تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئاچتى

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى

ئىدىيەنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ زور تەدبىر–ئورۇنلاشتۇرمىسى ئاساسىدا قەتئىي بىرلىككە كەلتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ شىنجاڭدا ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك

چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

   شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ياۋ تۇڭ، دۇڭ شاۋخۇا خەۋەر قىلىدۇ: 7–ئاينىڭ 6–كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرى كېڭىشىنىڭ 18–قېتىملىق يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى ۋە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى چىڭداۋ باشلىقلار يىغىنىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلگەنلىكى مۇناسىۋىتى بىلەن بەرگەن مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى، 6–ئاينىڭ 29–كۈنىدىكى مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى يىغىنى ۋە مەركەز تاشقى ئىشلار خىزمىتى يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى، يېزا–كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش، زەھەر چەكلەش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى، ئۆگەندى، ئاپتونوم رايوننىڭ ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش خىزمىتىنى مۇزاكىرە قىلىپ ئورۇنلاشتۇردى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

   يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: باش شۇجى شى جىنپىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرى كېڭىشىنىڭ 18–قېتىملىق يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىدە، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئاجايىپ تەرەققىيات مۇساپىسىنى يەكۈنلىدى ۋە ئەسلىدى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى قولغا كەلتۈرگەن زور مۇۋەپپەقىيەتلەرگە يۈكسەك باھا بەردى، ‹‹شاڭخەي روھى››نىڭ ئۆزگىچە قىممىتىنى چوڭقۇر شەرھلىدى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا بەش تەكلىپ بېرىپ، ‹‹شاڭخەي روھى››غا يېڭى دەۋر مەزمۇنى قوشۇپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كەڭ دىققەت–ئېتىبارىنى قوزغىدى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تاشقى ئىشلار خىزمىتىگە بولغان مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىگە قەتئىي بويسۇنۇپ، ئىدىيەنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تاشقى ئىشلار خىزمىتى توغرىسىدىكى زور تەدبىر–ئورۇنلاشتۇرمىسى ئاساسىدا ھەقىقىي بىرلىككە كەلتۈرۈپ، سىرتقا ئېچىۋېتىشنى پائال كېڭەيتىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، دۆلەتنىڭ ئومۇمىي دىپلوماتىيە ۋەزىيىتىگە پائال تۆھپە قوشۇش كېرەك.

   يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: مەركەز تاشقى ئىشلار خىزمىتى يىغىنى پارتىيە 19–قۇرۇلتىيىدىن بۇيان پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئاچقان بىر قېتىملىق ئىنتايىن مۇھىم يىغىن بولۇپ، يىغىندا شى جىنپىڭنىڭ دىپلوماتىيە ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچى ئورنى بېكىتىلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ مەركەز تاشقى ئىشلار خىزمىتى يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىدە، پارتىيە 18–قۇرۇلتىيىدىن بۇيان ئېلىمىزنىڭ تاشقى ئالاقە خىزمىتىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى ئومۇميۈزلۈك خۇلاسىلىدى، جۇڭگو ۋە دۇنيانىڭ تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى توغرا ئىگىلەپ، يېڭى دەۋردە تاشقى ئالاقە خىزمىتىنى قانداق ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى مۇھىم نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەت مەسىلىلىرىگە جاۋاب بەردى، بۇ، يېڭى دەۋردە تاشقى ئالاقە خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرىدىغان پىروگرامما خاراكتېرلىك ھۆججەت. ‹‹تۆت ئاڭ››نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، دىپلوماتىيە چوڭ ھوقۇقىنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىدا بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداپ، ئاڭلىق ھالدا ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، بارلىق ھەرىكەتتە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ قوماندانلىقى ۋە بۇيرۇقىغا بويسۇنۇپ، بۇيرۇققا قاتتىق ئەمەل قىلىش، قەدەمنى بىردەك ئېلىشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. شىنجاڭنىڭ تاشقى ئىشلار خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، تاشقى ئىشلار خىزمىتىنىڭ سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا يېتىشنى كۈچلۈك قوللاشقا ئىگە قىلىش، جۇڭگوچە چوڭ دۆلەت دىپلوماتىيەسىدە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشقا پائال تۆھپە قوشۇش كېرەك.

   يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: زەھەر چەكلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش دۆلەت ۋە مىللەتنىڭ گۈللىنىشى ياكى خاراب بولۇشىغا، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ جىسمانىي، روھىي ساغلاملىقىغا ۋە ئائىلىسىنىڭ بەختلىك بولۇشىغا، ئىجتىمائىي ئومۇملۇقنىڭ ئىناق، مۇقىم بولۇشىغا مۇناسىۋەتلىك. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ھەر تەرەپلىمە تۈزەش، مەخسۇس تۈزەش بىلەن ئامما تۈزەشنى بىرلەشتۈرۈش، ئامما مۇداپىئە كۆرۈش، ئامما ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، زەھەرگە دائىر قانۇنغا خىلاپ جىنايەتلەرگە قاتتىق زەربە بېرىش كېرەك. تەشۋىق–تەربىيەنى كۈچەيتىپ، ئومۇمىي خەلقنىڭ زەھەرنى پەرق ئېتىش، زەھەردىن مۇداپىئەلىنىش، زەھەرنى رەت قىلىش ئېڭىنى ئۆستۈرۈپ، ھاياتلىقنى قەدىرلەپ، زەھەردىن يىراق تۇرۇش ئاڭلىقلىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. زەھەر چەكلەش خىزمىتىگە بولغان تەشكىلىي رەھبەرلىكنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، ھادىسىدىنمۇ، ماھىيەتتىنمۇ تۈزەش، كۆپ تەرەپ تەڭ تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، زەھەر چەكلەش خىزمىتىدە قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈپ، زەھەر چەكلەش خەلق ئۇرۇشىدا قەتئىي غەلىبە قىلىش كېرەك.

   يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يېزا–كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسى توغرىسىدىكى زور تەدبىر–ئورۇنلاشتۇرمىسى ئاساسىدا ھەقىقىي بىرلىككە كەلتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېزا–كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشنىڭ زور ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇپ، يېزا–كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، يېزا–كەنتلەردە كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈش، ئىختىساسلىقلارنى گۈللەندۈرۈش، مەدەنىيەتنى گۈللەندۈرۈش، ئېكولوگىيەنى گۈللەندۈرۈش، تەشكىلاتنى گۈللەندۈرۈشنى چۆرىدەپ، تەدبىرنى كۈچەيتىپ، پۇختا قەدەم بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزا–كەنتلەرنىڭ ئومۇميۈزلۈك گۈللىنىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك. جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك يېزا–كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرۇپ، كەڭ دېھقانلارنىڭ ئارزۇسىغا ھۆرمەت قىلىپ، كەڭ دېھقانلارنىڭ ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقى، ئىجادچانلىقىنى تولۇق قوزغاپ، ئەمەلىي ئىشلەش ئارقىلىق گۈللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ دەرىجىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش، يېزىلارنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىياتى، دېھقانلارنىڭ ئومۇميۈزلۈك يۈكسىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكىنى ئىستىقباللىق ساھەگە، دېھقان بولۇشنى جەلپكار كەسىپكە، يېزىنى خاتىرجەم ياشايدىغان گۈزەل ماكانغا ئايلاندۇرۇش كېرەك.

   يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: مۇنەۋۋەر ياش كادىرلارنى بايقاش، يېتىشتۈرۈش، تاللاپ ئۆستۈرۈش رەھبەرلىك بەنزىسى ۋە كادىرلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتىكى بىر تۈرلۈك ئۇللۇق قۇرۇلۇش، شۇنداقلا پارتىيە ئىشلىرىنىڭ ئىز باسارلىرى بولۇشىغا ۋە دۆلەتنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە مۇناسىۋەتلىك زور ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىپە. ھەر دەرىجىلىك پارتكوملار ياش كادىرلارنى يېتىشتۈرۈش، تاللاپ ئۆستۈرۈش خىزمىتىنى مۇھىم ئىشلار كۈنتەرتىپىگە كىرگۈزۈپ، ياش كادىرلارنى بايقاش، يېتىشتۈرۈش، تاللاپ ئۆستۈرۈش خىزمىتىنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمىنى پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى باھالاشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قىلىشى كېرەك. ياخشى كادىر ئۆلچىمى ۋە مىللىي رايونلارنىڭ كادىرلار سىياسىي ئۆلچىمىدە چىڭ تۇرۇپ، كادىرلارنىڭ ئۆسۈپ – يېتىلىش قانۇنىيىتىگە ئەمەل قىلىپ، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىپ، زور كۈچ بىلەن بايقاپ ۋە يېتىشتۈرۈپ، ئەمەلىيەت داۋامىدا چېنىقتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، توغرا تاللاپ، ياخشى ئىشلىتىشكە كاپالەتلىك قىلىپ، قاتتىق باشقۇرۇپ نازارەت قىلىپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى سادىقلىق بىلەن ئىزچىللاشتۇرىدىغان، جان–دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان، يېڭى بۇرچ، يېڭى ۋەزىپە، يېڭى تەلەپكە ماس كېلىدىغان، بوران–چاپقۇنلارنىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان، سانى يېتەرلىك، ھاياتىي كۈچكە تولغان يۇقىرى ساپالىق كەسىپلەشكەن ياش كادىرلار قوشۇنىنى تىرىشىپ قۇرۇپ چىقىپ، پارتىيە ئىشلىرىنىڭ ئىزباسارلىرى بولۇشىغا، گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

   يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىتتىپاق مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك رەھبەرلىك بەنزىسى ئەزالىرى بىلەن كوللېكتىپ سۆھبەتلەشكەندە مۇھىم سۆز قىلىپ، قانداق كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى قۇرۇش، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقىنى قانداق قۇرۇش قاتارلىق يۆنىلىشلىك، ئومۇمىيەتلىك، ئىستراتېگىيەلىك زور تېمىغا ئىلمىي جاۋاب بەردى، يېڭى دەۋردە پارتىيەنىڭ ياشلار خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن ئىلگىرىلەش نىشانى كۆرسىتىپ بەردى، تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلىدى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە قىلچە تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك ئاممىۋى تەشكىلاتلار تەرەققىيات يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشتەك دەۋر ئاساسىي تېمىسىنى پۇختا ئىگىلەپ، سىياسىيلىق، ئىلغارلىق، ئاممىۋىلىقنى ھەقىقىي كۈچەيتىش كېرەك. سوتسىيالىزمنىڭ قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىزباسارلىرىنى تەربىيەلەشنى تۈپ ۋەزىپە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتىكى ياشلار ئاممىسىنىڭ ئاساسىنى مۇستەھكەملەش ۋە كېڭەيتىشنى سىياسىي مەسئۇلىيەت قىلىپ، مەركەزنى چۆرىدەش، ئومۇمىيەتكە مۇلازىمەت قىلىشنى خىزمەتنىڭ ئاساسىي لىنىيەسى قىلىپ، ‹‹ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىللىك ياشلار تەرەققىيات يىرىك پىلانى(2016–يىلىدىن 2025–يىلىغىچە)››نى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقىنىڭ پارتىيەنىڭ ياشلار ئاممىسى بىلەن مۇناسىۋەت باغلايدىغان كۆۋرۈك ۋە تۈگۈن بولۇشتەك بۇ ۋەزىپە ئورنىنى زىچ چۆرىدەپ ئىسلاھاتنى پىلانلاپ، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقىنى قاتتىق ئىدارە قىلىش تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تىرىشىپ ھەر دەرىجىلىك ئىتتىپاق تەشكىلاتىنى تېخىمۇ قەيسەرلىك بىلەن پارتىيەگە ئەگىشىپ دەۋرنىڭ ئالدىدا، ياشلارنىڭ ئالدىدا ماڭىدىغان قىلىش كېرەك.

   شۆھرەت زاكىر، شاۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، سۈن جىنلۇڭ، لى پېڭشىن، لى ۋېي، شۈ خەيرۇڭ، ما شۆجۈن، تيەن ۋېن، لو دۇڭچۈەن، سارقىت ئاقان، جاڭ چۈنلىن يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى