تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

جۇ خەيلۈن ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى

جۇ خەيلۈن ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى:

تۈرلۈك مۇقىملىقنى قوغداش ۋە ئاممىۋى خىزمەتنى چىڭ، ئىنچىكە، ئەمەلىي ياخشى ئىشلەش كېرەك

  شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى شىڭ خەۋەر قىلىدۇ: 7–ئاينىڭ 3–كۈنىدىن 7–كۈنىگىچە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، سىياسىي–قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جۇ خەيلۈن ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، مۇقىملىقنى قوغداش ۋە ئاممىۋى خىزمەتلەرنى تەكشۈردى. جۇ خەيلۈن مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىمىزنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ قارار–ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ئاساسىدا قەتئىي بىرلىككە كەلتۈرۈپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش ‹‹بىرىكمە مۇشت›› تەدبىرىگە دائىر بىر قاتار ئورۇنلاشتۇرمىلىرى بويىچە، تېخىمۇ قاتتىق تەدبىر، تېخىمۇ پۇختا ئىستىل بىلەن، تۈرلۈك مۇقىملىقنى قوغداش ۋە ئاممىۋى خىزمەتنى چىڭ، ئىنچىكە، ئەمەلىي ياخشى ئىشلەپ، باش نىشانغا يېتىش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشىمىز كېرەك.

   تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش مەزگىلىدە، جۇ خەيلۈن ئىلگىرى–كېيىن بولۇپ قىسمەن ناھىيە، شەھەرلەردىكى يېزا، بازار، مەھەللە، ئاساسىي قاتلام ساقچىخانىسىغا بېرىپ، ئاساسىي قاتلامدىكى كادىرلار، ئاممىنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلىدى ۋە ئۇلاردىن ھال سورىدى، ئاساسىي قاتلامدىكى كادىرلار، ئاممىدىن ھازىرقى خىزمەت توغرىسىدا پىكىر ۋە تەكلىپ ئالدى، ئاساسىي قاتلامدىكى تۈرلۈك مۇقىملىقنى قوغداش تەدبىرلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ، نەتىجىلەرنى مۇئەييەنلەشتۈردى، يېتەرسىزلىكلەرنى كۆرسىتىپ بەردى ھەم ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ مۇقىملىق خىزمىتى يىغىنىنى ئېچىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداشتىكى تۈرلۈك ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قانداق قىلىپ تېخىمۇ ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدا كونكرېت ئورۇنلاشتۇرۇش قىلدى.

   جۇ خەيلۈن مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار دىققىتىنى باش نىشانغا زىچ مەركەزلەشتۈرۈپ، خەۋپ ئېڭىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، تۆۋەن چەك ئىدىيەسىنى تۇرغۇزۇپ، يۈكسەك ھوشيارلىقنى باشتىن – ئاخىر ساقلاپ، بىخۇدلۇق، بوشاڭلىق، قارىغۇلارچە ئۈمىدۋار بولۇش، دۈشمەنگە سەل قاراپ، ئۇرۇشتىن بىزار بولۇش ئىدىيەسىنى قەتئىي يېڭىپ، ئىشنى ياخشى باشلاپ، ياخشى تۈگىتىپ، باشتىن–ئاخىر بىردەك بولۇپ، ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ، قاتتىق زەربە بېرىشنىڭ يۇقىرى بېسىم ھالىتىنى باشتىن–ئاخىر ساقلاپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش ‹‹بىرىكمە مۇشت›› تەدبىرىنى تېخىمۇ چوڭقۇر، تېخىمۇ ئىنچىكە، دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، زوراۋان، تېررورچىلارغا قىلچە پۇرسەت بەرمەي، ئىجتىمائىي ئومۇملۇقنىڭ سىجىل مۇقىم بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

   جۇ خەيلۈن مۇنداق تەكىتلىدى: ئاممىۋى خىزمەتنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەش كېرەك. ئاممىۋى خىزمەتنى ياخشى ئىشلەش مۇقىملىقنىڭ ئاساسى، بۇلتۇردىن ھازىرغىچە، ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش››، ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش››، ئائىلىلەرگە كىرىش، ئائىلىلەردە قونۇش قاتارلىق خىزمەتلەر كادىرلارنىڭ ئىستىلىنى روشەن ياخشىلاپ، پارتىيە بىلەن ئامما، كادىرلار بىلەن ئاممىنىڭ مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ قويۇقلاشتۇرۇپ، ئاممىۋى خىزمەتكە ياخشى ئاساس سالدى. ھازىر، ئائىلىلەرگە كىرىش، ئائىلىلەردە قونۇشتا چىڭ تۇرۇش بىلەن بىرگە، تەشۋىق–تەربىيە، ئىجابىي يېتەكلەش، توغرا يېتەكلەش جەھەتتە يەنىمۇ كۈچەپ، ھەم ئاممىغا قارىتىلغان ئىدىيەۋى تەربىيە، روھىي جەھەتتىن يېتەكلەش خىزمىتىنى چوڭقۇر، ئىنچىكە، ياخشى ئىشلەش كېرەك، ھەم ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشتا دۇچ كەلگەن ئەمەلىي قىيىنچىلىقى ۋە مۇۋاپىق تەلىپىنى ۋاقتىدا ياردەم قىلىپ ھەل قىلىپ، ئاممىنىڭ غېمىنى يەپ، ئاممىۋى خىزمەتنى ئەستايىدىل، ئىنچىكە، ياخشى ئىشلەش كېرەك. ئاساسىي قاتلام تەشۋىقاتچىلىرىنى كۆپلەپ تەربىيەلەپ، مۇنەۋۋەر تەشۋىقاتچىلارنىڭ تۇرمۇشقا يېقىن بولۇش، ئامما بىلەن زىچ ئالاقە قىلىشتىكى ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش كېرەك. مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، خىزمەت جەريانىدا ساقلانغان مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا بايقاپ، تۈزىتىپ، تۈرلۈك تەدبىرلەرنى يەنىمۇ دەل، ئىنچىكە، كونكرېتلاشتۇرۇپ، مەسئۇلىيەتنى ئادەمگىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تۈرلۈك خىزمەتلەردە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇش، ئۈنۈمىنى كۆرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. يازلىق تەتىلدە يۇرتىغا قايتىدىغان ئوقۇغۇچىلارنى ئىدىيەۋى جەھەتتىن يېتەكلەش ۋە تەربىيەلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، لېكسىيە، ئويۇن قويۇش، ئەھۋال ئىگىلەش قاتارلىق ئىجتىمائىي ئەمەلىيەت پائالىيەتلىرىنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇپ، يۇرتىغا قايتقان ئالىي مەكتەپ، ئوتتۇرا تېخنىكوم ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ مۇقىملىقنى قوغداش ۋە ئاممىۋى خىزمەتنى ياخشى ئىشلىشىگە پائال ماسلىشىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى