ئوتتۇرىدىن ئايرىلغان چاچ
نۇرغۇن ئاياللار چاچنى ئوتتۇرىدىن ئايرىسا يۈز كىچىك كۆرۈنىدۇ، دەپ قارايدۇ.
يۈزى ئەسلىدىنلا بىر قەدەر چوڭ ئاياللار، چېچىنى ئوتتۇرىدىن ئايرىش ئارقىلىق يۈزىنىڭ بىر قىسمىنى توسۇۋالىدۇ. گەرچە بۇ پاسوندىكى چاچ يۈزنى كىچىك كۆرسەتكەندەك قىلسىمۇ، ئەمما كىشىلەر بۇنداق ئاياللارنىڭ ئېڭىكىنىڭ قۇرۇلمىسىغا قاراپلا يۈزىنىڭ چوڭلۇقىنى بىلەلەيدۇ. بۇنداق چاچ پاسونىنى قويغاندا يۈزنىڭ چوڭلىقىنى يوشۇرىمەن دەپ تېخىمۇ ئاشكارىلىۋەتكەندەكلا ئىش بولىدۇ.
تۈز قويۇلغان ماڭلاي چاچ
يۈزى يوغانلار تۈز ماڭلاي چاچ قويسا، چېچى يۈزىنى توسۇۋېلىپلا قالماي، ئەكسىچە پىشانە كۆرۈنمىگەچكە يۈزى تېخىمۇ گۆشلۈك كۆرۈنىدۇ.
قويۇق تۈز ماڭلاي چاچ قويغاندىن شالاڭ ماڭلاي چاچ قويغاندا يۈز كىچىك كۆرۈنىدۇ. ئەمما ئېسىڭىزدە بولسۇنكى ماڭلاي چاچ پىشانىگە بەك چاپلىشىپ تۇرمىغىنى ياخشى.
چاچنى بوغۇۋېلىش
باش چوققىسىدىكى چاچنى سەل كۆتۈرۈپ بوغقاندا ئادەمنىڭ يۈزى كىچىك، چېچى كۆپ، قاراشقا تېخىمۇ ياش كۆرۈنىدۇ.
چاچنىڭ ئۇچىنى چوڭ بۈدرە قىلىش
چاچنىڭ ئۇچى بەك چوڭ بۈدرە بولسا، يۈز قاراشقا تېخىمۇ چوڭ كۆرۈنۈپ قالىدۇ.
مەلىكىلەرگە خاس چاچ پاسونى
مەلىكىلەرگە خاس چاچ پاسونى يۈزنى چوڭ كۆرسىتىپلا قالماي يەنە ئادەمنى چوڭ چىراي كۆرسىتىپ قويىدۇ.
باشقا چاچ پاسونلىرى
يۈزى چوڭ، قاش-كۆزى چىرايلىق ئاياللار چېچىنى يېرىم بوغۇۋالسىمۇ، چىراي گۈزەللىكىگە ئانچە چوڭ تەسىر كۆرسەتمەسلىكى مۇمكىن. ئەمما ئانچە چىرايلىق بولمىغان يۈزى چوڭ ئاياللار چېچىنى يېرىم بوغۇۋالسا يۈزىنىڭ چوڭلىقى تېخىمۇ بىلىنىپ قالىدۇ.