تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

تۈزۈمنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ تەجرىبىلىرىنى جانلاندۇرۇپ، كادىرلارنى نەتىجە يارىتىشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك

شى جىنپىڭ مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ 3–يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ مۇنداق تەكىتلىدى:

تۈزۈمنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ تەجرىبىلىرىنى جانلاندۇرۇپ، كادىرلارنى نەتىجە يارىتىشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك

ۋاڭ خۇنىڭ، خەن جېڭ يىغىنغا قاتناشتى

    شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7 – ئاينىڭ 6 – كۈنى تېلېگراممىسى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى، مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شى جىنپىڭ 7 – ئاينىڭ 6 – كۈنى چۈشتىن كېيىن مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ 3 – يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى ئىسلاھات نەتىجىلىرىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئاساسىدا، پۇرسەتنى قولدىن بەرمەي ئومۇمىيەت خاراكتېرلىك زور ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا يېڭى، زور ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈردى. ئىسلاھاتنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈشتە، تېخىمۇ كۆپ زېھىننى نۇقتىلىق، قىيىن مەسىلىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ جەڭ قىلىپ، تۈزۈمنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ تەجرىبىلىرىنى جانلاندۇرۇپ، كادىرلارنى نەتىجە يارىتىشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.
    جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ۋاڭ خۇنىڭ، خەن جېڭ يىغىنغا قاتناشتى.
    يىغىندا ‹‹خېبېي شيۇڭئەن يېڭى رايونىنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشى ۋە ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىشىنى قوللاش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر››، ‹‹يېڭى دەۋر مەدەنىيلىكىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش مەركىزى قۇرۇشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتى توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر››، ‹‹مەكتەپ سىرتىدىكى تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى قېلىپلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى پىكىر››، ‹‹يەسلى مائارىپىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئىسلاھاتىنى قېلىپلاشتۇرۇش، راۋاجلاندۇرۇش توغرىسىدىكى بىر قانچە پىكىر››، ‹‹خامچوت ئۈنۈمىنى باشقۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇش توغرىسىدىكى پىكىر››، ‹‹ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈش تۈزۈلمە – مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاھالىنىڭ ئىستېمال يوشۇرۇن كۈچىنى يەنىمۇ قوزغاش توغرىسىدىكى بىر قانچە پىكىر››، ‹‹ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈش تۈزۈلمە – مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش لايىھەسى(2020 – 2018)››، ‹‹ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمىتى ئۆلچەم سىستېمىسىنى ئورنىتىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر››، ‹‹مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش ئىسلاھاتىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى بىرقانچە پىكىر››، ‹‹ھۆكۈمەت مۇلازىمەتنى سېتىۋېلىشتىكى ئۈچىنچى تەرەپ ئۈنۈمنى باھالاش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر››، ‹‹ئىستاتىستىكىدا ساختىلىق قىلىش، ئالدامچىلىق قىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى جازالاشنى نازارەت قىلىش خىزمىتى توغرىسىدىكى بەلگىلىمە››، ‹‹جېجياڭ قاتارلىق جايلارنىڭ <ئەڭ كۆپ بولغاندا بىرلا قېتىم قاتراش> ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشىدا مەركەز قاتلىمىدا ھەل قىلىنىدىغان ئىشلارنىڭ تىزىملىكى ۋە خىزمەتلەر توغرىسىدىكى تەكلىپ››، ‹‹ناھىيە دەرىجىلىكتىن تۆۋەن كەسپىي ئورۇنلارنىڭ باشقۇرۇش ئىش ئورنىدىكى خىزمەتچى خادىملارنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش تۈزۈمىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى››، ‹‹ئارمىيە بىلەن خەلقنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى بىر قانچە مالىيە سىياسىتىگە ئائىت پىكىر››، ‹‹بېيجىڭ ئالاقە تورى سوت مەھكىمىسى، گۇاڭجوۋ ئالاقە تورى سوت مەھكىمىسىنى كۆپەيتىپ تەسىس قىلىش توغرىسىدىكى لايىھە››، ‹‹ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئاممىۋى پاراۋانلىقى دەۋاسى تەپتىش كوللېگىيەسى تەسىس قىلىش توغرىسىدىكى لايىھەسى›› قاراپ چىقىلىپ ماقۇللاندى.
    يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: خېبېي شيۇڭئەن يېڭى رايونىنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشى ۋە ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىشىنى قوللاشتا، بېيجىڭنىڭ پايتەختكە خاس بولمىغان فۇنكسىيەسىنى تارقاقلاشتۇرۇشتىكى مەركەزلىك ئۈستىگە ئالغۇچى ئورۇن بولۇشتەك ئورنىنى پۇختا ئىگىلەپ، ‹‹شيۇڭئەن سۈپىتى››نى يارىتىشنى چۆرىدەپ، شيۇڭئەن يېڭى رايونىغا تېخىمۇ چوڭ ئۆز ئالدىغا ئىسلاھ قىلىش ھوقۇقى بېرىپ، يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىش، شەھەرنى تۈزەش، ئاممىۋى مۇلازىمىتى قاتارلىق جەھەتلەردە ئالدىن يولغا قويۇپ، ئالدىن سىناپ، ئالدىن بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات تەلىپى ۋە كەلگۈسى تەرەققىيات يۆنىلىشىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان تۈزۈم سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولىدىغان مەملىكەتلىك ئۆرنەك يارىتىش كېرەك.
   يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: يېڭى دەۋر مەدەنىيلىكىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش مەركىزى قۇرۇش شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر تەشۋىق قىلىشتىكى مۇھىم ۋاسىتە، ئاممىنى ئۇيۇشتۇرۇش، ئاممىنى يېتەكلەشنى كۆزلەپ، مەدەنىيەت ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەپ، ياخشى ئادەت شەكىللەندۈرۈپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ كۈچىنى سەپەرۋەر قىلىپ، تۈرلۈك بايلىقلارنى بىرلەشتۈرۈپ، شەكىل، ئۇسۇلدا يېڭىلىق يارىتىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك مەدەنىيەت، سوتسىيالىستىك ئىدىيە – ئەخلاق ئارقىلىق يېزىلارنىڭ ئىدىيە – مەدەنىيەت بازىسىنى مەھكەم ئىگىلەپ، يېزىلاردىكى كەڭ ئاممىنى سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا پائال ئاتلىنىشقا سەپەرۋەر قىلىش ۋە ئىلھاملاندۇرۇش كېرەك.
    يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: مەكتەپ سىرتىدىكى تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى قېلىپلاشتۇرۇشتا، پارتىيەنىڭ مائارىپ فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەخلاق ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەشتە چىڭ تۇرۇپ، ساپا مائارىپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، مەكتەپ سىرتىدىكى تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىش، مۇكەممەللەشتۈرۈشنى كۈچەش نۇقتىسى قىلىپ، مەكتەپ سىرتىدىكى تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرىنى قېلىپلاشتۇرۇش، تەرتىپلىك تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى بەرپا قىلىپ، ئاممىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولغان ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ دەرستىن سىرتقى يۈكى زىيادە ئېغىر بولۇش مەسىلىسىنى ھەقىقىي ھەل قىلىش كېرەك. مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇش سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، مەكتەپ مائارىپىنىڭ ئاساسىي بازىلىق رولىنى كۈچەيتىش كېرەك.
   يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: يەسلى مائارىپىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئىسلاھاتىنى قېلىپلاشتۇرۇش، راۋاجلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت پۇقرالار ئۈچۈن ئەمەلىي قىلىپ بەرگەن مۇھىم خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى. پارتىيەنىڭ مائارىپ فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يەسلى مائارىپىنىڭ قانۇنىيىتىگە ئەمەل قىلىپ، يەسلى مائارىپىنىڭ تۈزۈلمە – مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يەسلى مائارىپىنىڭ سىياسەت كاپالىتى سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، يەسلى مائارىپىنىڭ ئومۇملىشىشى، نەپ يەتكۈزۈشى، بىخەتەرلىكى، سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاممىنىڭ بالىلارنى تەربىيەلەش پۇرسىتىگە ئىگە قىلىش ئارزۇسىنى قاندۇرۇش كېرەك.
    يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: خامچوت ئۈنۈمىنى باشقۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇش ھۆكۈمەتنىڭ ئىدارە قىلىش ئۇسۇلىدىكى چوڭقۇر ئۆزگىرىش. توغرا نەتىجە قارىشىنى مەھكەم تۇرغۇزۇپ، خامچوت باشقۇرۇش ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىپ، ئۈنۈم يۆنىلىشىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خامچوت ئۈنۈمىنى باشقۇرۇشنى ئەتراپلىق، پۈتۈن جەريانلىق، تولۇق يولغا قويۇپ، خامچوت ۋە ئۈنۈم باشقۇرۇشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، مالىيە بايلىقىنى تەقسىملەش ئۈنۈمى ۋە ئىشلىتىش ئۈنۈمىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈش كېرەك.
    يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈش تۈزۈلمە – مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشتە، ئاھالىلەرنىڭ ئىستېمال يېڭى يۈزلىنىشىگە ئۇيغۇنلىشىپ، تەمىنلەش بىلەن ئېھتىياجدىن ئىبارەت ئىككى نۇقتىدىن كۈچەپ، نۇقتىلىق ئىستېمال ساھەسىدە ئىنچىكە ئايرىلغان بازارلارنى پائال يېتىلدۈرۈپ، بىخەتەر، خاتىرجەم ئىستېمال مۇھىتى يارىتىپ، ئاھالىلەرنىڭ ئىستېمال ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ، مۇۋاپىق ئىستېمال كۆزلىمىسىنى يېتەكلەپ، شەكىللەندۈرۈپ، ئىستېمالنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتتىكى ئۇللۇق رولىنى ھەقىقىي كۈچەيتىش كېرەك.
     يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش ئىسلاھاتىنى كۈچەيتىش دۆلەتنىڭ مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغدىشى ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىشىدا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، دىققەتنى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداشتىكى مۇھىم نۇقتا، قىيىن نۇقتا مەسىلىلىرىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، تۈزۈم لايىھەلەش ۋە دەل جايىدا باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى بايلىقىنى جانلاندۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، قوغداش داۋامىدا تەرەققىي قىلدۇرۇش، تەرەققىي قىلدۇرۇش داۋامىدا قوغداش كېرەك.
يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: ھۆكۈمەت مۇلازىمەتنى سېتىۋېلىشتىكى ئۈچىنچى تەرەپ ئۈنۈمنى باھالاش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ھازىرقى ھۆكۈمەت مۇلازىمەتنى سېتىۋېلىشتا ساقلانغان مەسىلىلەرگە قارىتا، ئۈچىنچى تەرەپ ئاپپاراتلىرىنى پائال كىرگۈزۈپ، مۇلازىمەتنى سېتىۋېلىش ھەرىكىتىنىڭ ئىقتىسادچىللىقى، قېلىپلىشىشى، ئۈنۈملۈكلۈكى، ئادىللىقىنى باھالاشنى قانات يايدۇرۇپ، ئۆلچەملەشتۈرۈپ، تۈزۈملەشتۈرۈپ باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى ئاشۇرۇپ، مالىيە مەبلىغىنىڭ ئۈنۈمى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئاممىۋى مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.
    يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئىستاتىستىكىدا ساختىلىق قىلىش، ئالدامچىلىق قىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى جازالاشنى نازارەت قىلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشتىكى مەقسەت ئىستاتىستىكا سانلىق مەلۇماتلىرىنىڭ چىنلىقى، توغرىلىقىغا كاپالەتلىك قىلىشتىن ئىبارەت. دىققەتنى ئىستاتىستىكىدىكى قانۇندا بەلگىلەنگەن مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش، ئىستاتىستىكىدىكى ئىنتىزامغا ۋە قانۇنغا خىلاپ ھادىسىلەرنى تۈزەش، ئىستاتىستىكا سانلىق مەلۇماتلىرىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشكە مەركەزلەشتۈرۈپ، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، مەسىلىنى بايقاپ، ئىنتىزامنى چىڭىتىپ، ئىستاتىستىكا قانۇن – نىزاملىرىنىڭ نوپۇزىنى قوغداپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئۈچۈن ئىستاتىستىكا تۈزۈم كاپالىتىنى ياخشى قىلىش كېرەك.
    يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: جېجياڭ قاتارلىق جايلارنىڭ ‹‹ئەڭ كۆپ بولغاندا بىرلا قېتىم قاتراش›› ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشى مەركەز قاتلىمىنىڭ تۈزۈم ۋە سىياسەت تۈزۈشىگە چېتىلىدۇ. مەركەز قاتلىمىدا ھەل قىلىنىدىغان ئىشلارنىڭ تىزىملىكىنى تۈزۈپ، بىرتۇتاش ئويلىشىپ، تۈرگە ئايرىپ بىر تەرەپ قىلىپ، ئاپپارات ئىسلاھاتى، مەبلەغ سېلىشنى تەستىقلاش ئىسلاھاتى، ئۇچۇردىن ئورتاق بەھرىلىنىش، قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش قاتارلىق تەدبىرلەر ئارقىلىق مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنى تەتقىق قىلىپ ھەل قىلىشنى چىڭ تۇتۇش كېرەك.
    يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ناھىيە دەرىجىلىكتىن تۆۋەن كەسپىي ئورۇنلارنىڭ باشقۇرۇش ئىش ئورنىدىكى خىزمەتچى خادىملارنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش تۈزۈمىنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى قانات يايدۇرۇشتا، پارتىيە كادىرلارنى باشقۇرۇش، پارتىيە ئىختىساسلىقلارنى باشقۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ھازىر بار بولغان كەسپىي ئورۇنلاردىكى باشقۇرغۇچى خادىملارنىڭ ئىش ئورنى دەرىجىسىنى تەسىس قىلىش ۋە ئۆستۈرۈش تۈزۈمىنى ئۆزگەرتمەي ساقلاپ، ھازىر بار بولغان خىزمەتچى خادىملارنىڭ دەرىجىسىنى ئۆزگەرتىپ، ئاساسلىقى ئەخلاق ۋە ئىقتىدار ساپاسىنى، شەخسنىڭ خىزمەت ئىستاژىنى، خىزمەت ئەمەلىي نەتىجىسىنى نامايان قىلىدىغان خىزمەتچى خادىملارنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، ئاساسىي قاتلامدىكى كەسپىي ئورۇنلارنىڭ باشقۇرغۇچى خادىملىرىنىڭ كەسىپ تەرەققىيات بوشلۇقىنى كېڭەيتىش كېرەك.
    يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ھەر دەرىجىلىك مالىيە تارماقلىرى دىققەتنى ئارمىيە بىلەن خەلقنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىدىكى نۇقتىلىق ساھەلەر ۋە گۈللەنمە ساھەلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ھۆكۈمەت بىلەن بازار، مەركەز بىلەن يەرلىكنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ، مەبلەغ كاپالىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كۆپ مەنبەلىك سېلىنمىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، بايلىق تەقسىملەشنى ئەلالاشتۇرۇپ، يانداش سىياسەتلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مالىيە سىياسىتىنىڭ ئارمىيە بىلەن خەلقنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك.
    يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: بېيجىڭ، گۇاڭجوۋدا ئالاقە تورى سوت مەھكىمىسىنى كۆپەيتىپ تەسىس قىلىش ئەدلىيەنىڭ ئالاقە تورى تەرەققىياتىنىڭ چوڭ يۈزلىنىشىگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۇيغۇنلىشىشىدىكى مۇھىم تەدبىر. خاڭجوۋنىڭ ئالاقە تورى سوت مەھكىمىسىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش تەجرىبىلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش، يەكۈنلەش ئاساسىدا، جەمئىيەتنىڭ قانۇن يۈرگۈزۈش ئېھتىياجىغا ئىنكاس قايتۇرۇپ، باشقۇرۇش دائىرىسىنى ئىلمىي بېكىتىپ، دەۋا قائىدىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ ۋە تاكامۇللاشتۇرۇپ، بىرلىككە كەلگەن دەۋا سۇپىسى بەرپا قىلىپ، تور بوشلۇقىنى تۈزەشنىڭ قانۇنچىللىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.
    يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئاممىۋى پاراۋانلىقى دەۋاسى تەپتىش كوللېگىيەسىنى تەسىس قىلىشتا، قانۇن نازارەتچىلىكىنى كۈچەيتىپ، دېلو بېجىرىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، كەسىپلەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى يېتەكچى قىلىپ، سەپلىنىشى ئىلمىي، يۈرۈشۈشى يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئاممىۋى پاراۋانلىقى دەۋاسى تەپتىش ئاپپاراتى بەرپا قىلىپ، ئاممىۋى پاراۋانلىقى دەۋاسىنى تەپتىش قىلىش مەسئۇلىيىتىنى تېخىمۇ ياخشى ئادا قىلىشنى تەشكىلىي كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەك.
    يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تېخىمۇ كۆپ تۇتۇش، ئۈنۈم ھاسىل قىلىش كېرەك. تۈرلۈك خىزمەتلەردە مەسئۇلىيەتنى ئادەمگىچە بېكىتىش، ئادەمگىچە سۈرۈشتۈرۈش كېرەك. تۈزۈمنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، بۆسۈش ھاسىل قىلىشقا جۈرئەت قىلىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىشلەپ، بايلىق تەقسىملەشنى ئەلالاشتۇرۇشقا كۈچەپ، تۈزۈم ئارقىلىق بايلىقنى جانلاندۇرۇپ، ئۈنۈمنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ئاساسىي قاتلامنىڭ تەجرىبىلىرىنى جانلاندۇرۇپ، ئالدىن بۆسۈش ھاسىل قىلغان، تەجرىبىگە ئىگە بولغانلارنى ۋاقتىدا ئوتتۇرىغا قويۇپ مۇھاكىمە قىلىپ ۋە دەلىللەپ، شارائىتى پىشىپ يېتىلگەنلەرنى ۋاقتىدا كېڭەيتىش كېرەك. مەيلى قايسى قاتلامدىكى ئىسلاھات تەجرىبىلىرىنى يەكۈنلەش ۋە كېڭەيتىش بولسۇن، ئوبيېكتىپ قانۇنىيەت بويىچە ئىش قىلىپ، ئەمەلىيەتكە ئاساسەن پەرقلىق بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. كادىرلارنى نەتىجە يارىتىشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، بىر قىسىم مەخسۇس تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ئىسلاھاتچىلارنى ئىش قىلىشنى ئويلايدىغان، ئىش قىلالايدىغان، ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرالايدىغان قىلىش كېرەك. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئىسلاھاتتىكى بىر تۈركۈم ئاۋانگارت، نەمۇنىچىلارنى تەقدىرلەپ، پۈتكۈل جەمئىيەتتە ئىسلاھات روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇش كېرەك.
    مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى يىغىنغا قاتناشتى، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.