مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى خەۋىرى: دۆلەت دورا نازارەتچىلىكى باشقۇرۇش ئىدارىسى بىلەن ئامېرىكا يېمەكلىك دورا باشقۇرۇش ئىدارىسى (FDA) بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان جۇڭگو-ئامېرىكا ئۆسمە كېسەللىك دورىلىرىنى ئېچىش ۋە باھالاش ئالماشتۇرۇش يىغىنى بېيجىڭدا 7-ئاينىڭ 2-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. دۆلەت دورا نازارەتچىلىكى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى شۈ جىڭخې يىغىنغا قاتناشتى.
دۆلەت دورا نازارەتچىلىكى باشقۇرۇش ئىدارىسى دورا باھالاش مەركىزى دۆلىتىمىزنىڭ ئۆسمىگە قارشى يېڭى دورىلىرىنى ئالدىن تەكشۈرۈپ باھالىشىنى تونۇشتۇردى؛ ئامېرىكا FDA ئۆسمە ئالاھىدە مەركىزى (OCE) FDAنىڭ تۇنجى ئۆسمىگە قارشى دورا ماتېرىياللىرى جەھەتتىكى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش خىزمىتى، مەھسۇلاتنى تەتقىق قىلىپ ئېچىش، بازارغا سېلىش ۋە تەستىقلاش قاتارلىق جەھەتلەرنى تونۇشتۇردى. جۇڭگو-ئامېرىكا ئىككى تەرەپ ئۆسمىگە قارشى دورىلارغا مۇناسىۋەتلىك نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تەجرىبىسى ۋە ئۇسۇلى ئۈستىدە مۇھاكىمە قىلىپ پىكىر ئالماشتۇردى. بۇ قېتىمقى يىغىنغا دۆلەت دورا نازارەتچىلىكى ئىدارىسى ئورگان ئالاقىدار مەھكىمىسى، بىۋاستە قاراشلىق ئورۇن، قىسمەن ئۆلكە، شەھەرلىك دورا نازارەتچىلىكى ئورگانلىرىنىڭ ئالاقىدار خادىملىرىدىن بولۇپ 130 دىن ئارتۇق ئادەم قاتناشتى.
ئالماشتۇرۇش يىغىنىدىن بۇرۇن، شۈ جىڭخې ئامېرىكا FDA ئۆسمە ئالاھىدە مەركىزى (OCE) نىڭ مۇدىرى، دوكتۇر رىچاد پازدېل ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بىلەن كۆرۈشتى.