تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

چۆچەك شەھىرىدە سالامەتلىكنى ھەقسىز تەكشۈرۈش كىشىلەرنىڭ قەلبىنى ئىللىتتى ‏

  ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ليۇ مىن خەۋىرى: چۆچەك شەھەرلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ ئېمىل يېزىسى ئورمانچىلىق كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى بىلەن كەنت «ئىككى كومىتېتى»، يېزىلىق شىپاخانا بىرلىكتە 7-ئاينىڭ 4-كۈنى شۇ تەۋەلىكتىكى 200 دىن ئارتۇق ئاممىنى تەشكىللەپ، كەنت مەدەنىيەت ئۆيىدە ئومۇمىي خەلق سالامەتلىكىنى ھەقسىز تەكشۈرتۈش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى.

  بۇ يىل تۇنجى قېتىم «سالامەتلىكنى قەغەزسىز تەكشۈرۈش» ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى، ئورمانچىلىق كەنتىدىكى 76 ياشلىق چېڭ يىنجى خۇشال ھالدا: «ئىلگىرى سالامەتلىك تەكشۈرتۈش ئۈچۈن يېزىلىق شىپاخانىغا باراتتۇق، بۇ يىل سالامەتلىكنى كەنتتە تەكشۈرتۈش ئىنتايىن قولايلىق بولدى، كىملىكنى سۈركەپ قويساقلا سالامەتلىكنى تەكشۈرتكەن بارلىق ئۇچۇرلار خاتىرىلىنىدىكەن، ئىلگىرىكىدەك نۇرغۇن تەكشۈرۈش قەغىزى ئېلىش ئۈچۈن بېرىپ-كېلىپ قاترىمىساقمۇ بولىدىغان بولدى» دېدى.

  55 ياشلىق پارتىيە ئەزاسى مېڭ شياڭشەن مۇنداق دېدى: «ئادەتتە بېشىم قاياتتى، بۈگۈن سالامەتلىكىمنى تەكشۈرتۈش ئارقىلىق سالامەتلىك ئەھۋالىمنى بىلىۋالدىم، يەنە كېلىپ خىزمەت ئەترىتى بىلەن كەنت <ئىككى كومىتېتى> خىزمەتلەرنى جايىدا ئىشلىدى، يەنە مەسلىھەت سوراش سۇپىسى ۋە خەلققە قولايلىق مۇلازىمەت رايونى تەسىس قىلىپ، ماش شورپىسى ۋە دورىلار بىلەن تەمىنلىدى، بەك ياخشى بولدى».

  ئومۇمىي خەلقنىڭ سالامەتلىكىنى ھەقسىز تەكشۈرۈشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، ھەرىكەت قىلىشى قولايسىز ياشانغانلار ياكى مېيىپ كىشىلەر قاتارلىق ئالاھىدە كىشىلەر توپىغا قارىتا خىزمەت ئەترىتى ئۆيىگە بېرىپ مۇلازىمەت قىلىشتەك ئۇسۇلدا سالامەتلىك تەكشۈرتۈش خىزمەتلىرىنى قانات يايدۇرۇپ، تەكشۈرۈشكە تېگىشلىك ئاممىنىڭ، تۈرنىڭ بىرىنىمۇ قالدۇرۇپ قويمىدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى