تەڭرىتاغ تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق

ھامىلە ۋە مۇزىكا

ماتېرىيال سۈرەت

    ھامىلە تەربىيەسىدە قانداق مۇزىكا ئاڭلاش كېرەك؟ 6-ئاينىڭ 12-كۈنى ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» گە بېسىلغان يېڭى تەتقىقاتتا بايقىلىشىچە، ئەگەر ھامىلە موزات، بىتخوۋېن ۋە باخنىڭ ۋەكىل خاراكتېرلىك كىلاسسىك مۇزىكىلىرىنى ئاڭلاپ بەرسە، ئۇلارنىڭ ئانا تېنىدىكى ئىنكاسى مودا مۇزىكىلارنى ئاڭلىغانغا قارىغاندا كۆپ بولىدىكەن.

ماتېرىيال سۈرەت

    ئىسپانىيە بارسىلونا تۇغۇت شىپاخانىسىدىكى تەتقىقاتچىلار 300 دىن ئارتۇق ھامىلىگە مۇزىكا سىنىقى ئېلىپ بارغان، تەتقىقاتچىلار ئۇلارغا كىلاسسىك مۇزىكا، مىللىيچە مۇزىكا ۋە مودا مۇزىكا قاتارلىق ئوخشاش بولمىغان 15 مۇزىكىنى ئاڭلاتقان. نەتىجىدە بايقىلىشىچە، كىلاسسىك مۇزىكىدا ھامىلە ئىنكاسى ئەڭ كۆپ بولغان، مىللىيچە مۇزىكىدىكى ئىنكاسى مودا مۇزىكىغا قارىغاندا كۆپرەك بولغان. بۇنىڭ ئىچىدە، %91 ھامىلىنىڭ موزاتنىڭ «تارلىق چالغۇ بىلەن ئورۇندالغان مۇزىكا»سىغا بولغان ئىنكاسى ئەڭ چوڭ بولغان.

ماتېرىيال سۈرەت

    بۇنىڭغا قارىتا تەتقىقاتنىڭ مەسئۇلى مارىسسا لوپىز چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى: «بۇ گۈزەل مېلودىيەنىڭ ئۇزۇنغا سوزۇلغانلىقىدىن بولۇشى مۇمكىن، مۇزىكا قەدىمدىن تارتىپ كىشىلەر ئالاقىسىنىڭ بىر خىل شەكلى بولۇپ كەلگەن، ئېغىز تىلى تارقىلىشتىن بۇرۇن، كىشىلەر ئاۋۋال ئاۋاز ۋە قول ئىشارىسى ئارقىلىق ئالاقە قىلغان. ھامىلىلەردە مۇزىكا ئاڭلىغاندىن كېيىن ئىنكاس پەيدا بولۇشى ئاتا-ئانىسى بىلەن  پىكىر ئالماشتۇرۇش ئۈچۈن».

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • شىنجاڭ ساياھەتچىلىكى بارغانسېرى جانلاندى
  • شاللىق رەسىمى ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى
  • بۇغدا كۆلىدىكى تۇنجى قار
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى