تەڭرىتاغ تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق

تاماقتىن كېيىنكى يېرىم سائەتنى چىڭ تۇتۇڭ

   بىر كۈندىكى ئۈچ ۋاق تاماق بەدەن فۇنكىسىيەسىنىڭ نورمال خىزمەت قىلىشىنىڭ ئاساسى، ئەگەر ئىلمىي ئوزۇقلىنىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈپ، مۇۋاپىق ئوزۇقلانساق، ساغلام بولۇش مەقسىتىگە يېتەلەيمىز.

    ئادەتتە، تاماقتىن كېيىنكى يېرىم سائەت ۋاقىت بولسا ساغلاملىقتىكى «ئالتۇن مەزگىل» ھېسابلىنىدۇ. ئەگەر ئۈچ ۋاق تاماقنىڭ سالامەتلىكىڭىزگە بولغان پايدىلىق تەرىپىنى يەنىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈشنى ئويلىسىڭىز، ئۇنداقتا تاماقتىن كېيىنكى يېرىم سائەتنى چىڭ تۇتۇڭ.

    تاماقتىن كېيىنكى يېرىم سائەتتە قانداق ئىشلارنى قىلىشىمىز كېرەك؟

ئەتىگەنلىك ناشتىدىن كېيىنكى يېرىم سائەت:

1. مېۋە يېيىش

    ئەتتىگەنلىك ناشتىدىن كېيىن مېۋە يېيىش ئەتتىگەنلىك غىزالىنىشقا بولغان ئەڭ ياخشى تولۇقلىما ھېسابلىنىدۇ.

    مايمۇن شاپتۇلى بىلەن بۆلجۈرگەن ئەڭ ياخشى تاللىشىڭىز ھېسابلىنىدۇ، چۈنكى بۇ ئىككى خىل مېۋە تەركىبىدە ۋىتامىن ئىنتايىن مول بولۇپ، ئەتتىگەندە بەدىنىمىز قوبۇل قىلغان ۋىتامىن روھىمىزنى ئۇرغۇتۇپ كاللىمىزنى سەگەكلەشتۈرۈپ، چۈشتىن بۇرۇنقى خىزمەت ئۈنۈمىمىزنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ.

2. تىزنى ئۇۋۇلاش

    جۇڭيى تېبابىتى بويىچە ئېلىپ ئېيتقاندا، ئەتتىگەن 7دىن 9غىگە بولغان مەزگىل ئاشقازاندىكى پەللە ۋە تومۇرلارنىڭ ھەرىكىتى ئەڭ جانلىنىدىغان مەزگىل بولۇپ، بۇ پەللە تومۇرلار «ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش پەللىسى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ تومۇرلار تىز بوغۇمىغا تۇتىشىدىغان بولغاچقا، تاماقتىن كېيىنكى 20 مىنۇت ئەتراپىدا قولىڭىز بىلەن تىزىڭىزنى قايتا-قايتا ئۇۋۇلاپ بەرسىڭىز، ئاشقازىنىڭىزنى ياخشىلاپ، پەللە تومۇرلارنى تېخىمۇ راۋانلاشتۇرىدۇ.

3. پاچاقنىڭ سىرتقى تەرىپىنى يېنىك ئۇرۇش

   پاچاقنىڭ سىرتىدىكى قىسىمدا بىر پەللە بولۇپ، ئەتىگەنلىك ناشتىدىن كېيىن بەش مىنۇت يېنىك ئۇرۇپ بەرگەندە، ئاشقازان ۋە تالنى ياخشىلاپ، ئۆمۈرنى ئۇزارتقىلى بولىدۇ.

4. تاماقتىن كېيىن چېنىقىشقا ئالدىرىماڭ

     نۇرغۇن ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغان كىشىلەر ئەتىگەندە چېنىقىشقا ئادەتلەنگەن. ئەمما، ئەتتىگەنلىك ناشتىدىن كېيىن، ئەڭ ياخشىسى دەرھال ھەرىكەت قىلماسلىق كېرەك، بولمىسا ئاسانلا ھەزىم قىلىش ناچارلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئەگەر، ھەرىكەت مىقدارى بەك كۆپ بولۇپ كەتسە، قورساق ئاغرىش ياكى ئاشقازان، ئۈچەي كېسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، يۈرەك-مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولغۇچىلار ئۈچۈنمۇ ئىنتايىن خەتەرلىك ھېسابلىنىدۇ.

چۈشلۈك تاماقتىن كېيىنكى يېرىم سائەت:

1. ئازراق ئارام ئېلىش

    چۈشلۈك تاماقتىن كېيىنكى يېرىم سائەت بولسا بەدەننى ۋە روھىي ھالەتنى تەڭشەشتىكى ھالقىلىق مەزگىل بولۇپ، مۇشۇ ۋاقىتتىن پايدىلىنىپ ئازراق بولسىمۇ ئارام ئېلىۋېلىش تەن سالامەتلىك ئۈچۈن ئىنتايىن پايدىلىق.

2. بەلنى رۇسلاش، پۇتىنىڭ ئۇچىدا دەسسەش، چوڭقۇر نەپەسلىنىش

    ئەگەر چۈشلۈك تاماقتىن كېيىن ئۇخلاشنى ياخشى كۆرمىسىڭىز، ئازراق ۋاقىت چىقىرىپ، بېلىڭىزنى رۇسلاپ، پۇتىڭىزنىڭ ئۇچىدا دەسسەپ، چوڭقۇر نەپەس ئېلىۋالسىڭىزمۇ مېڭىڭىزنى ئارام ئالدۇرۇپ، خېلى سەگەكلىشىپ قالىسىز.

3. چۈشلۈك تاماقتىن كېيىن قېنىق دەملەنگەن چاي ئىچمەڭ

    نۇرغۇنلىغان كىشىلىرىمىز بولۇپمۇ ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغان كىشىلىرىمىز قېنىق چاي ئىچىشنى ياخشى كۆرىدۇ، ئەمما بۇنداق قىلغاندا ئاقسىلنىڭ سۈمۈرۈلىشىگە تەسىر يېتىدۇ. ئەگەر بۇ ئادەتنى ئۇزاق ۋاقىت داۋاملاشتۇرسا، تۆمۈر ماددىسىنىڭ سۈمۈرۈلۈشىگىمۇ تەسىر يەتكۈزىدۇ.

    ئۇنىڭدىن سىرت، چۈشلۈك تاماقتىن كېيىن دەرھال چاي ئىچكەندە، كۆپ مىقداردىكى سۇ ئاشقازانغا كىرىپ، ئاشقازان ئاجرىتىپ چىقارغان ئاشقازان سۇيۇقلۇقىنىڭ قويۇقلىقىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئاشقازاننىڭ ھەزىم قىلىش ئىقتىدارىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ.

كەچلىك تاماقتىن كېيىنكى يېرىم سائەت:

1. ئۆي ئىشلىرىنى قىلىش

    كەچلىك تاماقتىن كېيىن قاچا-قۇچىلارنى يۇيۇش، ئۆيلەرنى رەتلاش قاتارلىق ئۆي ئىشلىرىنى قىلغاندا، ئازراق بولسىمۇ ھەرىكەت قىلىش مەقسىتىگە يەتكەندىن باشقا، ھەزىم قىلىش سىستېمىسىغىمۇ تەسىر يەتكۈزمەيدۇ.

2. يۇيۇنۇشقا ۋە پۇتىڭىزنى چىلاشقا ئالدىرىماڭ

    بۇنداق قىلغاندا بەدەن سىرتىدىكى قان مىقدارى ئېشىپ، ئاشقازان، ئۈچەيدىكى قان مىقدارى تۆۋەنلەپ، ئاشقازان ئۈچەينىڭ ھەزىم قىلىش ئىقتىدارىغا تەسىر يەتكۈزىدۇ. ئەڭ ياخشىسى تاماقتىن كېيىن بىر، ئىككى سائەت ئارام ئېلىپ ئاندىن يۇيۇنۇش كېرەك.

3. تاماقتىن كېيىن مەيدان ئۇسسۇلى، بوكس قاتارلىق جىددىي ھەرىكەتلەرنى دەرھال قىلماڭ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازار پىيادىلەر كوچىسىدا قىشلىق تىجارەت باشلاندى
  • كورلا شەھىرىدە كىشىلەر سۈرەتتەك گۈزەل مەنزىرىدىن ھوزۇرلاندى
  • كۈنەس ناھىيەسىنىڭ نارات قار-مۇز ساياھەت-مەدەنىيەت بايرىمى 11-ئاينىڭ ‏‏17-كۈنى باشلىنىدۇ
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى