تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى، جەمئىيەتنىڭ تىنچ-ئامانلىقىنى قوغدايمەن

   ئارشاڭ ناھىيەسى كۆكتوخا نەسىللىك چارۋا فېرمىسى پارتكومىنىڭ ئەزاسى باشىك

  ھازىر شىنجاڭ يەنىلا «ئۈچ مەزگىل گىرەلىشىپ كەتكەن» ئالاھىدە تارىخىي مەزگىلدە تۇرماقتا، پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، بايرىقىم روشەن ھالدا سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىپ، قەتئىي پارتىيەدىن مىننەتدار بولۇپ، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىپ، يۈكسەك سىياسىي مەسئۇلىيەتچانلىقىم ۋە تارىخىي بۇرچ تۇيغۇم بىلەن، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى كەم - كوتسىز ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تۈرلۈك ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش نىشان بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، «ئۈچ خىل كۈچ»، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىمەن.

  شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، سوتسىيالىستىك قىممەت قارىشىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسەتكۈچى، ئىجتىمائىي ئاكتىپ كۈچنى يەتكۈزگۈچىلەردىن بولۇپ، خىزمەتتە ئۈلگە بولۇپ، قوشۇننى ياخشى يېتەكلەپ، ھەر مىللەت كادىر ۋە ئىشچى-خىزمەتچىلەرگە سىياسىي مەيداننى چىڭىتىش، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈشكە جۈرئەت قىلىش توغرىسىدا تەربىيە بېرىمەن ۋە يېتەكلەيمەن؛ تۇرمۇشتا بايرىقىم روشەن ھالدا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداپ، ئىتتىپاق، مۇقىم بولغان كۈچلۈك ئاكتىپ كۈچ شەكىللەندۈرۈپ، ئەتراپىمدىكى كەسىپداشلار، ئائىلەمدىكىلەرنى تەسىرلەندۈرۈپ، تەسىر كۆرسىتىپ ۋە يېتەكلەپ، ھەر مىللەت ئاممىسى بىلەن بىرلىكتە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغدايمەن.

  پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ئىقتىدارىمنى داۋاملىق، ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئاممىنى توغرا يېتەكلەپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىش، مەسئۇلىيەتچان بولۇش، مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ كۈچلۈك مۇداپىئە سېپى ۋە پولات سېپىلىنى مۇستەھكەم قۇرۇپ چىقىمەن. «ئەڭ ئەستايىدىل بولۇش» روھىم ۋە «ئەڭ مەسئۇلىيەتچان بولۇش»تەك ھەرىكىتىم بىلەن، باشلامچىلىق رولۇمنى ئاكتىپ جارى قىلدۇرۇپ، ئاممىۋى خىزمەتنى قەتئىي ياخشى، ئىنچىكە، ئەمەلىي ئىشلەپ، تېررورلۇق، زوراۋانلىق خەۋپى بار تۇپراقنى پاكىز تازىلايمەن؛ ئەۋزەللىكىمنى ئاكتىپ جارى قىلدۇرۇپ، دىلىم بىلەن، كۈچۈم بىلەن ۋە رىشتىم بىلەن ئاممىغا تايىنىپ، ئاممىنى سەپەرۋەر قىلىپ، ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، «ئۈچ خىل كۈچ»، «ئىككى يۈزلىمىچى»لەر، دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەنىڭ ئەكسىيەتچىل ماھىيىتى ۋە رەزىل ئەپت-بەشىرىسىنى باشلامچىلىق بىلەن ئاشكارىلاپ تەنقىد قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنى كۆزىنى يوغان ئېچىش، ھەق-ناھەقنى ئايرىش، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئېڭىنى ئۆستۈرۈشكە ئاكتىپ يېتەكلەپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ دىنىي ئەسەبىي ئىدىيەنىڭ سىڭىپ كىرىشىگە ۋە بۇزغۇنچىلىقىغا ئاڭلىق قارشى تۇرۇپ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنىڭ كونكرېت ئەمەلىيىتىگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن قاتنىشىشىغا تەسىر كۆرسىتىمەن ۋە ئۇلارنى يېتەكلەيمەن. بىز چوقۇم مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنىڭ مۇھىملىقىنى تولۇق تونۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىق بولمىسا، شىنجاڭنىڭ گۈزەل كەلگۈسى، بىزنىڭ گۈزەل ئەتىمىزنىڭ بولمايدىغانلىقىنى تولۇق تونۇشىمىز، بۇ بەختلىك تۇرمۇشىمىزنىڭ پارتىيە رەھبەرلىكىنىڭ نەتىجىسى ئىكەنلىكىنى، سوتسىيالىستىك تۈزۈم كاپالىتىنىڭ نەتىجىسى ئىكەنلىكىنى، قەتئىي تەۋرەنمەي جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا ماڭغاندىلا، ئاندىن بەخت يولىغا ماڭغىلى بولىدىغانلىقىنى تولۇق تونۇشىمىز كېرەك. ھەر مىللەت كادىر ۋە ئامما دەرھال ھەرىكەتكە كېلىپ، «زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايى قىلمىشلىرىنى ئەيىبلەش، ئەسەبىي ئىدىيەگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىش»نىڭ پولات سېپىلىنى مۇستەھكەم قۇرۇپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز بىلەن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايەتلىرىگە زەربە بېرىپ، جەمئىيەتنىڭ تىنچ-ئامانلىقىنى قوغدىشىمىز كېرەك. سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئىلىم-پەنگە ھۆرمەت قىلىپ، يېڭى بىلىم ئۆگىنىشكە ئىنتىلىپ، گۈزەل يۇرت-ماكانىمىزنى تىرىشىپ قۇرۇپ چىقىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا يېتىش ئۈچۈن تېگىشلىك تۆھپە قوشۇشىمىز كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى