ساياھەتچىلەر گۇيياڭ شەھىرى خۇاشى دۆلەتلىك شەھەر سۇلۇق يەر باغچىسىدا ساياھەت قىلماقتا. ( 7-ئاينىڭ 5-كۈنى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندا تارتىلغان)
شىنخۇا تورى خەۋىرى: ياز كىرگەندىن بۇيان، گۇيجوۋ ئۆلكىسى گۇيياڭ شەھىرى خۇاشى دۆلەتلىك شەھەر سۇلۇق يەر باغچىسىدا ھەممە يەر يېشىللىققا تولۇپ، ساياھەتچىلەرنى ئىسسىقتىن دالدىنىپ تاماششا قىلىشقا جەلپ قىلدى. ئىگىلىنىشىچە، 2017-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە گۇيياڭ شەھىرىنىڭ ئورمان بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى %48.66كە يېتىپ، سۇلۇق يەرنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 16 مىڭ گېكتاردىن ئاشقان. 7-ئاينىڭ 6-كۈنىدىن 8-كۈنىگىچە ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى گۇيياڭ خەلقئارالىق مۇنبىرىنىڭ 2018-يىللىق يىغىنى گۇيياڭدا ئۆتكۈزۈلىدىكەن.