تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ بىخەتەرلىك، مۇقىملىق خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەش كېرەك

چېن چۈەنگو باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تايلاند پۇگيىدىكى ساياھەت پاراخوتى كۆمتۈرۈلۈپ كېتىش ۋەقەسى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ بىخەتەرلىك، مۇقىملىق خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەش كېرەك

شۆھرەت زاكىر ئورۇنلاشتۇرۇش قىلدى

   شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى. 7–ئاينىڭ 7–كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تايلاند پۇگيىدىكى ساياھەت پاراخوتى كۆمتۈرۈلۈپ كېتىش ۋەقەسى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا  تەستىقىي يوليورۇق بېرىپ، ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك تارماقلاردىن باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، شىنجاڭنىڭ بىخەتەرلىك، مۇقىملىق خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەپ، ئاممىنىڭ ھاياتى ۋە مال–مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي ئومۇمىيىتىنىڭ ئىناق، مۇقىم بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

   چېن چۈەنگو تەستىقىي يوليورۇقىدا مۇنداق كۆرسەتتى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىدا، خەلق داھىيسىنىڭ خەلقنى سۆيۈشتەك ئالىيجاناب پەزىلىتى، ئاممىنىڭ ھالىغا يېتىشتەك سەمىمىي غەمخورلۇقى، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەرگەنلىكى تولۇق نامايان قىلىنغان، مۇھىم يوليورۇق چوڭقۇر مەنىلىك، سەمىمىي ۋە ۋەزىنلىك بولۇپ، شىنجاڭنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى، قوللانما بىلەن تەمىنلىدى. ھازىر يازلىق تەتىل مەزگىلى، شۇنداقلا شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنىڭ ئاۋات مەزگىلى، لېكىن بەزى جايلاردا يامغۇر كۆپ يېغىش، كەلكۈن كېلىش قاتارلىق ئەھۋاللار گەۋدىلىك بولۇۋاتىدۇ. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك تارماقلار يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئىدىيەۋى تونۇشنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ‹‹تۆت ئاڭ››نى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يادروسى، پۈتۈن پارتىيەنىڭ يادروسىلىق ئورنىنى قەتئىي قوغداپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر–ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى ئاساسىدا قەتئىي بىرلىككە كەلتۈرۈپ، خەۋپ–خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىن ئىبارەت بۇ تارىنى تېخىمۇ چىڭىتىپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتى مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تېخىمۇ يۇقىرى ئۆلچەم، تېخىمۇ ئەمەلىي تەدبىر، تېخىمۇ قاتتىق ھەيدەكچىلىك قىلىش ئارقىلىق، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەش كېرەك. مەسئۇلىيەتنى چىڭىتىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈش تەدبىرىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت تەڭ مەسئۇل بولۇش، بىر ئىش ئورنى، قوش مەسئۇلىيەتتە چىڭ تۇرۇپ، تەڭ تۇتۇپ ئورتاق باشقۇرۇپ، مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمىغانلارنى سۈرۈشتۈرۈپ، ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار باشقىلارغا باشلامچىلىق قىلىپ نۆۋەتچىلىك قىلىش تۈزۈمىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، مەسئۇلىيەتنى ھەربىر ھالقا، ھەربىر ئىش ئورنىغىچە ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىگە دەل جايىدا رەھبەرلىك قىلىش، دەل جايىدا تەشكىللەش، دەل جايىدا كۈچەش، دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىش، دەل جايىدا كاپالەتلەندۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈپ، بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپلىرىنى تۈگىتىپ، ساياھەت، يول قاتنىشى، ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكى، بىناكارلىق قۇرۇلۇشى قاتارلىق نۇقتىلىق كەسىپ، ساھەلەرگە دىققەت قىلىپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى چوڭ تەكشۈرۈش خىزمىتىنى سىجىل قانات يايدۇرۇپ، ئالا قويماي تەكشۈرۈش، ئومۇميۈزلۈك، چوڭقۇر، ئىنچىكە تەكشۈرۈش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، خەۋپ–خەتەردىن ۋاقتىدا ئەسكەرتمە بېرىپ، بىخەتەرلىكنى تەكشۈرۈش، كۆزىتىش–ئۆلچەش، نۆۋەتچىلىك قىلىش، جىددىي تاقابىل تۇرۇش مانېۋىرى قىلىش، نازارەت قىلىش، تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشنى كۈچەيتىپ، پەۋقۇلئاددە، زور بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ھادىسىلىرىنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىپ، خەلقنىڭ ھاياتى ۋە مال–مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئارقىلىق، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن بىخەتەر، مۇقىم بولغان ئىناق مۇھىت يارىتىش كېرەك.

   ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا ئورۇنلاشتۇرۇش قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى