تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى ئاداققىچە كۈرەش قىلىمەن

ئاقسۇ ۋىلايەتلىك سىياسىي كېڭەش خىزمەت كومىتېتى ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى گۈلجامال ئەختەم

   پارتىيە كۆپ يىل تەربىيەلەپ يېتىشتۈرگەن پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، پارتىيەگە قەتئىي سادىق بولىمەن، مەيدانىمنى مۇستەھكەملەپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قەتئىي قوغدايمەن، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قەتئىي قارشى تۇرىمەن، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قەتئىي قوغدايمەن.

   پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ‹‹تۆت ئاڭ››نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئاڭلىق ھالدا ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، سىياسىي جەھەتتىن تەربىيەلىنىشنى ئاڭلىق كۈچەيتىپ، سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىمەن، ئومۇملۇققا ئېتىبار بېرىمەن، ئىنتىزامغا رىئايە قىلىمەن. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە ۋە خەلققە چەكسىز سادىق بولۇشنى تۈرلۈك خىزمەتلەردە ئەمەلىيلەشتۈرىمەن. غايە–ئېتىقادىمنى چىڭىتىپ، مەڭگۈ پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىغا يېتىش ئۈچۈن كۈچ قوشىمەن.

   پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، پارتىيەۋىلىك جەھەتتىكى چېنىقىشنى، پارتىيەۋىلىك جەھەتتىكى تەربىيەلىنىشنى كۈچەيتىپ، باشلامچىلىق بىلەن سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان بولىمەن. بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ 1–سېپىدە باشتىن–ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، باتۇرلۇق بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىپ، دادىل ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، دادىل كۈرەش قىلىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى دۈشمەننى بىردەك ئەيىبلەيدىغان، دۈشمەنگە قارشى بىر سەپتە تۇرىدىغان، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرىدىغان، قەتئىي كۈرەش قىلىدىغان ياخشى كەيپىيات يارىتىشقا يېتەكلەيمەن. مەن ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن تەشۋىق–تەربىيەنى قانات يايدۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىغا كۆيۈنگەنلىكى، كۆڭۈل بۆلگەنلىكى ۋە خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنى جايىدا تەشۋىق قىلىپ، ئاممىنىڭ پارتىيەنىڭ مېھىر–شەپقىتىنى بىلىش، پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىش ئاڭلىقلىقىنى ئۆستۈرۈپ، ئۆزۈمنىڭ نەمۇنىلىك ھەرىكىتىم ئارقىلىق ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى بۆلگۈنچىلىككە، ئەسەبىيلىككە، زوراۋانلىققا قارشى تۇرۇشنىڭ كونكرېت ئەمەلىيىتىگە قاتنىشىشقا يېتەكلەيمەن. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى پائال قوغدايمەن. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھەر مىللەت خەلقنىڭ جان تومۇرى، مەن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۆز قارىچۇقۇمنى ئاسرىغاندەك ئاسرايمەن، ھاياتىمنى قەدىرلىگەندەك قەدىرلەيمەن. مەن ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›› ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى ئەستايىدىل ياخشى قانات يايدۇرۇپ، سەمىمىي قەلب ئارقىلىق ئىتتىپاقلىقنى، سەمىمىي نىيەت ئارقىلىق ئەبەدىي ئەمىنلىكنى قولغا كەلتۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاكا–ئىنى، ئاچا–سىڭىللارنى ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشتۇرىمەن، ئۆزئارا ھۆرمەتلەپ، ئۆزئارا ياردەم بېرىپ، ئۆزئارا كەڭ قورساق بولۇپ، گۈزەل يۇرت–ماكانىمىزنى ئورتاق قوغدايمەن.

   شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19–قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە. مەن ‹‹تۆت ئاڭ››نى باشتىن–ئاخىر مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ‹‹تۆت ئىشەنچ››نى چىڭىتىپ، سىياسىي مەيدان، سىياسىي يۆنىلىش، سىياسىي پىرىنسىپ، سىياسىي يولدا يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغدايمەن، قەتئىي تەۋرەنمەي شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى بىلەن كاللامنى قوراللاندۇرۇپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش قاتارلىق چوڭ ھەق–چوڭ ناھەق مەسىلىلىرىدە كاللامنى باشتىن–ئاخىر سەگەك تۇتۇپ، بايرىقىمنى روشەن قىلىپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى ئاداققىچە كۈرەش قىلىمەن، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا يېتىش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىمەن.
 

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى