تەڭرىتاغ تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ساياھەت

مەنزىرە رايونلارنىڭ ئېتىبار بېرىش پائالىيەتلىرىنى قولدىن بەرمەڭ

    تەڭرىتاغ تورى مۇخبىرى جۇ كەيلى خەۋىرى: مۇخبىرىمىزنىڭ 7-ئاينىڭ 4-كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت تەرەققىيات كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ۋە تولۇق ئوتتۇرىغا ئۆرلەش ئىمتىھانىنىڭ ئاخىرلىشىشى، شۇنداقلا ئوقۇغۇچىلارنىڭ يازلىق تەتىلگە چىقىشى بىلەن شىنجاڭ «يازلىق تەتىللىك ساياھەت مەزگىلى»گە كىرگەن.

   ئاپتونوم رايونىمىزدىكى نۇرغۇن ساياھەت ئورنى يازلىق تەتىللىك ساياھەتكە قارىتا ئىنتايىن ياخشى بولغان ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى يولغا قويغان، بولۇپمۇ ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بەرگۈچىلەرگە قاراتقان ئېتىبار بېرىش پائالىيەتلىرى ئەڭ كۆپ بولۇپ، ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بەرگۈچىلەر  8-ئاينىڭ ئاخىرىدىن 9-ئاينىڭ بېشىغىچە «ئالىي مەكتەپكە قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشى»نى كۆرسىتىپ، ساياھەت ئورۇنلىرىنىڭ ئىشىك بېلىتىنى ئېتىبار باھادا سېتىۋالالايدىكەن.

      باغراش كۆلى مەنزىرە رايونى، تەڭرىتاغ بوغدا كۆلى مەنزىرە رايونى «ئالىي مەكتەپكە قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشى» بار ئوقۇغۇچىلاردىن كىرىش بېلىتى ئالمايدۇ

    باغراش كۆلى سەيلىگاھى، داخې ئېغىزى، شىخەي قۇملۇقى كۆڭۈل ئېچىش سەيلىگاھى قاتارلىق جايلاردا ئوقۇغۇچىلىق كىنىشكىسى ئارقىلىق كىرىش بېلىتىدە يېرىم باھا ئېتىبار قىلىنىدۇ.

    تەڭرىتاغ بوغدا كۆلى مەنزىرە رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى تەشۋىق تەربىيە باشقارمىسىنىڭ باشلىقى ليۇ لىكۈننىڭ ئېيتىشىچە، بۇغدا كۆلى مەنزىرە رايونى «ئالىي مەكتەپكە قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشى» بىلەن كەلگەن ئالدىنقى 10 ئوقۇغۇچىغا يەنە بوغدا كۆلى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئوقۇشلۇقلارنى سوۋغا قىلىدىكەن.

    يالقۇنتاغ مەنزىرە رايونى ئوقۇشقا كىرگەن ھەم ئوقۇش پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارغا ئېتىبار بېرىدۇ

    يالقۇنتاغ مەنزىرە رايونىنىڭ مۇئاۋىن باش دېرىكتورى ۋاڭ خۇڭ مۇنداق دېدى: بۈگۈندىن باشلاپ 9-ئايغىچە، ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار <ئالىي مەكتەپكە قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشى > ئارقىلىق يالقۇنتاغ مەنزىرە رايونىدا ھەقسىز ساياھەت قىلسا بولىدۇ. ئۇنىڭدىن سىرت يەنە، بۇ يىل ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلارغىمۇ ئېتىبار بېرىش پائالىيەتلىرىنى يولغا قويدۇق، ئۇلارنىڭ ئوقۇغۇچىلىق كىنىشكىسىنىڭ ئىناۋەتلىك مۇددىتى 9-ئاينىڭ 30-كۈنىگىچە بولىدۇ، ئوقۇغۇچىلىق كىنىشكىسى ياكى ئوقۇش پۈتكۈزۈش گۇۋاھنامىسى ئارقىلىق كىرىش بېلىتىنى يېرىم باھادا سېتىۋالسا بولىدۇ.

    جامبۇلاق مەنزىرە رايونى تولۇق ئوتتۇرىغا ئۆرلەش ئىمتىھانى ۋە ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى بەرگەن ئوقۇغۇچىلاردىن كىرىش بېلىتى ئالمايدۇ

    ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بەرگەن ئوقۇغۇچىلار 8-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە «ئالىي مەكتەپكە قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشى» ئارقىلىق جامبۇلاق مەنزىرە رايونىغا ساياھەتكە كەلسە كىرىش بېلىتى ئېلىنمايدىكەن، ئۇنىڭدىن سىرت يەنە، تولۇق ئوتتۇرىغا ئۆرلەش ئىمتىھانى ۋە ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بەرگەن ئوقۇغۇچىلار ئىمتىھانغا قاتنىشىش كىنىشكىسى ئارقىلىقمۇ بۇ مەنزىرە رايونىغا ھەقسىز كىرسە بولىدىكەن.

    ۋاڭمۇ شاپتۇلزارلىقىغا كىرىش بېلىتى ئېلىنمايدۇ، شاپتۇللارنى ھەقسىز تېتىپ باقسىڭىز بولىدۇ

  ۋاڭمۇ شاپتۇلزارلىقى «ئالىي مەكتەپكە قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشى بىلەن ھەقسىز كىرىش» پائالىيىتىنى يولغا قويغان بولۇپ، ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بەرگەن ئوقۇغۇچىلار قوبۇل قىلىنىش ئۇقتۇرۇشى ئارقىلىق شاپتۇلزارلىققا كىرىپ سەيلە قىلسا ۋە شاپتۇللارنى تېتىسا ھەق ئېلىنمايدىكەن.

    نەنسەن مەنزىرە رايونى دۈشەنبىدىن جۈمەگىچە ھەقسىز ئېچىۋېتىلىدۇ

    ئۈرۈمچى شەھىرى نەنشەننەن مەدەنىيەت ساياھەت ئېچىش چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ ئىشخانا مۇدىرى ئۇكىلاينىڭ ئېيتىشىچە، بۇ يىل ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بەرگەن ئوقۇغۇچىلار 9-ئاينىڭ 1-كۈنىگىچە بولغان ھەر دۈشەنبىدىن جۈمەگىچە «ئالىي مەكتەپكە قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشى» بىلەن غەربىي بەيياڭگۇ مەنزىرە رايونى، شۈيشىگۇ بازىرى مياۋئېرگۇ لۇڭۋاڭ شارقىراتمىسى قاتارلىق مەنزىرە رايونلىرىغا ھەقسىز كىرسە بولىدىكەن.

    شىنجاڭ قەدىمىي ئېكولوگىيە باغچىسى چىلانتورۇق بازىسى مەنزىرە رايونىدا ئاتلارنى ھەقسىز تاماشا قىلىڭ

    «يېما» مەدەنىيەت تەرەققىيات شىركىتى تىجارەت مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى دۇ شۆمېي مۇنداق دېدى: بۇ يىل ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بەرگەن ئوقۇغۇچىلار 9-ئاينىڭ 1-كۈنى ئوقۇش باشلاشتىن بۇرۇن<ئالىي مەكتەپكە قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشى> ئارقىلىق شىنجاڭ قەدىمىي ئېكولوگىيە باغچىسى چىلانتورۇق بازىسى سەيلىگاھىنى ھەقسىز ئېكسكۇرسىيە قىلسا بولىدىكەن، ئۇنىڭدىن سىرت يەنە، قەھۋەخانا، چايخانا، سوۋغاتلىق بۇيۇملار دۇكىنى قاتارلىقلاردا ئېتىبار بېرىلىدىكەن.

    قەشقەر ۋىلايىتى تاشقورغان ناھىيەسىنىڭ تاش قەلئە مەنزىرە رايونى كىرىش بېلىتى ئېلىنمايدۇ

    8-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە، تولۇق ئوتتۇرىغا ئۆرلەش ئىمتىھانى ۋە ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بەرگەن ئوقۇغۇچىلار ئىمتىھانغا قاتنىشىش كىنىشكىسى ۋە «ئالىي مەكتەپكە قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشى» ئارقىلىق تاشقورغان ناھىيەسىنىڭ تاش قەلئە مەنزىرە رايونىدا ساياھەت قىلسا كىرىش بېلىتى ئېلىنمايدۇ.

    تەڭرىتاغ تۆمۈر ئورمان باغچىسىدا كىرىش بېلىتى ئېلىنمايدۇ، مۇكاپاتلىق چەك تارتىش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلىدۇ

    پائالىيەت مەزگىلىدە، ئوقۇغۇچىلار ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىش كىنىشكىسى بىلەن بۇ مەنزىرە رايونىغا ھەقسىز كىرسە بولىدۇ، ئۇنىڭدىن سىرت يەنە، ئوقۇش يېشىدىكى بالىلار بۇ يەردە ساياھەت قىلسا ھەق ئېلىنمايدۇ، ئوقۇغۇچىلار ئوقۇغۇچىلىق كىنىشكىسىنى ئېلىپ كەلسە كىرىش بېلىتى ئېلىنمايدۇ، ئۇنىڭدىن سىرت بۇ ئوقۇغۇچىلار يەنە مەنزىرە رايونىدىكى مۇكاپاتلىق چەك تارتىش پائالىيىتىگە قاتناشسا بولىدۇ.

    ئونسۇدىكى تۆمۈر چوڭ جىلغا مەنزىرە رايونىدا مۇكاپاتلىق چەك تارتىش پائالىيىتىگە قاتنىشالايسىز ھەمدە ئالاھىدە تەييارلانغان سوۋغاتلاردىن بەھىرلىنەلەيسىز

    پائالىيەت مەزگىلىدە، ئوقۇغۇچىلار ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىش كىنىشكىسى ئارقىلىق بۇ مەنزىرە رايونىغا ھەقسىز كىرسە بولىدۇ، ئوقۇش يېشىدىكى بالىلار بۇ يەردە ساياھەت قىلسا ھەق ئېلىنمايدۇ، ئوقۇغۇچىلار ئوقۇغۇچىلىق كىنىشكىسى بىلەن بۇ مەنزىرە رايونىغا ساياھەتكە كەلسە كىرىش بېلىتى ئېلىنمايدۇ، ئۇنىڭدىن سىرت يەنە، ئوقۇغۇچىلار ئوقۇغۇچىلىق كىنىشكىسى ئارقىلىق مەنزىرە رايونىدىكى ئاپتوموبىل ئاشخانىسىدىن بىر بوتۇلكا گازلىق ئىچىملىك ئېلىۋالسا بولىدۇ، مەنزىرە رايونىدا بىر پارچە خاتىرە سۈرەتكە ھەقسىز چۈشسە بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • شىنجاڭ ساياھەتچىلىكى بارغانسېرى جانلاندى
  • شاللىق رەسىمى ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى
  • بۇغدا كۆلىدىكى تۇنجى قار
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى