تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

ئاققۇلار توقسۇن ناھىيەسىدە ماكانلاشتى ‏

ئاق ئۆستەڭدە بەخىرامان سۇ ئۈزۈۋاتقان ئاققۇلار

  شەھەر ئىستېمالى سەھەر گېزىتى خەۋىرى. 7-ئاينىڭ 2-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئون نەچچە ئاققۇ توقسۇن ناھىيەسىنى كېسىپ ئۆتىدىغان ئاق ئۆستەڭدە بەخىرامان سۇ ئۈزۈپ ئوينىدى، ئۆستەڭ بويىدا سەيلە قىلىۋاتقان كىشىلەر ئاققۇلارنى كۆرۈپ ھەيران بولۇشتى، چۈنكى ھەر يازدا ئۇلار ئۆستەڭدە ئۆردەك، قارنا، كۆك غاز قاتارلىق قۇشلارنى كۆرەتتى، بۇنچە كۆپ ئاققۇنى ئۇلارنىڭ بۇ يەردە تۇنجى قېتىم كۆرۈشى ئىدى.

  ئەمەلىيەتتە، 7-ئاينىڭ 1-كۈنىلا بەزىلەر ئاققۇنى بايقىغان. 7-ئاينىڭ 2-كۈنى توقسۇن ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى ئورمان ساقچىخانىسى غولبويى يېزىسى شور كەنتىدىكى بىر ئاھالىنىڭ تېلېفونىنى تاپشۇرۇۋالغان بولۇپ، ئۇ كىشى 7-ئاينىڭ 1-كۈنى كەچتە ئۆيىدىكى بېلىق كۆلچىكىدە قانىتى يارىلانغان بىر ئاققۇنى بايقىغان. ساقچىلار ئۇنىڭ ئۆيىگە بېرىپ ئاققۇنىڭ يارىسىنى داۋالاپ، ئۇنى توقسۇن ناھىيە بازىرىدىكى كۆلگە قويۇپ بەرگەن. ئويلىمىغان يەردىن 7-ئاينىڭ 2-كۈنى بىر ئاققۇ بىر توپ ئاققۇغا «ئايلانغان». بۇ ئاققۇلارنى ئۈركۈتۈۋەتمەسلىك ئۈچۈن، توقسۇن ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسى ئورمان ساقچىخانىسىدىكى ساقچىلار ھەر كۈنى دەريا بويىدا ياۋايى ھايۋانلارنى قوغداشقا ئائىت بەلگىلىمىلەرنى تەشۋىق قىلىپ، شەھەر ئاھالىلىرىنى بۇ قىممەتلىك ئاققۇلارنى قوغداشقا ئەسكەرتكەن. توقسۇن بازىرى بىڭخې مەھەللىسىدىكى شاھنازىيە خۇشال ھالدا: «بۇ يەردە شۇنچە ئۇزۇن ياشاپ، تۇنجى قېتىم بۇنداق كۆپ ئاققۇنى كۆرۈشۈم، مەن بۇ دەريانى بارغانسېرى ياخشى كۆرۈپ قېلىۋاتىمەن» دېدى.

  

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى