تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنىڭ ئاساسىنى پۇختىلايمەن

ئاقسۇ ۋىلايەتلىك نېفىت رايونى ئىشخانىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن مۇدىر نۇر قاسىم

    ھازىر ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە قارشى بۇ مەيدان ھايات-ماماتلىق، قانلىق كۈرەشتە، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ۋە ئامما جەزمەن مەيدانىنى مۇستەھكەم، بايرىقىنى روشەن قىلىپ، دۈشمەنگە قارشى بىر سەپتە تۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قەتئىي قوغدىشى كېرەك.
    پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار قوشۇنىغا سۇقۇنۇپ كىرىۋالغان ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەر سەھنىدە بىر خىل مۇقام توۋلىسا، سەھنىدىن چۈشكەندە قارشى مۇقام توۋلىدى، بۆلگۈنچىلىككە، سىڭدۈرمىچىلىككە، زوراۋانلىق، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قاتارلىق چوڭ ھەق-چوڭ ناھەق مەسىلىلىرىدە مۈجمەل پوزىتسىيەدە بولدى، ھەتتا ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››نىڭ قولچوماقچىسى ۋە پەردە ئارقىسىدىكى پىلانلىغۇچىسى بولدى. ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنىڭ ئىپادىلىنىش شەكلى كۆپ خىل بولۇپ، بەزىلەر دىنغا ئىشەنمەيدىغان قىياپەتكە كىرىۋالغان بىلەن ئاستىرتىن يەنىلا ئىشەندى، خىزمەت قىلىۋاتقاندا ئىشەنمىگەن بىلەن، پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىن ئىشەندى؛ بەزىلەرنىڭ ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇشتىكى پوزىتسىيەسى مۈجمەل بولدى، ئۇلار كۆرۈنۈشتە ئىتائەت قىلغان بولۇپ، ئاستىرتىن خىلاپلىق قىلدى، ئالدىدا بىر خىل، كەينىدە بىر خىل مۇئامىلە قىلدى؛ بەزىلەر ‹‹پانئىسلامىزم››، ‹‹پانتۈركىزم›› ئىدىيەسىنى تارقىتىپ، ياشلار، ئۆسمۈرلەرنى زەھەرلەپ، مىللەتلەر مۇناسىۋىتىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، ۋەقە تۇغدۇردى؛ ھەتتا بەزىلەر ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› بىلەن بىۋاسىتە ئېغىز-بۇرۇن يالىشىپ، تىل بىرىكتۈرۈپ، مىللىي بۆلگۈنچىلىك، زوراۋانلىق، تېررورلۇق ۋە دىنىي ئەسەبىي ھەرىكەتلەرنى پىلانلىدى، ئۇنىڭغا قاتناشتى، ئۇنى قوللىدى. ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەر پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ، ئاممىنىڭ مەنپەئىتىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزۈپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››نىڭ خورىكىنى ئۆستۈرۈپ قويدى، ئۇلار ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››تىنمۇ قەبىھ، تېخىمۇ خەتەرلىك، ئۇلارنى چوقۇم پاكىز قېزىپ، پاكىز تازىلاپ، ئۈزۈل-كېسىل يوقىتىشىمىز كېرەك. پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ۋە ئامما چوڭ ھەق-چوڭ ناھەق مەسىلىلىرى ئالدىدا، چوقۇم دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قەتئىي قارشى تۇرۇپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قەتئىي قوغداپ، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنى دادىل پاش قىلىشى ۋە تەنقىد قىلىشى كېرەك.
    پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ۋە ئامما غايە-ئېتىقادى ۋە سىياسىي مەيدانىنى چوقۇم مۇستەھكەملەپ، باش نىشاننى زىچ چۆرىدەپ، ‹‹مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتىدە مۇناسىۋەتسىز رايون، مۇناسىۋەتسىز ئورۇن، مۇناسىۋەتسىز كىشى يوق›› دېگەن ئىدىيەدە چىڭ تۇرۇپ، خەۋپ ئېڭىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدىن ئىبارەت بۇ كىرىچنى ھەرۋاقىت چىڭىتىپ، بايرىقى روشەن، مەيدانى مۇستەھكەم، تونۇشى بىردەك، ئىچى بىلەن تېشى بىردەك بولۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوغدىشى كېرەك.
    مەن پارتىيەنىڭ ئىللىق نۇرىدا، پارتىيەنىڭ تەربىيەسى ۋە يېتىشتۈرۈشىدە رەھبىرىي كادىر بولۇپ ئۆسۈپ يېتىلدىم. پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقى، تەربىيەسى ۋە يېتىشتۈرۈشى بولمىغان بولسا، مېنىڭ بۈگۈنۈم بولمىغان بولاتتى، مەن پارتىيەنىڭ مېھىر-شەپقىتىدىن چەكسىز مىننەتدار. پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقىدا، ھەر مىللەت ئامما شەھەر-بازار داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، ئومۇمىي خەلق ھەقسىز سالامەتلىك تەكشۈرتۈش ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىگىلىك تىكلەش قاتارلىق ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىدىن بەھرىمەن بولماقتا، ئىسلاھات ۋە تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن تولۇق بەھرىمەن بولماقتا، بۇلارنىڭ ھەممىسى پارتىيەنىڭ بىزگە قىلغان شەپقىتى، ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئامما پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشىمىز كېرەك.
    مەن پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدىن ئىبارەت چوڭ ھەق-چوڭ ناھەق مەسىلىلىرىدە، بايرىقىمنى روشەن، مەيدانىمنى مۇستەھكەم، پوزىتسىيەمنى كەسكىن، ئىچىم بىلەن تېشىمنى بىردەك قىلىپ، ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشتىكى ‹‹بىرىكمە مۇشت››ىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىتتىپاقلىشىشقا بولىدىغان بارلىق كۈچلەر بىلەن ئىتتىپاقلىشىپ، ئاكتىپ كۈچنى پائال جارى قىلدۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنى ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇپ، دۈشمەنگە قارشى بىر سەپتە تۇرۇپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنى تەلتۆكۈس يوقىتىپ، ئۇلارغا قىلچە دەم ئېلىش پۇرسىتى بەرمەي، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئاساسىنى پۇختىلاش، ئىتتىپاق-ئىناق، ئاۋات-باي، مەدەنىي-ئالغا باسقان، خاتىرجەم ياشايدىغان جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشقا يېتەكلەيمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى