مۇھەببەت قوللاش ۋە چۈشىنىشكە موھتاج. تۇرمۇش قۇرۇش نوقۇل ئەرگە تېگىش ياكى ئۆيلىنىش ئەمەس، ئۇنىڭ ئۈچ باسقۇچى بار. 1-باسقۇچ: ئۆزى سۆيگەن بىرى بىلەن توي قىلىش. 2-باسقۇچ: ئۆزى ياخشى كۆرگەن ئادەم ۋە ئۇنىڭ ئادىتى بىلەن توي قىلىش. 3-باسقۇچ بولسا ئۆزى سۆيگەن ئادەم، ئۇنىڭ ئادىتى شۇنداقلا ئۇنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى بىلەن توي قىلىشتۇر. 1-باسقۇچتىكى ئەر-ئاياللارنىڭ ئائىلىسى بىر قەدەر مۇستەھكەم بولىدۇ، 2-باسقۇچتىكى ئەر-ئايالنىڭ تۇرمۇشى نىسبەتەن مۇقىم بولىدۇ، 3-باسقۇچتىكى ئەر-ئاياللاردىن ئاجرىشىدىغانلار ناھايىتى ئاز بولىدۇ.
ھازىر بەزى كىشىلەر توي قىلىپ ئىككى-ئۈچ يىلدىن كېيىن ئاجرىشىپ كېتىۋاتىدۇ، سەۋەبىنى تەھلىل قىلىدىغان بولساق، ئۇلارنىڭ تۇرمۇشنىڭ 1-باسقۇچىدىن 2-،3-باسقۇچىغا ھالقىپ كېتەلمىگەنلىكىنى بايقايمىز.
كۆپچىلىككە ئايان، قىزىق قايناقسۇ مىكروپ ئۆلتۈرەلەيدۇ. قىزغىن مۇھەببەتمۇ دەل شۇنىڭغا ئوخشايدۇ، مۇھەببەتلىشىۋاتقان ۋاقىتتا كىشىنىڭ كۆزىگە قارشى تەرەپنىڭ كەمچىلىكى، يېتەرسىزلىكى كۆرۈنمەيدۇ. مۇھەببەتلىشىۋاتقان ۋاقىتتا كەم-كوتسىز كۆرۈنگەن ئاق ئاتلىق شاھزادە ياكى قار مەلىكە تۇرمۇش قۇرۇپ، «سۇ» يىلمانلاشقاندا، كەمچىلىك ۋە يېتەرسىزلىكلەر خۇددى مىكروپقا ئوخشاش كۆزگە كۆرۈنۈشكە باشلايدۇ. شۇڭا بۇ چاغدا تۇرمۇشنىڭ 1-باسقۇچىدىن 2-باسقۇچىغا ھالقىش يەنى قارشى تەرەپنىڭ ئادىتى بىلەن توي قىلىش، ئۇنىڭ كەمچىلىكى ۋە يېتەرسىزلىكىنى قوبۇل قىلىش كېرەك. تۇرمۇشىنى مۇستەھكەملەشنى ئويلىغانلار يەنە 3-باسقۇچقا ھالقىشى، قارشى تەرەپنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى قوبۇل قىلىشى، ئۇلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ياخشى ئېلىپ مېڭىشى كېرەك.
جورىڭىز يالغۇز سىزگىلا مەنسۇپ ئەمەس، ئۇ ئاتا-ئانىسى، دوستلىرى شۇنداقلا ئۆزىگىمۇ مەنسۇپ. شۇڭا مۇشۇ نۇقتىلارنى قوبۇل قىلىپ، تۇرمۇشنىڭ 3-باسقۇچىغا ھالقىيالىسىڭىز جورىڭىز بىلەن مەڭگۈ ئىناق ئۆتەلەيسىز.