تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   تۇرمۇش لۇغىتى

فېڭيۇجىڭنىڭ ئاجايىپ رولى

    ئاپتوموبىلغا ئولتۇرغاندا باش قايسا، ھاشاراتلار چېقىۋالسا كىشىلەر فېڭيۇجىڭ (风油精، بىر نەچچە خىل پۇراقلىق ماي قوشۇلۇپ ياسالغان دورا) نى سۈرۈشكە ئادەتلەنگەن. ئەمەلىيەتتە، فېڭيۇجىڭنىڭ بۇنىڭدىن باشقا يەنە نۇرغۇن رولى بار.

    غەيرىي پۇراقنى يوقىتىش

   ئاياغ ئىشكابىنى ئاچقاندا بەزىدە غەيرىي پۇراق پەيدا بولۇپ قالغانلىقىنى بايقايسىز. ئادەتتىكى ھاۋا ساپلاشتۇرغۇچ (空气清新剂) پەقەت بوشلۇقتىكى گازلارغىلا تەسىر كۆرسىتەلەيدۇ. ئەگەر پۇراقنى تولۇق يوقاتماقچى بولسىڭىز ئاغزى ئېچىلغان فېڭيۇجىڭنى ئاياغ ئىشكابىغا سېلىپ قويسىڭىز، غەيرىي پۇراق يوقايدۇ.

    سىر دېغىنى تازىلاش

    كىيىمگە سىر يۇقۇپ كەتسە، مەيلى قانداق كىر يۇيۇش سۇيۇقلۇقى ئىشلىتىشىڭىزدىن قەتئىينەزەر چىقارغىلى بولمايدۇ. ئەمما فېڭيۇجىڭ سىر دېغىنى بىمالال چىقىرىۋېتەلەيدۇ.

    كىيىمنىڭ ئىچى ۋە تېشىغا (سىر دېغى بار ئورۇنغا) فېڭيۇجىڭ سۈرۈپ، بىر نەچچە مىنۇتتىن كېيىن پاختا بىلەن يىنىك سۈرتكەندە سىر دېغى تولۇق چىقىپ كېتىدۇ.

    يۇتقۇنچاق ئاغرىشنى پەسەيتىش

   يۇتقۇنچاق ئىششىپ ئاغرىسا، ئاۋاز پۈتۈپ قالسا، فىڭيۇجىڭنى بويۇنغا سۈرۈپ، ئالقان بىلەن تېرە قىززىغۇچە ئۇۋۇلاپ بەرسە كېسەللىك ئالامىتى بىر، ئىككى سائەتتىن كېيىن يېنىكلەيدۇ ياكى يوقايدۇ.

    ئىسسىق ئۆتۈپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش

   يازدا ئادەمگە ئاسانلا ئىسسىق ئۆتۈپ قالىدۇ. ئىسسىق ئۆتۈپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن رېنجۇڭ (人中، يۇقىرىقى كالپۇك ئوتتۇرا ئېرىقچىسى) ، چېكە (太阳)، يېنتاڭ (印堂، ئىككى قاشنىڭ ئوتتۇرى) قاتارلىق پەللىلەرگە فىڭيۇجىڭنى سۈرسە بولىدۇ. ئىسسىق ئۆتۈپ قالغاندىن كېيىنمۇ ئوخشاش ئۇسۇلنى قوللىنىشقا بولىدۇ.

 
مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى