تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، يۇقىرى ساپالىق كادىرلار قوشۇنى قۇرۇپ چىقىمىز

— باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەملىكەتلىك تەشكىلات خىزمىتى يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى ئاپتونوم رايونىمىزدا قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى

   باش شۇجى شى جىنپىڭ مەملىكەتلىك تەشكىلات خىزمىتى يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىدە پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ يىراق كەلگۈسىنى كۆزدە تۇتۇپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى سادىقلىق بىلەن ئىزچىللاشتۇرىدىغان، يېڭى دەۋردىكى ياخشى كادىرلار ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان، سانى يېتەرلىك، ھاياتىي كۈچكە تولغان يۇقىرى ساپالىق كەسىپلەشكەن ياش كادىرلار قوشۇنىنى قۇرۇپ چىقىشنى ئوتتۇرىغا قويدى ھەم مۇنەۋۋەر ياش كادىرلار ئۆلچىمى ۋە يېتىشتۈرۈش، تاللاپ ئۆستۈرۈشكە ئېنىق تەلەپ قويدى، بۇ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ئارىسىدا قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى. كۆپچىلىك مۇنۇلارنى بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى كۆرسەتمە قىلىپ، دىققەتنى باش نىشانغا مەركەزلەشتۈرۈپ، باش نىشانغا مۇلازىمەت قىلىپ، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان يۇقىرى ساپالىق كادىرلار قوشۇنىنى قۇرۇپ چىقىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى كۈچلۈك ئىختىساسلىقلار كاپالىتىگە ئىگە قىلىمىز.

   ئىختىساسلىقلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش تۈزۈلمە–مېخانىزمى ئىسلاھاتىنى تېز ئىلگىرى سۈرىمىز

  باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىختىساسلىقلارنى باھالاش مېخانىزمىنى ياخشىلاپ، ئىختىساسلىقلارنى يۈرۈشتۈرۈش مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىپ، ئىختىساسلىقلارنى رىغبەتلەندۈرۈش مېخانىزمىنى ساغلاملاشتۇرۇش كېرەك.

   ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى كەسپىي تېخنىكا خادىملىرى باشقارمىسىنىڭ باشلىقى جاڭ جىنچى مۇنداق دېدى: باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزى كادىرلار ۋە ئىختىساسلىقلار تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئىختىساسلىقلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشنى تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلىدى. باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق رايوننى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، بىر تەرەپتىن، ئىختىساسلىقلارنى باھالاش–رىغبەتلەندۈرۈش مېخانىزمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايوننىڭ ئۇنۋان تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش تەلىپى بويىچە، ئۇنۋان تۈزۈمى ئىسلاھات قەدىمىنى تېزلىتىش، ئىختىساسلىقلارنى باھالاش مېخانىزمى ئىسلاھاتىنى تۈرگە ئايرىپ ئىلگىرى سۈرۈش؛ يەنە بىر تەرەپتىن، زور ئىختىساسلىقلار قۇرۇلۇشى تۈرى پىلانىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، تىيانشان ئىختىساسلىقلىرى پىلانى، ئاز سانلىق مىللەت پەن–تېخنىكا تايانچلىرىنى ئالاھىدە تەربىيەلەش خىزمىتى، يۇقىرى قاتلاملىق ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزۈش قاتارلىق نۇقتىلىق ئىختىساسلىقلار قۇرۇلۇشىنى داۋاملىق يولغا قويۇپ، يۇقىرى قاتلاملىق ئىختىساسلىقلار ۋە يۇقىرى ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلارنى مۇھىم نۇقتا قىلغان ئىختىساسلىقلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

   ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن باشلىقى جياۋ شياۋفەن مۇنداق دېدى: مەملىكەتلىك تەشكىلات خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى چوقۇم ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجىنىڭ تەلىپى بويىچە، ئىختىساسلىقلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش تۈزۈلمە–مېخانىزمى ئىسلاھاتىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، نىشان يۆنىلىشى، مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىلمىي تەدبىر قوللىنىپ، ئىختىساسلىقلار تۈزۈمى ئىسلاھاتى ‹‹بىرىكمە مۇشت››ىنى ياخشى ئېتىپ، يېڭى دەۋردىكى يۇقىرى ساپالىق، كەسىپلەشكەن ياش كادىرلار قوشۇنىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن بەرپا قىلىش كېرەك. ئۇنىڭدىن باشقا، ئىلى ئوبلاستى ‹‹ئىلى ئىختىساسلىقلىرى›› كىرگۈزۈش پىلانىنى داۋاملىق يولغا قويۇپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك ئىختىساسلىقلار، جىددىي كېرەكلىك كەسپىي ئىختىساسلىقلار كەمچىل بولۇشتەك زىددىيەتنى پەسەيتىدۇ؛ كىرگۈزۈش، چىقىرىش قاتارلىق كۆپ خىل ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، ھازىر بار بولغان ئىختىساسلىقلارنى چىڭ تۇتۇش ئىدىيەسىنى يېڭىلايدۇ، ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، دەرىجىسى مۇۋاپىق، ساپاسى يۇقىرى ئىختىساسلىقلار قوشۇنىنى تىرىشىپ بەرپا قىلىدۇ.

   يېڭى دەۋر ياش كادىرلىرىنىڭ بۇرچى ۋە مەسئۇلىيەتچانلىقىنى نامايان قىلىمىز

   باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: مۇنەۋۋەر ياش كادىرلار چوقۇم پارتىيەگە سادىق بولۇشى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرۇشى، قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلىشى، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشى كېرەك. مۇنەۋۋەر ياش كادىرلار يېتەرلىك قابىلىيەت بىلەن ۋارىسلىق قىلىپ، ئۆگىنىشنى كۈچەيتىپ، تەجرىبە توپلاپ، ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئاڭلىق ھالدا ئەمەلىيەتتىن ئۆگىنىشى، خەلقنى ئۇستاز تۇتۇشى كېرەك.

   باش شۇجىنىڭ يېڭى دەۋردىكى ياش كادىرلارغا بەرگەن سەمىمىي تاپشۇرۇقى كەڭ ياش كادىرلارنىڭ روھىنى ئۇرغۇتۇپ، ئۇلارغا زىممىسىدىكى مەسئۇلىيەتنىڭ ئېغىرلىقىنى ھېس قىلدۇردى.

   ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ شىمىگۇ رايونى لۇڭشېڭ كوچىسى كوچا باشقارمىسى كاڭنىڭ مەھەللىسى پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى ياڭ كېتاۋ مۇنداق دېدى: ياش كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن پارتىيە تەشكىلىنىڭ غەمخورلۇقى ۋە تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈشىدە، ھەربىر قەدەمنى پۇختا بېسىپ ئۆسۈپ يېتىلدىم. ياش كادىرلار ئاساسىي قاتلامدا يىلتىز تارتىشى، كۆڭلىنى توختىتىپ خىزمەت قىلىشى، كەسىپكە زېھنىنى مەركەزلەشتۈرۈشى كېرەك. مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئېلىپ، سەمىمىي ئادەم بولۇش، راست سۆزلەش، ئەمەلىي ئىشلەشنى ھاياتلىق مىزانى قىلىپ، ئوخشىمىغان ئىش ئورنى، ئوخشىمىغان مۇھىتتا ئۆزىنى چېنىقتۇرۇپ، ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، تىرىشىپ يۇقىرى ساپالىق، ئىقتىدارى كۈچلۈك يېڭى دەۋردىكى مۇنەۋۋەر كادىرلاردىن بولۇپ چىقىشى كېرەك.

   ئۈرۈمچى شەھەرلىك سودا–سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسى كارخانىلارنى رويخەتكە ئېلىش–تىزىملاش باشقارمىسى(مەمۇرىي تەكشۈرۈپ تەستىقلاش باشقارمىسى)نىڭ باشلىقى جياڭ جىنكۈن مۇنداق دېدى: پارتىيەگە سادىق بولۇش، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماسلىق يېڭى دەۋر كەڭ ياش كادىرلارغا يۈكلىگەن مۇھىم ۋەزىپە. يېڭى دەۋردىكى ياش كادىر بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بىزنىڭ يۈكىمىز تېخىمۇ ئېغىر، مەسئۇلىيىتىمىز تېخىمۇ ئەمەلىي. ھازىر، نۇرغۇن يېڭى شەيئىلەر ياش كادىرلارنىڭ ئۆگىنىشى، ئىزدىنىشى، ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشىگە، نۇرغۇن يېڭى مەسىلىلەر بىزنىڭ چوڭقۇر تەتقىق قىلىشىمىز، ھەل قىلىشىمىزغا موھتاج. مەن ئۆگىنىش بىلەن خىزمەت ئەمەلىيىتىمنى زىچ بىرلەشتۈرۈپ، يۇقىرى ساپالىق پارتىيەلىك كادىر بولۇپ، ياش سودا–سانائەت كادىرىنىڭ ھاياتىي كۈچى ۋە مەسئۇلىيەتچانلىقىنى نامايان قىلىمەن.

   ياش كادىرلارغا ئۆسۈپ يېتىلىش سۇپىسى قۇرۇپ بېرىمىز

   باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: تەربىيەلەش ئىستىقبالى بار مۇنەۋۋەر ياش كادىرلارنى بىر خىل شەكىل بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي دادىل ئىشلىتىش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتكوملار ياش كادىرلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە كۆڭۈل بۆلۈشنى باش تارتىپ بولمايدىغان سىياسىي مەسئۇلىيەت قىلىپ، ئۇزاق مەزگىللىك پىلان تۈزۈشنى كۈچەيتىپ، خىزمەت مەسئۇلىيىتى تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مۇنەۋۋەر ياش كادىرلارنى ۋاقتىدا بايقىشى، تەربىيەلىشى، ئىشلىتىشى كېرەك.

   ئىلى سىفەن شۆيۈەنى پارتكومىنىڭ شۇجىسى نۇرجۇما جاقاي مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سۆزى بىزنىڭ كادىرلارنى يېتىشتۈرۈش، تاللاش، باشقۇرۇش ۋە ئىشلىتىش خىزمىتىمىزگە ئېنىق يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى. شۆيۈەنىمىز ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش تۈپ ۋەزىپىسىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، كادىرلارنى يېتىشتۈرۈش، تاللاش، باشقۇرۇش، ئىشلىتىش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك ياخشى ئىشلەپ، ياش كادىرلار ئۈچۈن ئۆسۈپ يېتىلىش سۇپىسى ھازىرلاپ، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان، يۇقىرى ساپالىق كادىرلار قوشۇنى قۇرۇپ، ئۇلارنى ئويلاشقا، قىلىشقا، مەسئۇل بولۇشقا جۈرئەت قىلالايدىغان دەۋرنىڭ كۈچلۈكلىرىگە ئايلاندۇرۇپ، ئېغىر يۈكنى زىممىسىگە ئالالايدىغان، جاپاغا چىدايدىغان، نەتىجە يارىتالايدىغان كادىرلارنى ئۈزلۈكسىز بارلىققا كەلتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى پۇختا ئىختىساسلىقلار مەدىتىگە، ئەقلىي مەدەتكە ۋە بازا تىرىكىگە ئىگە قىلىدۇ.

   ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى خۇاڭ شىنمىن مۇنداق دېدى: ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى تەشكىلات تارماقلىرى مەملىكەتلىك تەشكىلات خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، يېڭى دەۋردە پارتىيەنىڭ تەشكىلىي لۇشيەنىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرىدۇ ھەم تەشكىلات خىزمىتىنىڭ ھەرقايسى ھالقىلىرىغا سىڭدۈرىدۇ. مەسىلە يۆنىلىشىدە باشتىن–ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، خىزمەت تەپەككۇرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئۈستىدە ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىپ، كادىرلارنى تاللاپ يېتىشتۈرىدىغان، كادىرلارغا كۆيۈنىدىغان، غەمخورلۇق قىلىدىغان بىر قاتار تۈزۈم، تەدبىرلەرنى يەنىمۇ ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، ھەر دەرىجىلىك كادىرلار ئىختىساسلىقلىرىغا قارىتا ‹‹قاتتىق باشقۇرۇش››نىڭ ‹‹كۆيۈنۈش›› ئىكەنلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ 1–سېپىدە ئادەم تاللاش، ئادەم ئىشلىتىش يۆنىلىشىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، كادىرلار ئىختىساسلىقلىرىنىڭ تەۋەلىك تۇيغۇسى ۋە ئۇيۇشۇشچانلىقىنى ئاشۇرۇپ، كادىرلار ئىختىساسلىقلىرىنىڭ ئىگىلىك تىكلەش قىزغىنلىقىنى ئۇرغۇتۇپ، سادىق، ئىشەنچلىك، مەسئۇلىيەتنى باتۇرلۇق بىلەن زىممىسىگە ئالىدىغان يۇقىرى ساپالىق كادىرلارنى يېتىشتۈرىدۇ.

  (شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى جاۋ شىيا، لى چۈنشيا، گاۋ ۋا، ليۇ جىڭ، ۋاڭ دۇڭ، ئىلى مۇخبىرلار پونكىتىدىن شى شۆخۇڭ، ئاقسۇ مۇخبىرلار پونكىتىدىن ليۇ خۇڭۋېن)
 

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى