۋېلىپ مىللىي بۆلگۈنچىلىك ئىدىيەسىنى تەرغىب قىلىشىغا قەتئىي يول قويمايمىز. بىز چوقۇم ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە، بولۇپمۇ زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىگە قانۇن بويىچە قاتتىق زەربە بېرىشىمىز كېرەك. ۋەتەننى سۆيۈش ئېغىزدا دېيىش بىلەنلا چەكلىنىپ قالماسلىقى، ھەر ۋاقىت ۋەتەننىڭ مەنپەئىتىنى، ۋەتەننىڭ شان–شەرىپىنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش كېرەك، بىزنى بېقىپ چوڭ قىلغان جۇڭخۇا زېمىنىنى سۆيۈشىمىز، ۋەتىنىمىزنىڭ ئۇزاق تارىخى ۋە پارلاق مەدەنىيىتىنى سۆيۈشىمىز، ئۆزىمىزنىڭ قان قېرىنداشلىرىنى سۆيۈشىمىز، دۆلەتكە، خەلققە، كەسىپكە ئاداققىچە سادىق بولۇپ، جان–دىلىمىز بىلەن بارلىق كۈچىمىزنى بېغىشلاپ، ۋەتەننى، خەلقنى سۆيۈشنى قان تومۇرلىرىمىزغىچە چوڭقۇر سىڭدۈرۈشىمىز كېرەك.

   ۋەتەننى سۆيۈش بىر خىل مۇستەھكەم ھەرىكەت،  ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرىدىغان مەسئۇلىيەتتىن ئىبارەت. بىز ۋەتەن، جەمئىيەت ئالدىدىكى مەسئۇلىيىتىمىز ۋە مەجبۇرىيىتىمىزنى ئادا قىلىشىمىز، ۋەتەننى سۆيۈشتە دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكى، شان–شەرىپى ۋە مەنپەئىتىنى ھەممىدىن ئۈستۈن ئورۇنغا قويۇشىمىز، ۋەتەننىڭ مۇقەددەس زېمىنى ۋە ئىگىلىك ھوقۇقى سىرتنىڭ تاجاۋۇزىغا ئۇچرىغاندا، ۋەتەننى قوغداشتەك مۇقەددەس مەسئۇلىيەتنى ئاڭلىق زىممىمىزگە ئېلىشىمىز؛ دۆلەت مەنپەئىتى زىيانغا ئۇچرىغاندا، دۆلەت مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان بارلىق قىلمىشلارغا قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك. ۋەتەنپەرۋەرلىك باشتىن – ئاخىر شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ شەرەپلىك ئەنئەنىسى بولۇپ كەلدى، بىز چوقۇم بۇ خىل ئەنئەنىنى ئەۋج ئالدۇرۇشىمىز، بۇنداق روھنى ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇشىمىز كېرەك.

   پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىر بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، سىياسىيدا جەزمەن زېرەك ئادەم بولۇپ، سىياسىي مەيداندا قەتئىي بولۇشنى ئۆزىمىزگە قويۇلىدىغان بىرىنچى تەلەپ قىلىپ، پارتىيەۋىلىكىمىزنى نازارەت قىلىشنى، روھىمىزنى پاكلاشنى ھەر ۋاقىت بوشاشتۇرۇپ قويماي، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە 19–قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 19–نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2–، 3–ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سىياسىي يۆنىلىشنى ئىگىلەش، سىياسىي ئىرادىنى چىڭىتىش، سىياسىي پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارى، سىياسىي سەزگۈرلۈكنى ساقلاش سەۋىيەمىزنى ئۆستۈرۈشىمىز كېرەك، ھەق–ناھەقنى ئايرىش ئىقتىدارىمىز، سىڭدۈرمىچىلىككە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىمىزنى ئۆستۈرۈپ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە مۇرەككەپ مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىش ماھارىتىمىز ۋە ئۇنىۋېرسال ساپايىمىزنى ئۆستۈرۈشىمىز كېرەك، باش نىشاننى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى باشلامچىلاردىن بولۇپ، بارلىقىمىزنى پارتىيەگە، دۆلەتكە بېغىشلاپ، پارتىيەگە، دۆلەتكە جاۋاب قايتۇرۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، باش نىشانغا مۇلازىمەت قىلىپ، باش نىشاننى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، مەۋقەنى ئىش ئورنى مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشقا قويۇپ، ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ مەسئۇلىيىتى ۋە بۇرچىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن زىممىمىزگە ئېلىشىمىز كېرەك.

   پارتىيەنىڭ ئاممىۋى تەشكىلات كادىرى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ مۇھىم كۆۋرۈكلۈك ۋە ۋاسىتىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئاياللارنى تەربىيەلەش، ئاياللارنى تەشكىللەش، ئاياللارنى سەپەرۋەر قىلىشتەك مۇھىم ۋەزىپىنى ئاڭلىق زىممىمىزگە ئېلىشىمىز كېرەك. بارلىق ئايال كادىرلارنى ئورنىدىن دەس تۇرۇپ، ھەققانىيەت سادايىمىز، قەدىمىمىز بىردەك بولغان ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق بارلىق بۆلگۈنچىلىك ئىدىيەسى ۋە سۆز–ھەرىكەتلىرىگە قەتئىي جەڭ ئېلان قىلىشقا، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىشقا، ‹‹كومپارتىيەنىڭ تامىقىنى يەپ، كومپارتىيەنىڭ قازىنىنى چاقىدىغان›› ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنى قەتئىي تازىلاشقا، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› پەيدا قىلغان سەپسەتىنىڭ زەھىرىنى قەتئىي تازىلاپ، ئۇلارنىڭ ئەكسىيەتچىل ماھىيىتىنى ئېچىپ تاشلاشقا، ئۇلار بىلەن ئاداققىچە كۈرەش قىلىشقا ئىتتىپاقلاشتۇرۇشىمىز ۋە يېتەكلىشىمىز كېرەك؛ ھەر مىللەت ئايال، ئاچا–سىڭىللارنى پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشقا، توغرا بولغان دۆلەت قارىشى، تارىخ قارىشى، مىللەت قارىشى، مەدەنىيەت قارىشى، دىن قارىشى ۋە ‹‹ئۈچ ئايرىلالماسلىق›› ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇشقا، ‹‹بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش››نى كۈچەيتىشكە، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ بىر ئەزاسىلىق تەۋەلىك تۇيغۇسىنى، غۇرۇر تۇيغۇسىنى، شەرەپ تۇيغۇسىنى ئاشۇرۇپ، ئاياللارنىڭ يېرىم دۇنيالىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن بارلىق كۈچىنى تەقدىم قىلىشقا يېتەكلىشىمىز كېرەك.
 

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى