تەڭرىتاغ تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈش

باش نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ قۇدرەتلىك كۈچىنى مۇجەسسەملەيمەن

ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ئورمانچىلىق ئىدارىسى پارتكومىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى، توقسۇ ناھىيەسى ئىچئېرىق بازىرى ئۇزۇنكوچا كەنتىدە تۇرۇشلۇق باش يېتەكچى، 1 ـ شۇجى، ‹‹ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش›› خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى تۇرغۇن سىيىت

   ھازىر شىنجاڭ تارىختىكى ئەڭ ياخشى تەرەققىيات مەزگىلىدە تۇرماقتا. تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان ئۆزگىرىشلەر بولۇپ، شىنجاڭدا خەلق تۇرمۇشى زور دەرىجىدە ياخشىلانغان، شەھەر –  يېزىلارنىڭ قىياپىتىدە زور ئۆزگىرىش بولغان، مىللەتلەر بۈيۈك ئىتتىپاقلاشقان يېپيېڭى كەيپىيات بارلىققا كەلمەكتە. لېكىن يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ›› زوراۋانلىق، تېررورلۇق دېلولىرىنى سادىر قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ھاياتى، مال – مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزۈپ، ئۆزلىرىنىڭ ئەڭ قەبىھ، غالجىرلاشقان، ئىنسان قېلىپىدىن چىققان رەزىل ئەپت – بەشىرىسىنى ۋە ئىنسانىيەتكە، جەمئىيەتكە، مەدەنىيلىككە قارشى ياۋۇز ماھىيىتىنى ئاشكارىلىدى. پارتىيە كۆپ يىل تەربىيەلەپ يېتىشتۈرگەن پارتىيەلىك كادىر، بولۇپمۇ دېھقانلارغا كۆڭلى ئەڭ يېقىن كەنتتە تۇرۇشلۇق كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ھەر مىللەت ئاممىنى كىمنىڭ دۈشمىنىمىز ئىكەنلىكىنى، كىمنىڭ بەختلىك تۇرمۇشىمىزغا بۇزغۇنچىلىق قىلىۋاتقانلىقىنى ئېنىق تونۇشقا يېتەكلەيمەن؛ ھەر مىللەت ئاممىغا نەپنىڭ قەيەردىن كېلىۋاتقانلىقىنى، كىمگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشىمىز كېرەكلىكىنى ئېنىق بىلدۈرۈپ، ئۇلارنى چىن قەلبىدىن پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتىگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشكە، باش نىشانغا يېتىشنىڭ قۇدرەتلىك كۈچىنى مۇجەسسەملەشكە يېتەكلەيمەن.

   سىياسىي مەيدانىمنى مۇستەھكەملەپ، پارتىيەگە مۇتلەق سادىق بولىمەن. ئىدىيە ۋە ھەرىكىتىمنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، كاللامنى ھەر ۋاقىت سەگەك تۇتۇپ، مەيدانىمنى مۇستەھكەملەپ، سىياسىيدا سەزگۈر بولۇپ، بايرىقىمنى روشەن، پوزىتسىيەمنى قەتئىي قىلىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا مۇتلەق سادىق بولىمەن، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنى ھەممىنى بېسىپ چۈشىدىغان قاتتىق ۋەزىپە قىلىپ، ئۇزاققىچە جەڭ قىلىش، دائىملاشقان مۇقىملىقنى قوغداش ئېڭىنى تىكلەيمەن. بىخۇدلۇق، بوشاڭلىق، قارىغۇلارچە ئۈمىدۋارلىق ئىدىيەسىنى قەتئىي تۈگىتىپ، پۇختا مۇداپىئە كۆرۈپ، دائىم تەييار تۇرۇپ، دۈشمەن كۈچلەرگە ھېچقانداق پۇرسەت بەرمەيمەن. مەن ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەردىن ئىبارەت خەلق ئالدىدىكى گۇناھكارلارغا، جەمئىيەتتىكى زەھەرلىك ئۆسمىگە قارشى ئاداققىچە كۈرەش قىلىپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش ئۈچۈن ھەتتا ھاياتىمنى قۇربان قىلىشتىنمۇ باش تارتمايمەن.

   تەشەببۇسكار، مەسئۇلىيەتچان بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاممىنى ئومۇميۈزلۈك سەپەرۋەر قىلىمەن. پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقىنى قوغداش مېنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتىم. ئەۋزەللىكىمنى جارى قىلدۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىغا پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتىنى كەڭ تەشۋىق قىلىپ، ئاممىنى پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشقا يېتەكلەيمەن. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۆز قارىچۇقۇمنى ئاسرىغاندەك ئاسراپ، ھاياتىمنى قەدىرلىگەندەك قەدىرلەيمەن، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسىنىڭ سىڭدۈرمىچىلىكىگە ئاڭلىق تاقابىل تۇرۇشىغا تەسىر كۆرسىتىپ ۋە يېتەكچىلىك قىلىپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇققا زەربە بېرىشكە، ئەسەبىيلىكنى توسۇشقا تەشەببۇسكارلىق بىلەن قاتنىشىپ، شىنجاڭنىڭ ئىتتىپاق، مۇقىم ئومۇمىيىتىنى قوغدايمەن.

   باشلامچىلىق بىلەن دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، باشلامچىلىق رولۇمنى جارى قىلدۇرىمەن. مەن باشتىن – ئاخىر پارتىيەگە سادىق بولۇپ، سىياسىيدا سەزگۈر بولۇپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممەمگە ئېلىپ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش قاتارلىق زور مەسىلىلەردە پارتىيەنىڭ سىياسىي ئىنتىزامى ۋە سىياسىي قائىدىسىگە قاتتىق رىئايە قىلىپ، تونۇشتا مۈجمەل بولماي، پوزىتسىيەدە تۇتۇق بولماي، ھەرىكەتتە تەۋرەنمەي، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە زەربىدار، ئۈلگە بولىمەن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش ‹‹بىرىكمە مۇشت›› تەدبىرىنى قەتئىي، ئاڭلىق، ياخشى، كەم – كوتسىز، ئەينەن ئىزچىللاشتۇرىمەن، ئەمەلىيلەشتۈرىمەن. كۈندىلىك خىزمەت ۋە تۇرمۇشتا مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممەمگە ئېلىپ، باشلامچىلىق بىلەن دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرىمەن، ئىغۋالارغا تەشەببۇسكارلىق بىلەن رەددىيە بېرىپ، ئاممىۋى خىزمەتنى ياخشى ئىشلەپ، ھەرمىللەت ئاممىنى كۆزىنى يوغان ئېچىشقا، ھەق – ناھەقنى ئېنىق ئايرىشقا پائال يېتەكلەيمەن.

   ۋەتەننىڭ مەنپەئىتىگە دەخلى – تەرۇز قىلىشقا بولمايدۇ، چېگرا رايوننىڭ مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىشقا بولمايدۇ! ئىجتىمائىي مۇقىملىق شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئارزۇسى، ئاممىنىڭ ئىستەك – ئارزۇسى دەل بىزنىڭ ھەرىكەت يۆنىلىشىمىز. بىز پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش تەشەببۇسكارلىق جېڭىنى ياخشى قىلىشىمىز كېرەك. شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمەنكى، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقى ۋە كۈچلۈك رەھبەرلىكى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ توغرا ئورۇنلاشتۇرمىسى، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ بىردەك ئىتتىپاقلىقى، خەلق دېموكراتىيە دىكتاتۇرىسىنىڭ قۇدرەتلىك پولات مۇشتى بولسىلا، بىز پولات مۇشتىمىز بىلەن ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە ئەجەللىك زەربە بېرىپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش كۈرىشىدە ئومۇميۈزلۈك غەلىبىنى قولغا كەلتۈرەلەيمىز.
 

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • شىنجاڭ ساياھەتچىلىكى بارغانسېرى جانلاندى
  • شاللىق رەسىمى ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى
  • بۇغدا كۆلىدىكى تۇنجى قار
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى