يازدا سىرتتا كۆپ يۈرگەندە تېرە بەلگىلىك دەرىجىدە زىيانغا ئۇچرايدۇ. تېرە ئاپتاپتا كۆيسە كۆپىنچە ۋاقىتلاردا قىزىل داغ پەيدا بولىدۇ، ئېغىر بولغاندا سۇلۇق ئىششىق، سۇلۇق قاپارتما ئۆرلەيدۇ. ئاپتاپتا كۆيۈپ يارىلانغان ئورۇن كۆيۈشۈپ ئاغرىيدۇ، ئەگەر ئاپتاپتا كۆيگەن دائىرە چوڭ بولسا بەدەننى تىترەك بېسىش، قىزىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.
تېرە ئاپتاپتا كۆيۈپ يارىلانغاندا توڭلاتقۇدا ساقلانغان سوغۇق سۈتنى لۆڭگىگە تۆكۈپ، لۆڭگىنى يارىلانغان ئورۇنغا يېقىپ بەرسە (كۈنىگە بىر نەچچە قېتىم) ھەمدە تاۋۇز قاتارلىق ئىسسىقلىقنى ھەيدەيدىغان يېمەكلىكنى كۆپرەك يەپ بەرسە ئاپتاپتا كۆيگەن ئورۇن ئاسان ساقىيىدۇ.