تىيانشان تورى   ›   ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرى   ›   شۇجى خاتىرىسى

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ تەشكىلىي لۇشيەنىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش كېرەك

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنىدا مەملىكەتلىك تەشكىلات خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى ۋە ئۆگىنىلدى

چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى


    شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ياۋ تۇڭ، دۇڭ شاۋخۇا خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم 7 – ئاينىڭ 6 – كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئېچىپ، مەملىكەتلىك تەشكىلات خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى يەتكۈزدى ۋە ئۆگەندى. ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش پىكرىنى مۇھاكىمە قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.
    يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەملىكەتلىك تەشكىلات خىزمىتى يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى ئومۇمىيىتى يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، ئۇلۇغ كۈرەش، ئۇلۇغ قۇرۇلۇش، ئۇلۇغ ئىش، ئۇلۇغ ئارزۇنى زىچ چۆرىدەپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ تەشكىلىي لۇشيەنىنى چوڭقۇر شەرھلەپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش توغرىسىدا ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرۇش قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشى ۋە تەشكىلات خىزمىتى ئۈچۈن ئىلگىرىلەش يۆنىلىشى كۆرسىتىپ بەردى ۋە ئۇنى تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلىدى. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ۋە تەشكىلات خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ تەشكىلىي لۇشيەنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىي تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، پارتىيەنىڭ تەشكىلات سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ تەشكىلات خىزمىتىنىڭ سۈپىتى ۋە سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا يېتىش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمىنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشنى كۈچلۈك تەشكىلىي كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەك.
    بىرىنچىدىن، ‹‹تۆت ئاڭ››نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇش كېرەك. سىياسىي ئاڭ، ئومۇملۇق ئېڭى، يادرو ئېڭى، بىردەكلىك ئېڭىنى كۈچەيتىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يادرولۇق ئورنىنى قەتئىي قوغداپ، ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداش كېرەك.
    ئىككىنچىدىن، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ تەشكىلىي لۇشيەنىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ تەشكىلىي لۇشيەنى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى ماركسىزملىق پارتىيە قۇرۇش تەلىماتىغا قوشۇلغان ئىجادىي تۆھپە بولۇپ، ئابىدە خاراكتېرلىك ئەھمىيەتكە ئىگە. يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ تەشكىلىي لۇشيەنىنىڭ ئىلمىي مەزمۇنى ۋە ئەمەلىي تەلىپىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ تەشكىلىي لۇشيەنىنى پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئەمەلىيىتىدە ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.
    ئۈچىنچىدىن، پارتىيەنىڭ تەشكىلات سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ قارار – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى كەم – كوتسىز ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىش، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئالىي نوپۇزىغا، ئاخىرقى قارارنى چىقىرىش نوپۇزىغا كاپالەتلىك قىلىپ، بۇيرۇق چۈشۈرۈلگەن ھامان ئىجرا قىلىشنى، چەكلىگەننى دەرھال توختىتىشنى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئاساسىي قاتلام تەشكىلات قۇرۇلۇشىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيەنىڭ ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرىنى كۈچلۈك جەڭگىۋار قورغان قىلىپ قۇرۇپ چىقىش كېرەك. ھەر بىر پارتىيە ئەزاسى بولۇپمۇ رەھبىرىي كادىرلارنىڭ پارتىيە ئېڭى ۋە تەشكىلات قارىشىنى كۈچەيتىپ، ئۇلارنى ئىدىيەدە تەشكىلنى ئاڭلىق ئېتىراپ قىلىدىغان، سىياسىيدا تەشكىلگە تايىنىدىغان، خىزمەتتە تەشكىلگە بويسۇنىدىغان، ھېسسىياتتا تەشكىلگە يۆلىنىدىغان قىلىپ تەربىيەلەپ ۋە يېتەكلەپ، تەشكىلات خىزمىتىنىڭ تۈرلۈك ۋەزىپىلىرىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.
