تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ ئورتاق ھەرىكىتىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك

   شى جىنپىڭ يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنداق تەكىتلىدى:

يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ ئورتاق ھەرىكىتىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك

لى كېچياڭ تەستىق سالدى

   شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7 – ئاينىڭ 5 – كۈنى تېلېگراممىسى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنداق تەكىتلىدى: يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان زور تەدبىر ئورۇنلاشتۇرمىسى، يېڭى دەۋردە ‹‹يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار›› خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ باش تۇتقىسى. جايلار، تارماقلار يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشنىڭ زور ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇشى، يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشى، يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى بەش دەرىجىلىك شۇجى تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇشى، يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ ئورتاق ھەرىكىتىگە ئايلاندۇرۇشى كېرەك.

   شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: يېزا – كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشتە مۇھىم نۇقتىنى تۇتۇش، يېتەرسىزلىكلەرنى تولۇقلاش، ئاجىز تۈرلەرنى كۈچەيتىشتە چىڭ تۇرۇپ، يېزا – كەنتلەردە كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈش، ئىختىساسلىقلارنى گۈللەندۈرۈش، مەدەنىيەتنى گۈللەندۈرۈش، ئېكولوگىيەنى گۈللەندۈرۈش، تەشكىلاتنى گۈللەندۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ دەرىجىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش، يېزىلارنى ئومۇميۈزلۈك راۋاجلاندۇرۇش، دېھقانلارنى ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. دېھقانلارنىڭ ئارزۇسىغا ھۆرمەت قىلىپ، دېھقانلارنىڭ ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقى، ئىجادچانلىقىنى قوزغاپ، يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، دېھقانلارنى يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتىن تېخىمۇ كۆپ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىغا ئېرىشتۈرۈش كېرەك. ئەمەلىي ئىشلەش ئارقىلىق گۈللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، يېزا – كەنتلەرنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتىگە ھۆرمەت قىلىپ، ئالدىن پىلانلاپ يولغا قويۇپ، تۈرگە ئايرىپ ئىلگىرى سۈرۈپ، سېلىنمىنى ئاشۇرۇپ، جاپاغا چىداپ پۇختا ئىشلەپ، يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئۈزلۈكسىز يېڭى ئۈنۈمگە ئېرىشىش كېرەك.  
 
   جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ زۇڭلىسى لى كېچياڭ تەستىق سېلىپ مۇنداق كۆرسەتتى: يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش ــــ ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش ۋە ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇپ چىقىش ئومۇمىيىتىگە چېتىلىدۇ. جايلار، تارماقلار پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەلىك يىرىك پىلانىنى ئىلمىي يولغا قويۇپ، ‹‹يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار›› خىزمىتىنىڭ سېلىنما سالمىقىنى داۋاملىق زورايتىپ، دېھقانلارغا نەپ يەتكۈزۈش، دېھقانلارنى بېيىتىش سىياسىتىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزا ئىگىلىك پەن – تېخنىكىسى تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، زامانىۋى يېزا ئىگىلىك كەسىپ سىستېمىسى، ئىشلەپچىقىرىش سىستېمىسى، تىجارەت سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشى كېرەك. شەھەر – يېزىلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىيات تۈزۈلمە – مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىپ، يېزا ئۇل ئەسلىھەسى ۋە جامائەت مۇلازىمىتىنى تىرىشىپ ياخشىلاپ، يېزا ئاھالىسىنىڭ ياشاش مۇھىتىنى تۈزەش، رەتكە سېلىش ئۈچ يىللىق ھەرىكىتىنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ‹‹ئالاقە تورى+››غا تايىنىپ، يېزىلارنىڭ 1 –، 2 –، 3 – كەسىپلىرىنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭىچە تىجارەت سۇبيېكتىنى كۈچەپ يېتىلدۈرۈپ، دېھقانلارنىڭ مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋە كىرىمىنى ئۈزلۈكسىز كۆپەيتىش يوللىرىنى كېڭەيتىش كېرەك. پۈتكۈل جەمئىيەت يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولىدىغان بىرىكمە كۈچنى يەنىمۇ مۇجەسسەملەپ، مىليونلىغان دېھقان بەختلىك ياشايدىغان گۈزەل يۇرت – ماكاننى تىرىشىپ قۇرۇپ چىقىش كېرەك.

   مەملىكەتلىك يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنى 7 – ئاينىڭ 5 – كۈنى چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركەز يېزا خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى خۇ چۈنخۇا يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: شى جىنپىڭنىڭ ‹‹يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار›› خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، زۇڭلى لى كېچياڭ تەستىق سالغاندا ئوتتۇرىغا قويغان تەلەپنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ تەدبىر – ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەلىك يىرىك پىلانىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان نىشان – ۋەزىپىلەرنى چىڭ تۇتۇپ، رەھبەرلىك تۈزۈلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، ئۇزاق ئۈنۈملۈك سېلىنما مېخانىزمى ئورنىتىپ، سىياسەت، تۈزۈم كاپالىتىنى كۈچەيتىپ، دېھقانلارنىڭ سۇبيېكتلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، كۈچلۈك ئىرادە ۋە چىدامچانلىقنى ساقلاپ، تۈرلۈك تەدبىرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئۇزاققىچە ياخشى تۇتۇپ، يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتە ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك.

   يىغىندا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن يېقىندا بېسىپ تارقاتقان ‹‹يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەلىك يىرىك پىلانى (2018 – يىلىدىن 2022 – يىلىغىچە)››دا ئوتتۇرىغا قويۇلغان تۈرلۈك نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئورۇنلاشتۇرۇلدى، ئالاقىدار ئۆلكە، ئاپتونوم رايون ۋە تارماقلاردىكى مەسئۇل يولداشلار يىغىندا سۆز قىلدى.

   مەركەز يېزا خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىغا ئەزا ئورۇنلار، ھەرقايسى ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر ۋە پىلانى ئايرىم تۈزۈلىدىغان شەھەرلەر، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش – قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىدىكى ئالاقىدار تارماقلاردىكى مەسئۇل يولداشلار يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.