تەڭرىتاغ تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان يۇقىرى ساپالىق كادىرلارنى كۈچەپ يېتىشتۈرەيلى

مەملىكەتلىك تەشكىلات خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدا (3)
خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ تەشكىلىي لۇشيەنىنى ئىزچىللاشتۇرۇشتا، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان يۇقىرى ساپالىق كادىرلار قوشۇنى بەرپا قىلىش ئاچقۇچ. باش شۇجى شى جىنپىڭ مەملىكەتلىك تەشكىلات خىزمىتى يىغىنىدا ئېنىق قىلىپ مۇنداق كۆرسەتتى: ساپالىق قىلىپ يېتىشتۈرىدىغان، ئىشنى، ئادەمنى بىلىدىغان، تاللاپ ئۆستۈرۈپ ئىشقا قويىدىغان، قاتتىق باشقۇرىدىغان، توغرا يۆنىلىشكە رىغبەتلەندۈرىدىغان كادىرلار خىزمىتى سىستېمىسى ئورنىتىش كېرەك. بۇ مۇھىم تەلەپ پارتىيەمىزنىڭ يېڭى دەۋردىكى كادىرلار خىزمىتى قانۇنىيىتىنى چوڭقۇر ئىگىلەشنىڭ كادىرلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى سىستېمىلىق ئىلگىرى سۈرۈپ، كادىرلار خىزمىتىنىڭ سۈپىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈشتىكى مۇھىم تەدبىر ئىكەنلىكىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەردى.
    ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى ئىختىساسلىقلارنى مايىل قىلىش. سىياسىي لۇشيەن بەلگىلەنگەندىن كېيىن، كادىرلار ھەل قىلغۇچ ئامىل. پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىدا بېكىتىلگەن تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ‹‹ئىككى 100 يىل››لىق كۈرەش نىشانى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا، چوقۇم مىڭلىغان، ئونمىڭلىغان سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان يۇقىرى ساپالىق كادىرلارنى يېتىشتۈرۈش شەرت. پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، بىز يېڭى دەۋردىكى ياخشى كادىر ئۆلچىمىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ كادىرلارنى باشقۇرۇش پىرىنسىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ رەھبەرلىك قىلىش ۋە ئۆتكەلنى ئىگىلەش رولىنى كۈچەيتىپ، ئادەم تاللاش – ئىشلىتىشتىكى سىياسىي ئۆتكەل، ئەخلاق ئۆتكىلى، ئىستىل ئۆتكىلى، پاكلىق ئۆتكىلىنى چىڭ تۇتۇپ، كادىرلارنى تەۋسىيە قىلىش، تەكشۈرۈش ئۇسۇلىنى ياخشىلاپ، ‹‹ئوتتۇرىغا قويۇلغان تۆت جەزمەن››دە چىڭ تۇرۇپ، ‹‹تۆت بىردىنبىر›› قاتارلىق ئادەم ئىشلىتىشتىكى بىر ياققا ئېغىش خاھىشىنى قەتئىي تۈزىتىپ، ‹‹چاتىقى بار كادىرلار››نى ئۆستۈرۈشتىن ساقلىنىپ، كادىرلارنى ئۆستۈرۈشكىمۇ، ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇشقىمۇ بولۇش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كادىرلارنى باشقۇرۇش، نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئادەم تاللاش – ئىشلىتىش ئەھۋالى ۋە كەيپىياتىنى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاپ، يېڭى دەۋردىكى كادىرلار خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن قىممەتلىك تەجرىبە توپلىدۇق. شۇنىڭ بىلەن بىللە، يېڭى بۇرچ، يېڭى ۋەزىپە، يېڭى تەلەپ ئالدىدا، بەزى كادىرلارنىڭ غايە – ئېتىقادى، سىياسىي مەسئۇلىيەتچانلىقى، ئىش بېجىرىش ئىقتىدارى، روھىي ھالىتى، خىزمەت ئىستىلىدا بەزى يېتەرسىزلىكلەر ۋە پەرقلەرنىڭ بارلىقىنى، ئۇنى تېزدىن ھەل قىلىشىمىزنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ئېنىق تونۇپ يېتىشىمىز كېرەك. كادىرلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشى نۇرغۇن تەرەپكە چېتىلىدۇ، كادىرلار خىزمىتى بىر تۈرلۈك سىستېما قۇرۇلۇشى بولۇپ، ‹‹بىرىكمە مۇشت››نى ياخشى ئېتىشقا ماھىر بولۇش كېرەك. سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان يۇقىرى ساپالىق كادىرلارنى كۈچەپ يېتىشتۈرۈپ، مەنبەدىن تەربىيەلەيدىغان، ئىز قوغلاپ تەربىيەلەيدىغان، تولۇق تەربىيەلەيدىغان ساپا يېتىلدۈرۈش سىستېمىسى، كۈندىلىك باھالايدىغان، تۈرگە ئايرىپ باھالايدىغان، يېقىن ئارىلىقتىن باھالايدىغان ئىشنى، ئادەمنى بىلىش سىستېمىسى، ئەخلاقنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويىدىغان، ياخشىلارنى ئىشقا قويىدىغان، كادىرلار خىزمىتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان تاللاپ ئۆستۈرۈش، ئىشقا قويۇش سىستېمىسى، ئىدىيەنى باشقۇرىدىغان، خىزمەتنى باشقۇرىدىغان، ئىستىلنى باشقۇرىدىغان، ئىنتىزامنى باشقۇرىدىغان قاتتىق باشقۇرۇش سىستېمىسى، ئەمەلىي ئىشلىگەنلەرنى قەدىرلەيدىغان، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىشقا تۈرتكە بولىدىغان، مەدەت بېرىدىغان، غەيرەتنى ئۇرغۇتىدىغان توغرا يۆنىلىشلىك رىغبەتلەندۈرۈش سىستېمىسىنى ئورنىتىش كېرەك، بۇ، پارتىيەنىڭ كادىرلار خىزمىتى، بولۇپمۇ پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى جانلىق ئەمەلىيەت توغرىسىدىكى ئىلمىي يەكۈن، شۇنداقلا يېڭى دەۋرنىڭ تەلىپىگە ئۇيغۇنلىشىپ، كادىرلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتىكى مۇقەررەر تاللاش، ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە تەشكىلات تارماقلىرى بۇنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، ئىگىلەپ، ھەقىقىي ياخشى تۇتۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك.
    سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان يۇقىرى ساپالىق كادىرلارنى يېتىشتۈرۈپ، كادىرلار خىزمىتى سىستېمىسىنى ئورنىتىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشتە، ھەم سىستېمىلىق پىلانلاشنى كۈچەيتىش، ھەم خىزمەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى ئىگىلەش كېرەك. سىياسىي ساپاسى گەۋدىلىك كادىرلارنى تەربىيەلەپ، يېتىشتۈرۈپ، سىياسىي ئاڭ، سىياسىي ئىقتىدارنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنى كادىرلارنى تەربىيەلەش، يېتىشتۈرۈشنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، پارتىيەۋىلىك جەھەتتىكى تەربىيەلىنىشنى، سىياسىي ئەخلاق جەھەتتىكى تەربىيەلىنىشنى، ئىنتىزام قۇرۇلۇشىنى قەتئىي بوشاشماي كۈچەيتىپ، سىياسىي جەھەتتىكى تەربىيەلەش، سىياسىي جەھەتتىكى چېنىقتۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، كادىرلارنى باشتىن – ئاخىر سىياسىيدا چىڭ تۇرالايدىغان، تايىنىشقا، ئىشىنىشكە بولىدىغان قىلىپ يېتىشتۈرۈش كېرەك. ئادەملەرنى كۆزىتىش، تونۇشتا ماھىيەتنى تۇتۇشقا ماھىر بولۇپ، سىياسىي ئۆلچەمنى گەۋدىلەندۈرۈپ، سىياسىي سادىقلىق، سىياسىي ئىرادە، سىياسىي مەسئۇلىيەت، سىياسىي ئىقتىدار، سىياسىي تەلەپچانلىقنى چوڭقۇر كۆزىتىشنى كۈچەيتىپ، ئادەتتىكى چاغلارغا كۆپرەك كۈچ سەرپ قىلىپ، كادىرلارنى ئەتراپلىق، كۆپ نۇقتىدىن، يېقىن ئارىلىقتىن كۆزىتىپ، كادىرلارنى ئومۇميۈزلۈك، تارىخىي، دىيالېكتىكىلىق ئانالىز قىلىپ، پەرقلەندۈرۈپ، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنى قەتئىي ئىشىك سىرتىدا توسۇپ قېلىش كېرەك. كادىرلارنى تاللاش – ئىشلىتىشتە كەسىپنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، كەسىپ قانداق ئادەمگە ئېھتىياجلىق بولسا شۇنداق ئادەمنى تاللاپ، ئىش ئورنىدا قانداق ئادەم كەم بولسا شۇنداق ئادەمنى سەپلەپ، مۇۋاپىق كادىرنى مۇۋاپىق ئىش ئورنىغا قويۇش كېرەك. قاتتىق باشقۇرۇشتا كۈندىلىك، دائىملىق باشقۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك، ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار، بولۇپمۇ 1 – قول رەھبەرگە قارىتىلغان، ھوقۇق مەركەزلەشكەن، مەبلەغ توپلاشقان، بايلىق كۆجۈملەشكەن نۇقتىلىق ئورۇن ۋە ھالقىلىق ئىش ئورنىدىكى كادىرلارغا قارىتىلغان نازارەتنى كۈچەيتىپ، ھالقىلىق ئادەمنى ياخشى باشقۇرۇپ، ھالقىلىق ئورۇنغىچە باشقۇرۇپ، ھالقىلىق ئىشنى باشقۇرۇپ، ھالقىلىق پەيتتە باشقۇرۇپ، بالدۇر، كىچىكىدە تۇتۇش، بىخ ھالىتىدىلا يوقىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، قۇلىقىنى چىشلەش، پېشىنى تارتىش، يۈزىنى قىزارتىش، تەرلىتىشنى دائىملاشتۇرۇش كېرەك. ئىش قىلىش يۆنىلىشىنى كۈچەيتىشكە توغرا يۆنىلىشتە رىغبەت بېرىپ، مەسئۇل بولۇشقا جۈرئەت قىلالايدىغان، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئالالايدىغان، نەتىجە يارىتىشقا ماھىر، ئەمەلىي نەتىجىسى گەۋدىلىك، پاك، دۇرۇس كادىرلارنى زور كۈچ بىلەن بايقاپ، تەقدىرلەپ ۋە تاللاپ، ئىش قىلمايدىغان، سۆرەلمىلىك قىلىدىغانلارنى قەتئىي تەڭشەپ، بايرىقى روشەن ھالدا مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئالالايدىغان كادىرلارغا مەدەت، ئىلھام بېرىش كېرەك. كادىرلار خىزمىتى سىستېمىسىنى ئورنىتىش، مۇكەممەللەشتۈرۈش تەلىپىگە سېلىشتۇرۇپ، ئۇنى ئادەم تاللاش – ئىشلىتىش ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، كەم – كوتىلىرىنى تېپىپ چىقىپ، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، نۇقتىلىق بۆسۈش ھاسىل قىلىشتا ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش داۋامىدا تۈزۈملەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك.
    ئادەمنى تونۇغۇچىنىڭ ساپاسى قانچە يۇقىرى بولسا، يۇقىرى ئىختىساسلىقلارنى شۇنچە ئېنىق تونۇيالايدۇ. سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان يۇقىرى ساپالىق كادىرلارنى يېتىشتۈرۈش، كادىرلار خىزمىتى سىستېمىسىنى ئورنىتىش، مۇكەممەللەشتۈرۈشتە، تەشكىلات تارماقلىرى ۋە تەشكىلات خىزمىتى كادىرلىرى ئىشنى، ئادەمنى بىلىش، ئىقتىدارلىقلارنى بىلىش ۋە ئۇلارنى ئىشقا سېلىشقا ماھىر بولۇشتەك كەسپىي ئىقتىدار، كەسپىي روھنى ئۈزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈشى كېرەك. كادىرلارنى باشقۇرىدىغان، كادىرلارنى ئىشلىتىدىغان كادىرلاردا ‹‹تاغقا بېرىپ قاشتاش ئىزدەيدىغان، دېڭىز بويىغا بېرىپ مەرۋايىت ئىزدەيدىغان›› ئۆتكۈر كۆز بولۇشى، ‹‹ئىختىساسلىقلارنى ياخشى، جانلىق ئىشلىتىشتە ئارتۇقچىلىقنىمۇ، كەمچىلىكنىمۇ بايقىيالىغاندىلا، ئىختىساسلىقلارنى كۆپلەپ ئوتتۇرىغا چىقارغىلى بولىدۇ›› دەيدىغان ئادەم ئىشلىتىش يولىنى ئىگىلىگەن بولۇشى، ‹‹ئىزدىدىم ئۇنى شۇنچە جاپادا›› دەيدىغان ئىختىساسلىقلارنى قەدىرلەش ھېسسىياتى، ‹‹ھەققانىي، ئادىل›› روھ بولۇشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك تەشكىلات تارماقلىرى ۋە تەشكىلات خىزمىتى كادىرلىرىدا جەزمەن مۇشۇنداق يۈكسەكلىك، ئەندىزە ۋە ئىقتىدار بولۇشى كېرەك.


(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7 – ئاينىڭ 6 – كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • شىنجاڭ ساياھەتچىلىكى بارغانسېرى جانلاندى
  • شاللىق رەسىمى ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى
  • بۇغدا كۆلىدىكى تۇنجى قار
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى