تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى رەئىس شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو – ئەرەب دۆلەتلىرى ھەمكارلىق مۇنبىرى 8 – نۆۋەتلىك مىنىستىر دەرىجىلىكلەر يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتنىشىدىغانلىقى توغرىسىدا جۇڭگو ۋە چەتئەل تاراتقۇلىرىنى خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنى ئاچتى

    شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7 – ئاينىڭ 6 – كۈنى تېلېگراممىسى. دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 7 – ئاينىڭ 6 – كۈنى جۇڭگو ۋە چەت ئەل تاراتقۇلىرىنى خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنى ئاچتى. دىپلوماتىيە مىنىستىرىنىڭ ياردەمچىسى چېن شياۋدۇڭ رەئىس شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو – ئەرەب دۆلەتلىرى ھەمكارلىق مۇنبىرى 8 – نۆۋەتلىك مىنىستىر دەرىجىلىكلەر يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتنىشىدىغانلىقى توغرىسىدىكى مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى ھەم مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى.
    چېن شياۋدۇڭ مۇنداق دېدى: رەئىس شى جىنپىڭ 7 – ئاينىڭ 10 – كۈنى خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىگە كېلىدىغان كۇۋەيت ئەمىرى ساباخ، مىنىستىر دەرىجىلىكلەر يىغىنىغا قاتنىشىدىغان 21 ئەرەب دۆلىتىنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى ياكى مىنىستىرى، شۇنداقلا ئەرەب دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىنىڭ باش كاتىپى بىلەن بىرلىكتە جۇڭگو – ئەرەب دۆلەتلىرى ھەمكارلىق مۇنبىرى 8 – نۆۋەتلىك مىنىستىر دەرىجىلىكلەر يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتنىشىدۇ ھەم  مۇھىم سۆز قىلىدۇ. بۇ، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ 3 – قېتىم ئەرەب دۇنياسىغا مۇھىم سىياسەت ئېلان قىلىشى بولۇپ، جۇڭگونىڭ جۇڭگو – ئەرەب دۆلەتلىرى مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى، جۇڭگو – ئەرەب دۆلەتلىرى ھەمكارلىق مۇنبىرى قۇرۇلۇشىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقى ۋە ئۇنى زور كۈچ بىلەن قوللايدىغانلىقىنى نامايان قىلىدۇ.
    چېن شياۋدۇڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو – ئەرەب دۆلەتلىرى ھەمكارلىق مۇنبىرى قۇرۇلغان 14 يىلدىن بۇيان، كۆلىمى ۋە تەسىرى ئۈزلۈكسىز كېڭىيىپ، جۇڭگو – ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ كوللېكتىپ سۆھبىتى ۋە ھەمكارلىقىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈردى. بۇ نۆۋەتلىك مىنىستىر دەرىجىلىكلەر يىغىنى دەل پەيتىدە ئېچىلىدىغان بولۇپ، جۇڭگو بىلەن ئەرەب دۆلەتلىرى بۇنىڭغا ئەھمىيەت بەردى ۋە تەقەززا بولدى. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتنىشىشى ھەم مۇھىم سۆز قىلىشى بۇ نۆۋەتلىك مىنىستىر دەرىجىلىكلەر يىغىنىدىكى ئەڭ كاتتا ئىش بولۇپ، ئەھمىيىتى زور، تەسىرى چوڭقۇر. بىرىنچىدىن، جۇڭگو – ئەرەب دۆلەتلىرى مۇناسىۋىتىنى يېڭى يۈكسەكلىككە يۈزلىنىشكە يېتەكلەيدۇ. رەئىس شى جىنپىڭ جۇڭگو – ئەرەب دۆلەتلىرى مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىشتە يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەش، كوللېكتىپ ھەمكارلىقنى پىلانلاش، مۇنبەر قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىش قاتارلىق مەزمۇنلاردا جۇڭگونىڭ قارىشىنى شەرھلەيدۇ، ئىشىنىمىزكى، بۇ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو – ئەرەب دۆلەتلىرى مۇناسىۋىتى تەرەققىياتىنىڭ ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ بېرىپ، ئۇنى تۈپ قوللانمىغا ئىگە قىلىدۇ. ئىككىنچىدىن، ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول››نى ئورتاق قۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىدۇ. رەئىس شى جىنپىڭ جۇڭگو – ئەرەب دۆلەتلىرى ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول››نى ئورتاق قۇرۇش ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش توغرىسىدا مۇھىم تەشەببۇسنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە نۇرغۇن تەدبىر ناھايىتى كۈچلۈك ئالدىن كۆرەرلىككە، يېڭىلىق يارىتىشچانلىققا ۋە كېڭەيتىشچانلىققا ئىگە. ئۇنىڭدىن باشقا، بۇ نۆۋەتلىك مىنىستىر دەرىجىلىكلەر يىغىنىدا ‹‹بېيجىڭ خىتابنامىسى››، ‹‹2018 – 2020 – يىللىق ھەرىكەت ئىجرا پىلانى›› قاتارلىق نەتىجە ھۆججەتلىرىنى ماقۇللاش پىلانلاندى، بۇ، ئون نەچچە ساھەنىڭ ھەمكارلىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، كەلگۈسىدە جۇڭگو – ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ ‹‹بىر بەلباغ، بىر يول››نى ئورتاق قۇرۇشى ئۈچۈن ئېنىق، يولغا قويۇشقا بولىدىغان يول خەرىتىسىنى تۈزۈپ بېرىدۇ. ئۈچىنچىدىن، ئوتتۇرا شەرقنىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن يېڭى تىرىشچانلىق كۆرسىتىدۇ. رەئىس شى جىنپىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدىكى سۆزىدە، نۆۋەتتىكى ئوتتۇرا شەرق دۇچ كەلگەن گەۋدىلىك مەسىلىلەر ۋە ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئېھتىياجىغا بىرلەشتۈرۈپ، ‹‹جۇڭگو لايىھەسى››نى شەرھلەپ، جۇڭگونىڭ تىرىشچانلىقىنى تونۇشتۇرىدۇ. جۇڭگو تەرەپ ئەرەب دۆلەتلىرى بىلەن قول تۇتۇشۇپ تىرىشىپ، ئوتتۇرا شەرقنىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگو – ئەرەب دۆلەتلىرى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى تىرىشىپ بەرپا قىلىپ، شۇ ئارقىلىق ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ.
    چېن شياۋدۇڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ھازىر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە كىردى، ئەرەب دۆلەتلىرىمۇ ئىسلاھات ئارقىلىق ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنىڭ ئاچقۇچلۇق مەزگىلىدە تۇرۇۋاتىدۇ. جۇڭگو – ئەرەب دۆلەتلىرى مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى ئىككى تەرەپكە، رايون ۋە دۇنيا ئىشلىرىغا پايدىلىق. بىز بىرلىكتە رەئىس شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنى ئاڭلاشقا تەقەززا بولماقتىمىز، ئىشىنىمىزكى، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى جۇڭگو – ئەرەب دۆلەتلىرى مۇناسىۋىتى تەرەققىياتىغا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇپ، جۇڭگو – ئەرەب دۆلەتلىرى ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى مەنزىلىنى يورۇتقۇسى، رايون تىنچلىقىغا يېڭى ئۈمىد ئېلىپ كەلگۈسى.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.