    تۆتىنچىدىن، سىياسىي قۇرۇلۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش كېرەك. پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى كۈچەيتىپ، سىياسىي قۇرۇلۇشنى پارتىيە قۇرۇلۇشى ۋە تەشكىلات خىزمىتىنىڭ ئومۇمىي جەريانى ۋە ھەر قايسى تەرەپلىرىگە سىڭدۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي تەۋرەنمەي قوغداش كېرەك. سىياسىي يۆنىلىشنى توغرا ئىگىلەپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي ئاساسنى پۇختىلاپ، سىياسىي ئېكولوگىيەنى ساقلاپ، سىياسىي خەۋپ – خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، سىياسىي خىسلەتنى مەڭگۈ ساقلاپ، سىياسىي ئىقتىدارنى ئۆستۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى تۈرلۈك قارار – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.
    بەشىنچىدىن، يۇقىرى ساپالىق كادىرلار قوشۇنى قۇرۇش كېرەك. ئىلمىي، مۇۋاپىق بولغان ساپا يېتىشتۈرۈش سىستېمىسى، ئىشنى، ئادەمنى بىلىش سىستېمىسى، تاللاپ ئۆستۈرۈش، ئىشقا قويۇش سىستېمىسى، قاتتىق باشقۇرۇش سىستېمىسى، توغرا يۆنىلىشلىك رىغبەتلەندۈرۈش سىستېمىسى ئورنىتىپ، ئادەمنى توغرا ئىشلىتىش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇشتا ھەم قاتتىق تەلەپ قويۇپ، ھەم كۆڭۈل بۆلۈپ، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان يۇقىرى ساپالىق كادىرلار قوشۇنى قۇرۇش كېرەك.
    ئالتىنچىدىن، ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق رايوننى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىستراتېگىيەسىنى كۈچەپ يولغا قويۇش كېرەك. ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق تەرەققىياتقا يېتەكچىلىك قىلىشنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنى تىكلەپ، ئىختىساسلىقلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش تۈزۈلمە  – مېخانىزمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تۈرلۈك ئىختىساسلىقلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى پۇختا چىڭ تۇتۇپ، ۋەتەننى سۆيۈپ ئۆزىنى بېغىشلايدىغان، دادىل يېڭىلىق يارىتىش، ئىجاد قىلىشقا ئىرادە باغلىغان مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلار قوشۇنىنى تىرىشىپ قۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئىختىساسلىقلار تايانچىغا ئىگە قىلىش كېرەك.
    يەتتىنچىدىن، ياش كادىرلارنى يېتىشتۈرۈش سالمىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك. غايە – ئېتىقاد تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، تەربىيەلەش، تاللاش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى سادىقلىق بىلەن ئىزچىللاشتۇرىدىغان، يېڭى دەۋردىكى ياخشى كادىرلار ئۆلچىمىگە ماس كېلىدىغان، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان، سانى يېتەرلىك، ھاياتىي كۈچكە تولغان يۇقىرى ساپالىق كەسپىي ياش كادىرلار قوشۇنىنى كۈچەپ قۇرۇپ چىقىش كېرەك.
    سەككىزىنچىدىن، پارتىيە قۇرۇلۇشىدىكى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى پارتىيە قۇرۇلۇشىغا بولغان رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، ئاساسىي مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ، ئاساسىي كەسىپنى چىڭ تۇتۇپ، باش رولنى ياخشى ئېلىشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم (پارتگۇرۇپپا) شۇجىلىرى بىرىنچى جاۋابكارلىق مەسئۇلىيىتىنى ئاڭلىق ھالدا زىممىسىگە ئېلىپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىدىكى مەسئۇلىيەتنى قاتلاممۇقاتلام جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشى، ئىدىيە قۇرۇلۇشى، تەشكىلات قۇرۇلۇشى، ئىستىل قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، بۇنىڭغا تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى سىڭدۈرۈپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ سۈپىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشى كېرەك.
    يىغىنغا شۆھرەت زاكىر، شاۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئەبىلمەجىن، سۈن جىنلۇڭ، لى پېڭشىن، لى ۋېي، شۈ خەيرۇڭ، ما شۆجۈن، تيەن ۋېن، لو دۇڭچۈەن، سارقىت ئاقان، جاڭ چۈنلىن قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى