تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

سۇ ئىچكەندە مەنبەنى ئەسلەش، پارتىيەنىڭ مېھىر–شەپقىتىنى ئۇنتۇماسلىق ئېڭىنى كۈچەيتىپ، پارتىيەنىڭ غېمىنى يەپ، ئالدىن بېيىغانلار كېيىنكىلەرنىڭ بېيىشىغا ياردەم بېرىش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇش كېرەك

شى جىنپىڭ جېجياڭ ئەنجىنىڭ خۇاڭدۇ كەنتىدىكى دېھقان پارتىيە ئەزالىرىنىڭ نامرات رايونلارغا ئاق چاي كۆچىتى ئىئانە قىلماقچى بولغانلىقى توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنداق تەكىتلىدى:

سۇ ئىچكەندە مەنبەنى ئەسلەش، پارتىيەنىڭ مېھىر–شەپقىتىنى ئۇنتۇماسلىق ئېڭىنى كۈچەيتىپ، پارتىيەنىڭ غېمىنى يەپ، ئالدىن بېيىغانلار كېيىنكىلەرنىڭ بېيىشىغا ياردەم بېرىش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇش كېرەك

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7 – ئاينىڭ 6 – كۈنى تېلېگراممىسى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا جېجياڭ ئۆلكىسى ئەنجى ناھىيەسىنىڭ خۇاڭدۇ كەنتىدىكى دېھقان پارتىيە ئەزالىرىنىڭ خەت ئەۋەتىپ، نامرات رايونلارغا ئاق چاي كۆچىتى ئىئانە قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقى توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنداق تەكىتلىدى: ‹‹سۇ ئىچكەندە قۇدۇق قازغۇچىنى ئۇنتۇماسلىق، بېيىغاندا پارتىيەنىڭ مېھىر – شەپقىتىنى ئۇنتۇماسلىق›› دېگەن بۇ سۆز ناھايىتى ياخشى ئېيتىلىپتۇ. سۇ ئىچكەندە مەنبەنى ئەسلەش، پارتىيەنىڭ مېھىر – شەپقىتىنى ئۇنتۇماسلىق ئېڭىنى كۈچەيتىپ، پارتىيەنىڭ غېمىنى يەپ، ئالدىن بېيىغانلار كېيىنكىلەرنىڭ بېيىشىغا ياردەم بېرىش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇش نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە غەلىبە قىلىشتا ناھايىتى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
      بۇ يىل 4 – ئايدا، خۇاڭدۇ كەنتىدىكى 20 دېھقان پارتىيە ئەزاسى شى جىنپىڭغا خەت يېزىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئاق چاي ئۆستۈرۈپ بېيىش ئەھۋالىنى دوكلات قىلىپ، نامرات رايونلاردىكى ئاممىغا 15 مىليون تۈپ ئاق چاي كۆچىتى ئىئانە قىلىپ، ئۇلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا ياردەم بەرمەكچى بولغانلىقىنى ئېيتقان.
      شى جىنپىڭ بۇ ھەقتە مۇھىم يوليورۇق بەرگەندىن كېيىن، گوۋۇيۈەن نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسى مۇناسىۋەتلىك تەرەپلەر بىلەن بىرلىكتە دەرھال ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ گۇجاڭ ناھىيەسى، سىچۈەن ئۆلكىسىنىڭ چىڭچۈەن ناھىيەسى ۋە گۈيجوۋ ئۆلكىسىنىڭ پۇئەن ناھىيەسى، يەنخې ناھىيەسى قاتارلىق ئۈچ ئۆلكىنىڭ تۆت ناھىيەسىدىكى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن 34 كەنتنى ئىئانە ئوبيېكتى قىلىپ بېكىتتى. ئىئانە قوبۇل قىلىدىغان تۆت ناھىيەنىڭ ھەممىسى دۆلەت دەرىجىلىك نامرات ناھىيە، ئۆلكە دەرىجىلىك ئېغىر نامرات ناھىيە بولۇپ، ئىئانە قوبۇل قىلىدىغان ئاممىنىڭ ھەممىسى نامراتلىقتىن تېخى قۇتۇلمىغان ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامراتلار.
      يېقىندا خۇاڭدۇ كەنتىدىكى دېھقان پارتىيە ئەزالىرى غەربىي رايوندىكى نامرات كەنتلەرگە ئاق چاي كۆچىتى ئىئانە قىلىش بويىچە كېلىشىم ئىمزالاش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. كېلىشىمگە ئاساسەن، خۇاڭدۇ كەنتى ئاھالىلىرى ‹‹ئاق يوپۇرماق 1 – نومۇرلۇق›› ئاق چاي كۆچىتىنى يۇقىرىقى 34 نامرات كەنتنىڭ يېتىشتۈرۈشىگە ئىئانە قىلىپ، كۆچەت تىكىشكە يېتەكچىلىك قىلىپ ۋە چاي سېتىشنى ھۆددىگە ئېلىپ، يەرنى ئوبوروت قىلىش، چاي كۆچىتىنى پايغا سۇندۇرۇش، ئىشلەپچىقىرىشقا قاتنىشىش قاتارلىق ئۇسۇللاردا تەخمىنەن 1862 ئائىلىدىكى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن 5839 نامرات ئاھالىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا تۈرتكە بولىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : نىجات نىياز

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى