تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش كۈرىشىنىڭ ئومۇميۈزلۈك غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرىمەن

ئونسۇ ناھىيەلىك مۇھىت ئاسراش ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى ئەركىن ياسىن

   مەن كۆپ يىل پارتىيەنىڭ تەربىيەسىنى ئالغان پارتىيەلىك كادىر، ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىمنى ئەسلىسەم، ھەر ۋاقىت پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقى ۋە تەشكىلنىڭ تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈشىدىن ئايرىلالمىغانلىقىمنى، ھەممە ئىشىمغا پارتىيەنىڭ مېھىر–شەپقىتى ۋە ۋەتەننىڭ ئىللىقلىقى مۇجەسسەملەنگەنلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلىمەن. مەن شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19–قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، سىياسىي ئىنتىزامغا ۋە سىياسىي قائىدىگە قاتتىق رىئايە قىلىپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممەمگە ئېلىپ، تۆھپە قوشۇپ، ‹‹تۆت ئاڭ››نى ۋە ‹‹بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش››نى كۈچەيتىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداپ، پارتىيەنىڭ مېھىر–شەپقىتىنى مەڭگۈ ئېسىمدە تۇتۇپ، مەسئۇلىيەت ۋە بۇرچۇمنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى قەتئىي قوغدايمەن.

   يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، چېگرا ئىچى–سىرتىدىكى ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› مىللىي بۆلگۈنچىلىك ۋە دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنى تەرغىب قىلىپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلولىرىنى سادىر قىلىپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ھاياتى، مال–مۈلۈك بىخەتەرلىكى ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىققا ئېغىر زىيان يەتكۈزدى. ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› ‹‹مىللەت›› بايرىقىنى كۆتۈرۈۋېلىپ، ‹‹دىن›› تونىغا ئورىنىۋېلىپ، ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنى تارقىتىپ، بىزنىڭ بەختلىك تۇرمۇشىمىزغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا، شىنجاڭنى ۋەتەن چوڭ ئائىلىسىدىن ئايرىپ چىقىپ كېتىشكە تەلۋىلەرچە ئۇرۇندى. ئۇلارنىڭ بۇ سۇيىقەستلىرىگە قەتئىي يول قويمايمىز!

   پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن ئىشەنچىمنى قەتئىي چىڭىتىپ، مەيدانىمنى مۇستەھكەملەپ، سىياسىيدا باشتىن–ئاخىر قەتئىي بولۇپ، مەسئۇلىيەتنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن زىممەمگە ئېلىپ، ئىستىلىمنى ياخشىلاپ، ئىقتىدارىمنى ئاشۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنى يېتەكلەپ، ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ سىڭىپ كىرىشى، بۇزغۇنچىلىق قىلىشىغا ئورتاق قارشى تۇرىمەن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تۈرلۈك ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرىمەن، بوشاڭلىق، بىخۇدلۇق ئىدىيەسىنى يېڭىپ، مۇقىملىقنى قوغداشتىكى تۈرلۈك تەدبىرلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە قەتئىي پۇرسەت بەرمەي، ھەر مىللەت ئاممىنى خاتىرجەم ياشاش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشتۈرۈپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش كۈرىشىنىڭ ئومۇميۈزلۈك غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرىمەن.

   سىياسىي مەيدانىمنى قەتئىي مۇستەھكەملەپ، پارتىيەگە مۇتلەق سادىق بولىمەن. بىز ئىدىيەمىزنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، كاللىمىزنى ھەر ۋاقىت سەگەك تۇتۇپ، سىياسىيدا سەزگۈر، پوزىتسىيەدە قەتئىي، مەيدانىمىزنى مۇستەھكەم قىلىپ، بايرىقىمىز روشەن ھالدا مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىشىمىز، ‹‹پانئىسلامىزم››، ‹‹پانتۈركىزم›› ئىدىيەسىنىڭ زەھىرىنى تەلتۆكۈس تازىلىشىمىز كېرەك. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا مۇتلەق سادىق بولۇپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنى ھەممىنى بېسىپ چۈشىدىغان قاتتىق ۋەزىپە قىلىپ، ئۇزاققىچە كۈرەش قىلىش، مۇقىملىقنى قوغداشنى دائىملاشتۇرۇش ئېڭىنى پۇختا تۇرغۇزۇشىمىز كېرەك.

   مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممەمگە ئېلىپ، باش نىشانغا يېتىشنى ئەمەلىيەتتە كۆرسەتكۈچىلەردىن بولىمەن. سىياسىي ئىرادىنى ساقلاپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشتىكى ‹‹بىرىكمە مۇشت›› تەدبىرىنى قەتئىي ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تەۋرەنمەي، بوشاڭلىق قىلماي، ئىككىلەنمەي، قۇرۇق جازا تىكلىمەي، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئالغا ئىنتىلىپ، ئاساسي قاتلامنىڭ مۇقىملىقنى قوغداشتىكى تۈرلۈك تەدبىرلەرنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، ئاجىز ھالقىلارنى تەكشۈرۈپ، يوچۇقنى ئېتىپ، كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ، مەسئۇلىيەتچان بولۇپ، مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىغا ‹‹پانئىسلامىزم››، ‹‹پانتۈركىزم›› ئىدىيەسىنىڭ ئېغىر خەۋپىنى، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››نىڭ ئەكسىيەتچىل ماھىيىتىنى ئېنىق تونۇتۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى قوغداشنىڭ مۇستەھكەم پولات سېپىلىنى پۇختىلايمەن.

   ئىقتىدارىمنى سىجىل ئاشۇرۇپ، ئاممىنى توغرا يېتەكلەيمەن. ئۈلگىلىك رولۇمنى ئاكتىپ جارى قىلدۇرۇپ، ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتى، ‹‹مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش›› پائالىيىتى قاتارلىق خىزمەت تەلەپلىرىنى باشلامچىلىق بىلەن ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاممىۋى خىزمەتنى ھەقىقىي تۈردە ئىنچىكە، ياخشى، ئەمەلىي ئىشلەپ، بىخەتەرلىككە خەۋپ يەتكۈزىدىغان زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكىتىنىڭ تۇپرىقىنى ئۈنۈملۈك يوقىتىمەن؛ ئەۋزەللىكىمنى ئاكتىپ جارى قىلدۇرۇپ، سەمىمىي قەلبىم، پۈتۈن كۈچۈم ۋە چىن ھېسسىياتىم بىلەن ئاممىغا تايىنىپ، ئاممىنى قوزغىتىپ، ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، كۈرەش قىلىشقا جۈرئەت قىلىپ، دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنى باشلامچىلىق بىلەن پاش قىلىپ ۋە تەنقىدلەپ، ‹‹پانئىسلامىزم››، ‹‹پانتۈركىزم›› ئىدىيەسىنى باشلامچىلىق بىلەن پاش قىلىپ ۋە تەنقىدلەپ، ھەر مىللەت ئاممىنى كۆزىنى يوغان ئېچىشقا، ھەق – ناھەقنى ئېنىق ئايرىشقا، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ئېڭىنى كۈچەيتىشكە پائال يېتەكلەپ، زوراۋانلىققا، تېررورلۇققا زەربە بېرىش، ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ كونكرېت ئەمەلىيىتىگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن قاتنىشىمەن.

   ئىستىلىمنى كۈچەپ ياخشىلاپ، كۈچلۈك كاپالەتنى مۇستەھكەملەيمەن. تۈرلۈك ئۆگىنىش، تەربىيەلەش پائالىيەتلىرىنى ھەقىقىي چىڭ تۇتۇپ، ئۇنىڭغا ھەقىقىي ھەيدەكچىلىك قىلىپ، ئەمەلىي ئىشلەپ، ‹‹ئەستايىدىللىقنى ئەڭ تەكىتلەش›› روھى، ‹‹ئەڭ مەسئۇلىيەتچان بولۇش›› ھەرىكىتى ئارقىلىق خىزمەت ئىستىلىمنى باشلامچىلىق بىلەن ياخشىلاپ، ‹‹تۆت خاھىش››، ‹‹تۆت كەيپىيات››نى قەتئىي تۈزەپ، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنى قەتئىي يوقىتىمەن. پارتىيەنىڭ ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرى توغرىسىدىكى تەشۋىق – تەربىيەنى ھەقىقىي ياخشى قىلىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقىنى مىڭلىغان، ئون مىڭلىغان ئائىلىلەرگە يەتكۈزۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنى قەتئىي تۈردە پارتىيەنىڭ شەپقىتىگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشكە، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاشقا، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشقا يېتەكلەيمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى