تەڭرىتاغ تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ساياھەت

‏«خېيلۇڭجياڭ-ئالتاي مۇھەببىتى» مەخسۇس تېمىسىدىكى ئەدەبىيات-سەنئەت نومۇرلىرى ساياھەتچىلەرنىڭ قەلبىنى ‏ئىللىتتى

  شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى مۇخبىرى جاڭ جىلى خەۋىرى. 7-ئاينىڭ 4-كۈنى، شىنجاڭغا ساياھەت ئارقىلىق ياردەم بېرىش مەخسۇس پويىزىغا ئولتۇرۇپ كەلگەن 500 ساياھەتچى ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ گۈزەل مەنزىرىلىرىنى سەيلە قىلىپ، يەرلىك مەزىلىك يېمەك-ئىچمەكلەرنى تېتىپ بولغاندىن كېيىن، مېھىر-مۇھەببەتكە تولغان سەنئەت نومۇرلىرىدىن ھۇزۇرلاندى.

  شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئالتاي شەھەرلىك مەدەنىيەت پائالىيىتى مەركىزىدىكى سەھنىنىڭ ئارقىسىغا «خېيلۇڭجياڭ-ئالتاي مۇھەببىتى» دېگەن خەتلەر ئېسىلدى. ساياھەتچىلەر قازاقچە قىزغىن ئۇسسۇللاردىن ھۇزۇرلىنىپلا قالماي، يەنە ئىككى كىشىلىك ئەلنەغمە، خەلق ناخشىسى، جىڭجۈي تىياتىرى قاتارلىق نومۇرلاردىن ھۇزۇرلاندى. قىسمەن ساياھەتچىلەر خۇشال ھالدا «خېيلۇڭجياڭلىقلار ئالتايغا ساياھەتكە كەلدى» دېگەن خەت يېزىلغان ۋىۋىسكىلارنى كۆتۈرۈپ، سەھنىدىكى مۇزىكىغا چۈشۈرۈپ يېنىك ئۇسسۇلغا چۈشتى.

  ئىگىلىنىشىچە، خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسى بۇ يىل ئالتاي ۋىلايىتىگە شىنجاڭغا ساياھەت ئارقىلىق ياردەم بېرىش مەخسۇس پويىزىدىن 10 نى قاتنىتىدىكەن. بۇنىڭ ئۈچۈن، ئالتاي ۋىلايىتى يىل بېشىدىن باشلاپلا مەخسۇس سەنئەت نومۇرلىرىنى تەييارلاپ، ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ كۆپ ئېلېمېنتلىق مەدەنىيىتى ۋە ياردەمگە ئېرىشكەن جايدىكى ئاممىنىڭ مىننەتدارلىقىنى نامايان قىلغان. بۇنىڭدىن كېيىن قاتنىغان «خېيلۇڭجياڭ-ئالتاي» شىنجاڭغا ساياھەت ئارقىلىق ياردەم بېرىش مەخسۇس پويىزىغا قارىتا ئالتاي ۋىلايىتىدە «خېيلۇڭجياڭ-ئالتاي مۇھەببىتى» مەخسۇس سەنئەت نومۇرلىرى قويۇلىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • بارلۇق تېغىنىڭ يازدىكى سۈرەتتەك گۈزەل مەنزىرىسى
  • سايرام كۆلىنىڭ قۇياش كۆتۈرۈلگەندىكى گۈزەل مەنزىرىسى
  • قوبۇقسار ناھىيەسىنىڭ يازدىكى مەنزىرىسى كىشى قەلبىنى رام قىلىدۇ
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى