تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

تاۋۇز شاپىقىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىڭ

    تاۋۇز شاپىقىنىڭ تۆۋەندىكىدەك رولى بار:

    چىش ئاغرىقىنى پەسەيتىش
    جۇڭگو تېبابىتى دوختۇرىنىڭ قارىشىچە، تاۋۇز شاپىقىنى ئاپتاپقا قاقلاپ قۇرۇتۇپ تالقان قىلىۋالغاندىن كېيىن، ئاز مىقداردا مۇز قوشۇپ، پىلتىگۈچ بىلەن چىش ئاغرىغان ئورۇنغا كۈنىگە بەش، ئالتە قېتىم سۈرۈپ بەرسە، قۇرۇق ئىسسىقتىن بولغان چىش ئاغرىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.

   ئېغىز بوشلۇقى يارىسىنى پەسەيتىش

   ئەگەر ئېغىزغا يارا چىقىپ قالسا تاۋۇز شاپىقىنى ئوتتا قاقلاپ تالقان قىلىۋالغاندىن كېيىن شۈمۈپ بەرسە ياكى تاۋۇز شاپىقى بىلەن ماشنى قاينىتىپ شورپىسىنى ئىچىپ بەرسە ئېغىز بوشلۇقى يارىسىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.

   ئاپتاپتا كۆيگەن تېرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش

   ۋىتامىن C نىڭ ياللۇغنى قايتۇرۇپ تېرە ئاقارتىش رولى بار. تاۋۇز شاپىقىنىڭ تەركىبىدە ۋىتامىن C بولغانلىقى ئۈچۈن ئاپتاپتا كۆيگەن تېرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشتە قوشۇمچە رول ئوينايدۇ.

   قورۇما تەييارلاش

   تاۋۇز شاپىقى (نېپىز يېشىل پوستىنى ئاقلىۋەتكەندىن كېيىنكى ھالىتى) بىر ياخشى يېمەكلىك. تاۋۇز شاپىقىدا قورۇما تەييارلاشقا كۆپ كۈچ كەتمەيدۇ، يەنە كېلىپ ئېتىش ئۇسۇلى ئىنتايىن ئاددىي. يەنى، تاۋۇز شاپىقىنى پاكىز يۇيۇۋەتكەندىن كېيىن ئىنچىكە قەلەمچە قىلىپ توغراپ، قايناق سۇغا بېسىپ، قارا گۆش قەلەمچىسى بىلەن بىللە قورۇپ مۇۋاپىق مىقداردا ئۆزى ياخشى كۆرگەن خۇرۇچلارنى سېلىپ يېسە بولىدۇ.

   ئىسسىق ئۆتۈپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش

   يازدا ھەممە كۈندە دېگۈدەك تېمپېراتۇرا يۇقىرى بولغاچقا، ئادەمگە ئاسانلا ئىسسىق ئۆتۈپ قالىدۇ. تاۋۇز شاپىقىنى پاكىز يۇيۇۋەتكەندىن كېيىن نېپىز يېشىل پوستىنى ئاقلىۋېتىپ، سۇدا 30 مىنۇت پىشۇرۇپ، مۇۋاپىق مىقداردا شېكەر ياكى ناۋات قوشۇپ، سوۋۇغاندىن كېيىن ئىچسە ئىسسىق ئۆتۈپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ.

   بالىغا ئىسسىق ئۆتۈپ قالغاندا تاۋۇز شاپىقى بىلەن بەدەننى سۈرتكەندە، بەدەن تېمپېراتۇرىسى تېز تۆۋەنلەيدۇ.

   يازدا دانىخورەك پەيدا بولۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش

   تاۋۇز شاپىقى، ماش شورپىسى يازدا دانىخورەك ئۆرلەپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ ۋە ئۇنى داۋالايدۇ.

   تەييارلاش ئۇسۇلى: 100 گرام ماشقا، 2000 مىللىلېتىر قايناق سۇ قۇيۇپ قاينىغاندىن كېيىن يەنە داۋاملىق 15 مىنۇت قاينىتىمىز، ئارقىدىن ماشنى سۈزۈپ ئېلىۋېلىپ، ماش شورپىسىغا تاۋۇز شاپىقىنى سېلىپ قاينىتىمىز. قاينىغاندىن كېيىن ئوتنى ئۆچۈرۈپ سوۋۇتۇپ كۈنىگە نەچچە قېتىم ئىچىپ بەرگەندە، ئىششىقنى ياندۇرۇپ، ئىسسىقنى ھەيدەيدۇ، دانىخورەكنى ئازلىتىدۇ.

   گال ئاغرىقىنى پەسەيتىش

   تاۋۇز يازدىكى ئۇسسۇزلۇقنى قاندۇرىدىغان ئەڭ ياخشى يېمەكلىك. بۇنىڭدىن سىرت، يەنە ئىسسىقنى ياندۇرۇش رولىغا ئىگە بولغاچقا گال ئاغرىقىنى پەسەيتىدۇ.

   تەييارلاش ئۇسۇلى: 250 گرام تاۋۇز شاپىقىغا ئىككى چىنە سۇ قۇيۇپ، سۈيى بىر چىنە قالغۇچە قاينىتىپ، ئاز مىقداردا ناۋات سېلىپ سوۋۇتقاندىن كېيىن ئىچىپ بەرسە گال ئاغرىقىغا مەنپەئەت قىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى