تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇشنى ھەرىكىتىمدە ئەمەلىيلەشتۈرىمەن

جىڭ ناھىيەسى داخىيەنزى بازارلىق ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى دىلخۇمار

   باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا مۇنداق كۆرسەتتى: ‹‹دۆلەت خەۋپسىزلىكى ــــ ئەلنى ئەمىن تاپقۇزۇش، دۆلەتنى مۇستەھكەملەشنىڭ ئۇل تېشى، دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغدىغانلىق ــــ پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەرمىللەت خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتىنى قوغدىغانلىق.›› بۇ سۆز قەلبىمدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدى. مېنىڭچە، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىنى قوغدىغانلىق  ــــ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتىنى قوغدىغانلىق.

   ئۇزاقتىن بۇيان، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› ‹‹مىللەت›› بايرىقىنى كۆتۈرۈۋېلىپ، ‹‹دىن›› تونىغا ئورىنىۋېلىپ، شىنجاڭنى ۋەتىنىمىز قوينىدىن ئايرىپ چىقىشقا ئۇرۇنۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقىغا ئېغىر تەسىر يەتكۈزدى، ھەرمىللەت ئاممىنىڭ ھاياتى ۋە مال – مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە ئېغىر زىيان سالدى، ئۇلار ھەرمىللەت خەلقنىڭ ئورتاق دۈشمىنى. بىز شىنجاڭنىڭ ھازىرقى ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىسىنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئىكەنلىكىنى تولۇق تونۇشىمىز كېرەك. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھەرمىللەت خەلقنىڭ ئورتاق ئارزۇسى، ھەرمىللەت خەلقنىڭ ئورتاق مەنپەئىتى، ھەرمىللەت خەلقنىڭ جان تومۇرى، تۈرلۈك ئىشلارنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى، ھەرمىللەت خەلقنىڭ ئورتاق مەسئۇلىيىتى. بىز ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە قەتئىي زەربە بېرىپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قەتئىي قوغدىشىمىز كېرەك.

   شىنجاڭدا تۇغۇلۇپ ئۆسكەن پارتىيەلىك ئاز سانلىق مىللەت كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسەتلىرىنىڭ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنى ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرگەنلىكىگە گۇۋاھچى بولدۇم، بىز بۇ بەختلىك تۇرمۇشنى قەدىرلىشىمىز كېرەك. مەن چوقۇم كۆزۈمنى يوغان ئېچىپ، ھەق – ناھەقنى ئېنىق ئايرىپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››نىڭ يامان غەرىزى ۋە رەزىل ئەپت – بەشىرىسىنى ئېنىق تونۇپ، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش مۇقەددەس بۇرچىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن زىممەمگە ئېلىپ، ۋەتەننى پارچىلايدىغان جىنايى قىلمىشلار ۋە جىنايەتچى ئۇنسۇرلارنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن پاش قىلىپ، ئاشكارىلاپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش ئىرادەمنى ھەرىكىتىمدە ئەمەلىيلەشتۈرىمەن.

   ئاساسىي قاتلام ئاياللار بىرلەشمىسى كادىرى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ئاياللارنىڭ غەمگۈزارى بولۇپ، يۈكسەك سىياسىي قىزغىنلىقىم ۋە تولۇپ تاشقان خىزمەت قىزغىنلىقىم بىلەن ئايال قېرىنداشلارنى جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش، ئورتاق كۈرەش قىلىشقا يېتەكلەپ، ئايال قېرىنداشلارنىڭ گۈزەل تۇرمۇش ئىستىكىنى يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىگە ئايلاندۇرۇپ، ئايال قېرىنداشلارنى يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىگە پائال ئاتلىنىپ، يېڭى دەۋرنىڭ گۇۋاھچىسى، ئاچقۇچىسى، قۇرغۇچىسى، يېزا – كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنىڭ كۈرەش قىلغۇچىسى بولۇشقا سەپەرۋەر قىلىمەن.

   مەن شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئۆزلەشتۈرۈپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكى ۋە ھەرمىللەت خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتىگە مۇناسىۋەتلىك چوڭ ھەق – چوڭ ناھەق مەسىلىلىرىدە باشتىن – ئاخىر تونۇشتا مۈجمەل بولماي، پوزىتسىيەدە تۇتۇق بولماي، ھەرىكەتتە تەۋرەنمەي، پارتىيەگە سادىق بولۇپ، مەيدانىمنى مۇستەھكەملەپ، سىياسىيدا سەزگۈر بولۇپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممەمگە ئېلىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تۈرلۈك مۇھىم ئورۇنلاشتۇرمىسىنى قەتئىي، ئاڭلىق، ياخشى ئىزچىللاشتۇرىمەن، ئەمەلىيلەشتۈرىمەن. ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە زەربىدار، ئۈلگە بولۇپ، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىمەن، ھەرگىز كۆرۈنۈشتە ئىتائەت قىلغان بولۇپ، ئاستىرتىن خىلاپلىق قىلىدىغان ئىشنى قىلمايمەن. دادىل كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ، باشلامچىلىق رولۇمنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ 1 – سېپىگە ئاتلىنىپ، تارىخ ۋە دەۋر يۈكلىگەن بۇرچ، مەسئۇلىيەتنى تېخىمۇ ئاڭلىق زىممەمگە ئېلىپ، ھەرمىللەت ئاياللارنى پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىپ، يېڭى دەۋردىكى گۈزەل ئاياللاردىن بولۇشقا ئىتتىپاقلاشتۇرىمەن ۋە يېتەكلەيمەن.
 

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى