تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

پارتىيەنىڭ تەشكىلات سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتەيلى

ـــــ مەملىكەتلىك تەشكىلات خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدا (2)

خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

  پارتىيەنىڭ كۈچى تەشكىلدىن كېلىدۇ. پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكى، پارتىيەنىڭ بارلىق خىزمەتلىرى پارتىيەنىڭ قۇدرەتلىك تەشكىلات سىستېمىسىغا تايىنىپ ئەمەلگە ئاشىدۇ. باش شۇجى شى جىنپىڭ مەملىكەتلىك تەشكىلات خىزمىتى يىغىنىدا تەكىتلەپ مۇنداق كۆرسەتتى: يېڭى دەۋرگە قەدەم قويۇپ، يېڭى مۇساپىنى باشلاشتا، جەزمەن پارتىيەنىڭ تەشكىلات سىستېمىسى قۇرۇلۇشىغا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي رەھبەرلىك كۈچى، ئىدىيەۋى يېتەكلەش كۈچى، ئاممىۋى تەشكىللەش كۈچى، ئىجتىمائىي چاقىرىق كۈچىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، پارتىيە ئەزالىرىنى تەشكىللەپ، ئىختىساسلىقلارنى مۇجەسسەملەپ، ئاممىنى سەپەرۋەر قىلىپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئۇلۇغۋار نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش شەرت. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە تەشكىلات تارماقلىرى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، ئۇنى پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئەمەلىيىتىدە ھەقىقىي ئىزچىللاشتۇرۇشى، ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك.

   پارتىيەمىز ماركسىزملىق پارتىيە قۇرۇش پىرىنسىپىغا ئاساسەن قۇرۇلغان بولۇپ، ئەزەلدىن پارتىيەنىڭ تەشكىلات قۇرۇلۇشىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، پارتىيەنىڭ مەركىزىي تەشكىلاتلىرى، يەرلىك تەشكىلاتلىرى، ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پۇختا تەشكىلات سىستېمىسىنى شەكىللەندۈردى. بۇ، دۇنيادىكى باشقا ھەرقانداق پارتىيەدە بولمىغان كۈچلۈك ئەۋزەللىك. پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى كۈچەيتىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئالىي نوپۇزغا، ئاخىرقى قارار چىقىرىدىغان نوپۇزغا ئىگە بولۇشىغا، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ قايسى ساھە، قايسى قاتلام، قايسى ئورۇن، قايسى تەشكىلاتتا بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ‹‹تۆت ئاڭ››نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. پارتىيەنىڭ يەرلىك تەشكىلاتلىرىنىڭ تۈپ ۋەزىپىسى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىپ، بۇيرۇقنى دەرھال ئىجرا قىلىش، چەكلىگەننى دەرھال توختىتىشتىن ئىبارەت. پارتگۇرۇپپىلار پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۆنىلىشنى ئىگىلەش، ئومۇمىيەتنى باشقۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىشتىكى مۇھىم رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك. پارتىيەنىڭ ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى پارتىيە ئورگانىزمىنىڭ ‹‹نېرۋا سەزگۈلىرى›› بولۇپ، جەڭگىۋار قورغانلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشى كېرەك. ھەربىر پارتىيە ئەزاسى، بولۇپمۇ رەھبىرىي كادىرلار پارتىيەۋىلىك ئېڭى ۋە تەشكىلىي قارىشىنى كۈچەيتىپ، ئاڭلىق ھالدا ئىدىيەدە تەشكىلنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش، سىياسىيدا تەشكىلگە تايىنىش، خىزمەتتە تەشكىلگە بويسۇنۇش، ھېسسىيات جەھەتتە تەشكىلگە ئىشىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك.
    
   ‹‹ئۆي سېلىشتا ئۇل پۇختا بولۇشى كېرەك››. پارتىيەنىڭ تەشكىلات سىستېمىسىنى كۈچەيتىشتە جەزمەن ئاساسىي قاتلامنى قاتتىق تۇتۇشنىڭ روشەن يۆنىلىشىنى تۇرغۇزۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن كۈچەيتىش كېرەك. تەشكىللەش كۈچىنى ئاشۇرۇشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، سىياسىي ئىقتىدارنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تەشكىلىي قۇرۇلمىنى ئەلالاشتۇرۇپ، تەۋەلىك مۇناسىۋىتىنى راۋانلاشتۇرۇپ، پائالىيەت شەكلىدە يېڭىلىق يارىتىپ، پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە ئۇلارنىڭ خىزمىتىنىڭ قاپلاش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ جەڭگىۋار قورغانلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيە نىزامنامىسىدە بەلگىلەنگەن تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاش كېرەك. كارخانا، يېزا، ئورگان، كەسپىي ئورۇن، مەھەللە قاتارلىق ھەر ساھەنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى ياخشى تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ ئومۇميۈزلۈك يۈكسىلىشى، ئومۇميۈزلۈك قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتۈشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، مەملىكەت سىرتىدىكى پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، گۈللەنمە كەسىپ ھالىتى ۋە ئالاقە تورىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى كۈچەيتىش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، پارتىيەنىڭ گۈللەنمە ساھەلەردىكى چاقىرىق كۈچى، ئۇيۇشتۇرۇش كۈچىنى ئاشۇرۇش كېرەك. ياچېيكىلارنى ئۆلچەملەشتۈرۈش، قېلىپلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ھەربىر ياچېيكىنى كۈچەيتىش كېرەك. پارتىيە ئەزالىرى قوشۇنىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، پارتىيە ئەزالىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۆتكىلىنى چىڭ تۇتۇپ، پارتىيە ئەزالىرىنى تەربىيەلەش، باشقۇرۇشنى چىڭىتىپ، تەشكىلىي تۇرمۇشنى كۈچەيتىپ، پارتىيە ئەزالىرى قوشۇنىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇرۇش كېرەك.

   ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ تەشكىللەش ئىقتىدارىنىڭ كۈچلۈك ياكى كۈچلۈك ئەمەسلىكىدە زور ۋەزىپىلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇش سىناق تېشى، شۇنداقلا بىلەي تېشى ھېسابلىنىدۇ. ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بىر قاتار زور ئىستراتېگىيەلىرى، زور خىزمەتلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش جەريانىدا رەھبەرلىك رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك. سىياسىي يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىپ، پارتىيە تەشكىلاتى بىرتۇتاش رەھبەرلىك قىلىدىغان، تۈرلۈك تەشكىلاتلار پائال ماسلىشىدىغان، ئامما كەڭ دائىرىدە قاتنىشىدىغان ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، پارتىيەنىڭ ئاممىۋى خىزمەتتىكى ئۈستۈنلۈكى ۋە پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئاۋانگارتلىق، نەمۇنىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيە ئەزالىرى، ئامما ۋە تۈرلۈك تەشكىلاتلارنى پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم بايرىقى ئاستىدا بىرتۇتاش ھەرىكەتلىنىشكە ئىتتىپاقلاشتۇرۇش ۋە ئۇيۇشتۇرۇش كېرەك. ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش، ئاممىغا بەخت يارىتىشنى ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىشنىڭ مەۋقەسى ۋە مەقسىتى قىلىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش ئارقىلىق ئاممىنىڭ پارتىيەگە بولغان ئىشەنچىسى ۋە ھىمايىسىنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك. مۇشتۇمزورلۇقنى تازىلاش، رەزىللىكنى تۈگىتىش مەخسۇس كۈرىشىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇشقا ماسلىشىپ، ئاساسىي قاتلام ھاكىمىيىتىگە توسقۇنلۇق قىلىدىغان بىر قىسىم مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، يېزىلارنىڭ ئاساسىي قاتلام سىياسىي ئېكولوگىيەسىنى ساپلاشتۇرۇش، ئەسلىگە كەلتۈرۈش كېرەك. پارتىيە قۇرۇلۇشىنى چىڭ تۇتۇش ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ شۇجىلىرىنى ياخشى تاللاپ، كۈچلۈك سەپلەپ، 1 – شۇجى، كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى، ئىستۇدېنت كەنت ئەمەلدارى قاتارلىق كۈچلەردىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئاممىنى تەشكىللەپ، بىرلىكتە گۈزەل يۇرت – ماكان قۇرۇپ چىقىش كېرەك.

   تۇپراق قانچە مۇنبەت بولسا، يىلتىز شۇنچە چوڭقۇر بولىدۇ، يىلتىز قانچە چوڭقۇر بولسا، دەرەخ شۇنچە باراقسان ئۆسىدۇ. پارتىيەنىڭ ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشنىڭ ئاچقۇچى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى قاتتىق چىڭ تۇتۇشتا. بەزى ساھەلەردە پارتىيە رەھبەرلىكىنى ئاساسىي قاتلامدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە يەنىلا ‹‹توسالغۇ›› مەۋجۇت بولۇش مەسىلىسىنى تىرىشىپ ھەل قىلىپ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىنى دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. ئىسلاھاتتا يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بىرتۇتاش باشقۇرۇش بىلەن تارقاق باشقۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈپ، تۈرلەر بويىچە يېتەكلەپ، يېڭى تەپەككۇر، يېڭى تەدبىر، يېڭى چارىلەرنى قوللىنىپ، ھەر ساھەنىڭ ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك، سىستېمىلىق ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئاساسىي قاتلام پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىدىن مەلۇمات بېرىش، ئۇنى باھالاش ۋە تەكشۈرۈشنى چىڭىتىپ، ئىز قوغلاپ ئۈنۈمنى سۈرۈشتۈرۈش ۋە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتى سىستېمىسىنى زىچ ۋە كۈچلۈك قۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئۇلىنى مۇستەھكەملەش كېرەك.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7 – ئاينىڭ 5 – كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى