تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

شى جىنپىڭ تايلاند پۇگيىدىكى ساياھەت پاراخوتى كۆمتۈرۈلۈپ كېتىش ۋەقەسى توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بەردى

يوقاپ كەتكەنلەرنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىزدەش – قۇتقۇزۇشنى تەلەپ قىلدى

لى كېچياڭ تەستىقىي يوليورۇق بەردى


    شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7-ئاينىڭ 6-كۈنى تېلېگراممىسى. 7-ئاينىڭ 5-كۈنى سائەت 18 دىن 45 مىنۇت ئۆتكەندە، جۇڭگولۇق ساياھەتچىلەر ئولتۇرغان ئىككى ساياھەت پاراخوتى تايلاندنىڭ پۇگيى ئارىلىغا يېقىن دېڭىز تەۋەلىكىدە تۇيۇقسىز پەۋقۇلئاددە زور بوران-چاپقۇنغا ئۇچراپ، كۆمتۈرۈلۈپ كېتىش ۋەقەسى يۈزبەردى. ھازىرغا قەدەر، پاراخوتتىكى 127 جۇڭگولۇق ساياھەتچىنىڭ 16سى قازا قىلدى، 33ى يوقاپ كەتتى، 78ى قۇتقۇزۇۋېلىندى، يارىلانغان ساياھەتچىلەر شۇ جايدىكى دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلىپ داۋالىتىلدى.
    ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ مۇھىم يوليورۇق بەردى: دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى ۋە دۆلىتىمىزنىڭ تايلاندتىكى ئەلچىخانا-كونسۇلخانىلىرى خىزمەت سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، تايلاند ھۆكۈمىتى ۋە ئالاقىدار تارماقلاردىن يوقاپ كەتكەنلەرنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ئىزدەش-قۇتقۇزۇش، يارىلانغانلارنى پائال قۇتقۇزۇش ۋە داۋالاشنى تەلەپ قىلىشى كېرەك. مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى ئالاقىدار خىزمەتلەرنى ماسلىشىپ ياخشى ئىشلىشى كېرەك. شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ھازىر يازلىق تەتىل ۋاقتى، سىرتقا چىقىپ ساياھەت قىلىدىغانلار بىر قەدەر كۆپ، بەزى جايلاردا يامغۇر يېغىش، كەلكۈن كېلىش قاتارلىق ئەھۋاللار گەۋدىلىك بولۇۋاتىدۇ، جايلار، ئالاقىدار تارماقلار خەۋپ-خەتەردىن ۋاقتىدا ئاگاھلاندۇرۇپ، ساياھەت كوپىراتىپلىرى ۋە ساياھەتچىلەرگە خەۋپ-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئېڭىنى كۈچەيتىشنى ئەسكەرتىپ، بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپىنى تۈگىتىپ، بىخەتەرلىكنى تەكشۈرۈش، كۆزىتىپ ئۆلچەش ۋە جىددىي تاقابىل تۇرۇش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، ئاممىنىڭ ھاياتى ۋە مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.
    جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى كېچياڭ تەستىقىي يوليورۇق بېرىپ، مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: يوقاپ كەتكەن جۇڭگولۇق ساياھەتچىلەرنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىزدەپ، قۇتقۇزۇپ، يارىدارلارنى قۇتقۇزۇپ، داۋالاپ، كېيىنكى ئىشلارنى مۇۋاپىق، ياخشى بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. سىرتقا چىقىپ ساياھەت قىلىدىغانلارنىڭ خەتەردىن ساقلىنىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە ئەھمىيەت بېرىپ، چېگرا سىرتىدىكى جۇڭگو پۇقرالىرىنى قوغداش مېخانىزمى ئارقىلىق دۆلىتىمىز پۇقرالىرىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى ھەقىقىي ياخشى قوغداپ، سەپەر بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
    شى جىنپىڭنىڭ يوليورۇقى ۋە لى كېچياڭنىڭ تەلىپى بويىچە، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى ۋە دۆلىتىمىزنىڭ تايلاندتىكى ئەلچىخانا-كونسۇلخانىلىرى جىددىي تاقابىل تۇرۇش مېخانىزمىنى قوزغىتىپ، تايلاندنىڭ ئىزدەش-قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قانات يايدۇرۇشى، يارىدارلارنى قۇتقۇزۇشى، داۋالىشىغا پائال ماسلاشتى. تايلاند تەرەپ قۇتقۇزۇش كۈچلىرىنى داۋاملىق كۆپەيتىپ، ئىزدەش-قۇتقۇزۇشنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قانات يايدۇردى. ھازىر دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى، قاتناش تىرانسپورت مىنىستىرلىقى، مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى تەشكىللىگەن بىرلەشمە خىزمەت گۇرۇپپىسى تايلاندنىڭ پۇگيى ئارىلىغا بېرىپ نەق مەيداندا بىر تەرەپ قىلىشقا قاتنىشىۋاتىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.