تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق

پىيانىنو چېلىش بالىلارنىڭ تاۋۇش پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ

ماتېرىيال سۈرەت

    خەلق تورى خەۋىرى: جۇڭگو ۋە ئامېرىكا ئالىملىرى ھەمكارلىشىپ ئېلىپ بارغان بىر تۈرلۈك يېڭى تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، پىيانىنو چېلىش بالىلارنىڭ تاۋۇش پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش بىلەن تەڭ سۆزلەرنى ئايرىش ئىقتىدارىنىمۇ ئىلگىرى سۈرىدىكەن، ئەمما بالىلارنىڭ بىر پۈتۈن بىلىش ئىقتىدارىنى ياخشىلايدىغانلىقى توغرىسىدا ھازىرغىچە دەلىل-ئىسپات بايقالمىغان.

 بۇ تەتقىقات نەتىجىسى ئامېرىكىنىڭ «دۆلەت پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئىلمىي ژۇرنىلى» نىڭ يېڭى سانىدا ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ئامېرىكا ماسساچۇستىس تەبىئىي پەنلەر شۆيۈەنى مەگېۋىن مېڭە ئىلمىي تەتقىقات ئورنىنىڭ مۇدىرى روبېرت گېرسىمون بىلەن جۇڭگو بېيجىڭ داشۆشى  نېرۋا ئىلمىنى بىلىش ۋە دۆلەت نۇقتىلىق تەجرىبىخانىسىدىكى نەن يۈن قاتارلىق تەتقىقاتچىلار ئورتاق ھەمكارلىشىپ تاماملىغان.

ماتېرىيال سۈرەت

  تەتقىقاتچىلار بېيجىڭدا تۆت ياشتىن بەش ياشقىچە بولغان 74 بالىنى يىغىپ، ئۇلارنى ئۈچ گۇرۇپپىغا ئايرىغان، بىرىنچى گۇرۇپپىدىكىلەرگە ھەپتىدە ئۈچ قېتىم 45 مىنۇت پىيانىنو مەشىقى قىلدۇرغان، ئىككىنچى گۇرۇپپىغا ۋاقتى ۋە قېتىم سانى ئوخشاش بولغان ئوقۇپ چىقىش مەشىقى قىلدۇرغان، ئۈچىنچى گۇرۇپپىدىكىلەرگە ھېچقانداق مەشىق قىلدۇرمىغان. ئالتە ئايدىن كېيىن، بالىلارنىڭ سوزۇق تاۋۇش، ئۈزۈك تاۋۇش ۋە تون پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارىغا سىناق ئېلىپ بارغان.

ماتېرىيال سۈرەت

  نەتىجىدە كۆرسىتىلىشىچە، بىر ئۈزۈك تاۋۇشتىن تۈزۈلگەن ئوخشاش بولمىغان ئىككى سۆزنى پەرقلەندۈرۈشتە، پىيانىنو دەرسى ئاڭلىغان بالىلارنىڭ ئىپادىسى ئوقۇپ چىقىش دەرسى ئاڭلىغان بالىلاردىن ياخشى بولغان. سوزۇق تاۋۇش پەرقى بار ئىككى سۆزنى پەرقلەندۈرۈشتە پىيانىنو دەرسى ۋە ئوقۇپ چىقىش دەرسى ئاڭلىغان بالىلارنىڭ ئىپادىسى ھېچقانداق دەرس ئاڭلىمىغان بالىلاردىن ياخشى بولغان. بۇنىڭدىن سىرت، بۇ بالىلارنىڭ مېڭە پائالىيىتىنى ئېلېكتىرو ئېنسېفالوگرامما ئارقىلىق تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، پىيانىنو چېلىش گۇرۇپپىسىدىكى بالىلارنىڭ خەنزۇ تىلىدىكى ئوخشىمىغان تون بەلگىسىنى ئاڭلىغاندىكى ئىنكاسى باشقا ئىككى گۇرۇپپىدىكى بالىلارغا قارىغاندا تېخىمۇ كۈچلۈك بولغان.

ماتېرىيال سۈرەت

  تەتقىقاتچىلارنىڭ قارىشىچە، پىيانىنو مەشىق قىلغاندا بالىلار مۇزىكىدىكى تون پەرقىگە تېخىمۇ سەزگۈر بولۇپ، تاۋۇش پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارى تېخىمۇ يۇقىرى بولىدىكەن. ئەمما تەتقىقاتلاردا يەنە كۆرسىتىلىشىچە، ئەقىل بۆلۈنمىسى، دىققەت كۈچى ۋە ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتى قاتارلىق سىناقلاردا، ئۈچ گۇرۇپپىدىكى بالىلاردا ھېچقانداق پەرق مەۋجۇت بولمىغان، پىيانىنو چېلىش دەرسىنىڭ بالىلارنىڭ بىر پۈتۈن بىلىش ئىقتىدارىنى ياخشىلايدىغانلىقىمۇ دەلىللەنمىگەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى