تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

بورتالا ئوبلاستى كۆك ئاسمان، زۇمرەت سۇنى قوغداپ، ئېكولوگىيەلىك يۇرت–ماكاننى ئورتاق بەرپا قىلدى

  سۈرەتتە: ئېبنۇركۆلى سۇلۇق يېرىنىڭ ئېگىزدىن تارتىلغان سۈرىتى (6–ئاينىڭ 30–كۈنى تارتىلغان). ئېبنۇر كۆلى سۇلۇق يېرى بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنىڭ ‹‹مۇھاپىزەت كۈنلۈكى››، شۇنداقلا پۈتۈن ئوبلاست، ھەتتا پۈتۈن شىنجاڭنىڭ شىمالىي قىسمىنىڭ ئېكولوگىيەلىك تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاشتىكى مۇھىم سۇلۇق يەر. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بۇ ئوبلاست سۈنئىي يامغۇر ياغدۇرۇش، كارخانىلارنى چېقىش–كۆچۈرۈش قاتارلىق كۆپ خىل ئۇسۇللار ئارقىلىق سۇلۇق يەرنى قوغداش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، سۇلۇق يەردىكى جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى زور دەرىجىدە قوغداپ، سۇ كۆلىمىنى ئاشۇردى. ھازىر ئېبنۇر كۆلىنىڭ ئەتراپىدا قومۇشلار بۈك–باراقسان ئۆسۈپ، قۇشلار ئەركىن پەرۋاز قىلىدىغان مەنزىرە شەكىللەندى. ئەن شياۋلۇڭ فوتوسى  

شىنجاڭ گېزىتى ئىختىيارى مۇخبىرى ۋاڭ ياپىڭ

   ئۇزۇن يول يۈرمەي، نەچچە يۈز قەدەم مېڭىپلا تەبىئەتكە يېقىنلىشىپ، يېشىل تاغلار، سۈزۈك سۇلاردىن ھۇزۇرلىنىش بورتالا شەھىرى شويىڭپەن بازىرى تاۋىنخامار كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى جيەن جياڭشېڭ ئۈچۈن ئېيتقاندا، تولىمۇ كۆڭۈلدىكىدەك ئىش.

   جيەن جياڭشېڭ مۇنداق دېدى: كەنتىمىز بورتالا دەرياسىنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان، بۇ ئىككى يىلدا ھۆكۈمەت دەريا بويىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىت مەسىلىسىنى زور كۈچ بىلەن تۈزىدى، سۇنىڭ تېخىمۇ سۈزۈلگەنلىكىنى، سۇنىڭ ئىلگىرىكى يىللاردىكىگە قارىغاندا كۆپەيگەنلىكىنى ھەقىقىي ھېس قىلدىم.

   تاۋىنخامار كەنتىنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنىڭ ئىخچام كۆرۈنۈشى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنىڭ چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، بورتالا ئوبلاستىنىڭ ئاسمىنى تېخىمۇ كۆك، سۇلىرى تېخىمۇ سۈزۈك بولدى، زېمىنى تېخىمۇ يېشىللاشتى، ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى كۈنسايىن ئاشتى.

   322 كۆز قانۇنسىز توك قۇدۇقى پېچەتلەندى

   جىڭ ناھىيەسىدە، ئىنچىكىرەك كۆزەتكەن كىشىلەر ئېتىزلىقلاردىكى قانۇنسىز توك قۇدۇقلىرىنىڭ پېچەتلەنگەنلىكىنى بايقايدۇ. جىڭ ناھىيەلىك مۇھىت ئاسراش ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى تۇ.گېرلى مۇنداق دېدى: بۇ ناھىيەدىكى 155 كۆز قانۇنسىز توك قۇدۇقى پېچەتلەندى.

   ھازىرغىچە بورتالا ئوبلاستىدىكى 322 كۆز قانۇنسىز توك قۇدۇقىنىڭ ھەممىسى پېچەتلەندى.

   بورتالا ئوبلاستلىق مۇھىت ئاسراش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى سەنبايېر مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشنىڭ تۆھپىسى ھازىرقىلارغا، پايدىسى كېيىنكىلەرگە بولىدىغان ئىش، بورتالا ئوبلاستى ئەڭ قاتتىق سۇ بايلىقىنى باشقۇرۇش تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، يەر ئاستى سۈيى بايلىقىنى باشقۇرۇشنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، قانۇنسىز توك قۇدۇقلىرىنى ئۈزۈل–كېسىل توختىتىدۇ.

   مۇھىتنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش كۈچەيتىلدى

   بۇ يىل بورتالا ئوبلاستى ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش جەھەتتە ساقلانغان مەسىلىلەرنى تۈرلەرگە ئايرىپ رەتلەپ، تۆت جەھەتتىكى 18 تۈرلۈك كونكرېت ۋەزىپىنى رەتلەپ چىقتى.

   كانلارنىڭ گېئو مۇھىتىنى قوغداش ئۈچۈن، قېزىلما بايلىقلارنى ئېچىش ھەرىكەتلىرىنىڭ كانلارنىڭ گېئو مۇھىتىغا بولغان تەسىرى ۋە بۇزغۇنچىلىقىنى ئەڭ يۇقىرى چەكتە تۈگەتتى، بۇ يىل 3–ئايدا، بورتالا ئوبلاستلىق زېمىن بايلىقى ئىدارىسى ‹‹كان ئېچىشتىن كېلىپ چىققان مۇھىتنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، تۈزەشنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش توغرىسىدىكى جىددىي ئۇقتۇرۇش››نى تارقاتتى. ھەرقايسى ناھىيە، شەھەرلەردىكى ئالاقىدار تارماقلار ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، پائال ھەرىكەتكە كېلىپ، تۈزەش لايىھەسىنى دەرھال تۈزۈپ چىقتى.

   بورتالا ئوبلاستلىق زېمىن بايلىقى ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى شۈ گۈيشەن مۇنداق دېدى: ئوبلاستتا ئەسلىگە كەلتۈرۈش، تۈزەش بويىچە تاقاشقا تېگىشلىك كان 21 بولۇپ، 2018–يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە ئون كاننى، 2019–يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە قېپقالغان 11 كاننى تاقاشنى پىلانلىدۇق. ھازىر بۇ خىزمەت تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتىدۇ.

   ‹‹مۇھىت مەسىلىسىنى تۈزەش خىزمىتىدە، ھەرقايسى ناھىيە–شەھەر، ھەرقايسى ئالاقىدار تارماقلار ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈشى؛ <بىر مەسىلە، بىر لايىھە، بىر يۈرۈش خادىم> پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، لايىھە بويىچە ئىش قىلىپ، ئورۇندالغانلىرىنى ئۆچۈرۈپ باشقۇرۇشى؛ تۈزەشنى چىڭ تۇتۇپ، ئۈنۈمگە كاپالەتلىك قىلىپ، مەسئۇلىيەتنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈپ، نىشاننى تاماملاشقا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك››. بۇ، بورتالا ئوبلاستلىق پارتكومنىڭ ھەرقايسى ناھىيە–شەھەر ۋە ئالاقىدار تارماقلارغا قويغان ئېنىق تەلىپى.

   ‹‹2019–يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە جىڭ ناھىيەسى بازىرىنىڭ ھاسىلىي سۇدىن پايدىلىنىش قۇرۇلۇشى تاماملىنىدۇ، 2020–يىلىنىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن ئارشاڭ ناھىيەسى ئاڭگىلىگ بازىرى، كۆكتوخا نەسىللىك چارۋا فېرمىسىنىڭ ئەخلەت تىندۇرۇش مەيدانى پۈتكۈزۈلىدۇ...››. بۇ، ئالاقىدار ناھىيە، شەھەرلەرنىڭ بەرگەن ۋەدىسى.

   دەريا، كۆللەرنى ياخشى قوغداش

   بورتالا ئوبلاستىنىڭ سۇ بايلىقىنى قوغداش، سۇ رايونى قىرغاق لىنىيەسىنى باشقۇرۇش، سۇنىڭ بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئۇنى تىزگىنلەش ۋە سۇ مۇھىتىنى تۈزەش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، بورتالا ئوبلاستى ھەۋزە كۆلىمى 50 كىۋادرات كىلومېتىردىن ئاشىدىغان دەريا ئېقىنى ۋە سۇ دائىرىسىنىڭ كۆلىمى بىر كىۋادرات كىلومېتىردىن ئاشىدىغان كۆللەرنىڭ ھەممىسىگە دەريا (كۆل) باشلىقى تۈزۈمىنى يولغا قويدى. پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرى ۋە دەريا ئېقىپ ئۆتىدىغان رايونلارنىڭ مەمۇرىي رەھبەرلىرى دەريا (كۆل) باشلىقى ياكى دەريا بۆلىكى باشلىقى ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالدى.

   يېقىنقى بىر قانچە كۈندە، بورتالا شەھىرىنىڭ چىندېل بازىرى ئالبىن بەشىن كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، دەريا بۆلىكى باشلىقى دا.بات ئالدىراشچىلىقتىن بىر قولىنى ئىككى قىلالماي قالدى. ئۇ بازارلىق سۇ باشقۇرۇش پونكىتىدىكى خىزمەتچىلەر بىلەن بىللە،  بازار بويىچە بارلىق ئېتىز–ئېرىق سۇ ئىنشائاتلىرىنى تور يېيىش شەكلىدە رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈپ، تەكشۈرۈپ بايقالغان يوشۇرۇن خەۋپلەرنى بىر–بىرلەپ تىزىملاۋاتاتتى.

   دا.بات مۇنداق دېدى: ئىلگىرى بۇنداق تەكشۈرۈش خىزمىتىنى بازارلىق سۇ باشقۇرۇش پونكىتىدىكىلەر مۇستەقىل تاماملايتتى، دەريا باشلىقى تۈزۈمى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، دەريا بۆلىكى باشلىقى بولغان مېنىڭمۇ قاتنىشىش مەسئۇلىيىتىم بار بولدى، دەريا باشقۇرۇش خىزمىتىنى قەتئىي ياخشى ئىشلەيمەن.

   ئېبنۇر كۆلى بورتالا ئوبلاستىنىڭ ئېكولوگىيەلىك تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلايدىغان مۇھىم سۇلۇق يەر. ئېبنۇر كۆلىنىڭ شىمالىي قىرغىقىدا، بورتالا ئوبلاستلىق سۇچىلىق ئىدارىسى سۇ مەھسۇلاتلىرى باشقارمىسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ رۈيمىن تۇتاش كەتكەن توغراق كۆچەتلىرىنىڭ باراقسان ئۆسۈۋاتقانلىقىنى بايقىدى. ۋاڭ رۈيمىن مۇنداق دېدى: توغراق كۆچەتلىرىنىڭ كۆپلەپ ئۆسۈشى ئېبنۇر كۆلىنىڭ مۇھىتىنى قوغداش خىزمىتىگە بېرىلگەن ئەڭ كاتتا مۇكاپات.

   بۇلتۇردىن باشلاپ، بورتالا ئوبلاستى ئېبنۇر كۆلىنىڭ شەرقىي قىرغىقى، شىمالىي قىرغىقىدىكى ئارتېمىيە قوڭغۇزى تۇتۇش رايونىدىكى بارلىق ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش ئەسلىھەلىرىنىڭ ھەممىسىنى چۇۋۇپ تاشلاپ، ‹‹ئىچكى قۇرۇقلۇق سۇ رايونىدا تۇتۇش ئىجازەتنامىسى››نى قايتۇرۇۋالدى. بۇ يىل، بورتالا ئوبلاستلىق ئورمانچىلىق ئىدارىسى يەنە 1 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىپ، 1000 مو يەردە سۆكسۆك ئۆستۈرۈپ، سۇلۇق يەرنىڭ ئېكولوگىيەلىك يېپىنچىسىنى ئەسلىگە كەلتۈردى.

   شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئېبنۇر كۆلى ھەۋزىسىدىكى سۇ بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش خىزمىتىمۇ سىجىل ئىلگىرى سۈرۈلۈۋاتىدۇ. ھازىر، ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلگەن شەھەر – بازار پاسكىنا سۈيىنى بىر تەرەپ قىلىدىغان يەتتە زاۋۇت 1–دەرىجىلىك A قويۇپ بېرىش ئۆلچىمىگە يەتتى.

   دەل بۇ بىر قاتار مۇھىت ئاسراش تەدبىرلىرىنىڭ ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈشى ئېبنۇر كۆلى سۇلۇق يېرىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى