خەلق تورى خەۋىرى: 2018-يىلى 7-ئاينىڭ 2-كۈنى چىڭداۋ شەھىرىنىڭ غەربىي دېڭىز قىرغىقى يېڭى رايونىدىكى «سۇمرۇغ ئاۋازى» تىياتىرخانىسى تۇنجى قېتىملىق سىناق قويۇلۇشتىن كېيىن، ئەڭ ئاخىرقى تەڭشەش باسقۇچىغا كىردى.
«سۇمرۇغ ئاۋازى» تىياتىرخانىسىنىڭ سىرتقى شەكلى كۆركەم، ئەگمە سىزىقلىرى مۇرەككەپ بولۇپ، بەئەينى ئالتۇن ساھىلغا قونۇۋاتقان سۇمرۇغقا ئوخشايدۇ، شۇ سەۋەبلىك بۇ تىياتىرخانىغا «سۇمرۇغ ئاۋازى» دەپ نام بېرىلگەن بولۇپ، كىشىگە ئاجايىپ زوق بېغىشلايدۇ. تىياتىرخانىنىڭ ئومۇمىي قۇرۇلۇش كۆلىمى 39 مىڭ كىۋادرات مېتىر، ئېگىزلىكى 66 مېتىر كېلىدۇ، تىياتىرخانا دەل بۇ سۇمرۇغنىڭ كېرىپ تۇرغان قانىتىغا جايلاشتۇرۇلغان.
رەڭدار چىراغلار ياندۇرۇلغاندا، قانات قېقىش ئالدىدا تۇرغان بۇ «سۇمرۇغ» ھەرخىل رەڭدە جىلۋىلىنىپ، ئەگمە ئېكراندا قويۇلغان ھەرىكەتچان سۈرەتلەر بىلەن ئاجايىپ گۈزەل بىر مەنزىرىنى ھاسىل قىلىپ، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى ئۆزىگە جەلپ قىلىدۇ.