شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7–ئاينىڭ 7–كۈنى تېلېگراممىسى. 7–ئاينىڭ 7–كۈنى، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى گۇيياڭ خەلقئارا مۇنبىرىنىڭ 2018–يىللىق يىللىق يىغىنى گۈيجوۋ ئۆلكىسىنىڭ گۇيياڭ شەھىرىدە باشلاندى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ مۇنبەرنىڭ يىللىق يىغىنىغا تەبرىك خېتى ئەۋەتتى.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى ئىنسانلارنىڭ كەلگۈسىگە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، يېشىل يۇرت–ماكان قۇرۇش ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ ئورتاق ئارزۇسى. خەلقئارا جەمئىيەت ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئورتاق تىرىشىپ، تەبىئەتكە ھۆرمەت قىلىدىغان، يېشىل تەرەققىي قىلىدىغان ئېكولوگىيە سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، يەر شارىنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ئېھتىياجلىق. بۇ قېتىمقى مۇنبەرنىڭ يىللىق يىغىنىدا ‹‹ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى يېڭى دەۋرىگە يۈزلىنىش: ئېكولوگىيەنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، يېشىل تەرەققىيات›› باش تېما قىلىنغان بولۇپ، مۇنبەرنىڭ ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئورتاق تونۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، يەر شارى ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، سۇلار سۈزۈك، تاغلار يېشىل بولۇشنىڭ ئۆزى بايلىق، دېگەن ئىدىيەدە چىڭ تۇرۇپ، ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ ئىناق ئۆتۈشىنى تەشەببۇس قىلىپ، يېشىل تەرەققىيات ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرىدۇ. بىز خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن بىللە، 2030–يىللىق ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پاكىز، گۈزەل دۇنيانى ئورتاق قۇرۇپ چىقىشنى ئۈمىد قىلىمىز.