تەڭرىتاغ تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق

ياز پەسلىدە بۇ ئىشلارغا دىققەت قىلىڭ

  

 

ماتېرىيال سۈرەت

    تومۇز ئىسسىقتا ئادەم تەرلەپ-پىشىپ يۈرىدىغان بولغاچقا، ھاۋا تەڭشىگۈچ بار ئۆيدە سوغۇق ئىچىملىكلەرنى ئىچكەچ راھەتلىنىشنى ئويلايدۇ. ئەمما ياز پەسلىدە تۆۋەندىكى ئىشلاردىن ساقلىنىش كېرەك:

    بىرىنچى، خام ۋە سوغۇق يېمەكلىكلەرنى يېيىش. ياز پەسلىدە مۇزدەك تاۋۇز، مۇزدەك قېتىق، مۇزدەك پىۋا قاتارلىق سوغۇق يېمەكلىك ۋە ئىچىملىكلەرنى كىشىلەر كۈندىلىك تۇرمۇشىدا دائىم ئىستېمال قىلىدۇ. بۇ يېمەكلىكلەر ئاشقازانغا كىرگەندىن كېيىن، ئاشقازاندىكى تومۇرلارنى تارايتىپ، تېمپېراتۇرىسىنى تۆۋەنلىتىپ، باكتېرىيەلەرنىڭ كۆپىيىشى تېزلەشتۈرۈۋېتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن تەڭ، بۇ سوغۇق يېمەكلىكلەر ئاسان ھەزىم بولمايدىغانلىقى ئۈچۈن، ئاشقازاننىڭ يۈكىنى ئاشۇرۇۋېتىپ، تال ۋە ئاشقازاننىڭ ئىقتىدارىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ. ئەگەر ئادەم زىيادە سوغۇق يېمەكلىك ۋە ئىچىملىكلەرنى ئىچكەندە بەدەننىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ.

ماتېرىيال سۈرەت

    ئىككىنچى، سوغۇق سۇدا پۇت يۇيۇشتىن ساقلىنىش كېرەك. تاپاندا تەر بەزلىرى تەرەققىي قىلغان بولغاچقا، ياز پەسلىدە ئاسانلا تەرلەيدۇ، كىشىلەر يازدا باسنۇشكا كىيىدىغان بولغاچقا، پۇتىنىڭ ئېچىلىپ قالغان قىسمى ئاسانلا مەينەت بولۇپ كېتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۆيگە قايتىپلا سوغۇق سۇدا پۇتىنى يۇيىدۇ، بۇنىڭ بىلەن تەر بەزلىرى بىردىنلا ئېتىلىپ قالىدۇ. قان- تومۇر ۋە نېرۋىلار سوغۇق سۇ سەۋەبىدىن غىدىقلانغاندىن كېيىن، مۈچە ئۇچلىرىدىكى كىچىك قان تومۇرلىرى ئاسانلا تارىيىپ يېرىلىش، تارتىشىش ئەھۋالى كۆرۈلۈپ، بوغۇم ياللۇغى ۋە رېماتىزم كېسەللىكلىرىنى پەيدا قىلىدۇ. شۇڭا ئىلمان سۇدا پۇت يۇيۇشنى تەۋسىيە قىلىمىز. بولۇپمۇ، ئاياللار ھەيز مەزگىلىدە پۇتىنى سوغۇق سۇدا يۇيماسلىقى كېرەك، بولمىسا بالىياتقۇ ۋە داس بوشلۇقىدىكى قاننىڭ ئايلىنىشى قالايمىقانلىشىپ، ھەيز توختاش، ھەيز تەرتىپسىزلىنىش، ھەيز ئاغرىتىپ كېلىشتەك ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ.

ماتېرىيال سۈرەت

    ئۈچىنچى، كەچتە سىرتتا سالقىنداش ۋاقتىنىڭ بەك ئۇزۇن بولۇشىدىن ساقلىنىش . كەچتە سوغۇق يەردە ئۇزۇن تۇرۇۋەتكەندە بەدەندىكى ھارارەت تۆۋەنلەپ، ئەتىسىدىكى بەدەن ھارارىتىنىڭ ئۆرلىشىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ. بۇ ئۇزۇن مەزگىل نورمالسىزلاشسا، بەدەن سۈپىتى ناچارلىشىپ كېتىدۇ.

    تۆتىنچى، مۇنچىدىن چىقىپلا ھاۋا تەڭشىگۈچ بار ئۆيگە كىرىشتىن ساقلىنىش كېرەك. مۇنچىغا چۈشكەندىن كېيىن ھاۋا تەڭشىگۈچ بار ئۆيگە كىرگەندە شامال تېرە يۈزىدە قالغان سۇلارنى تېز سۈرئەتتە ھورغا ئايلاندۇرۇپ، بەدەندىكى ئىسسىقلىقنى ئېلىپ كېتىدۇ. ئادەم چىلىق-چىلىق تەرگە چۆمۈلۈپ كەتكەندە، ياكى ئىسسىق سۇدا يۇيۇنغاندىن كېيىن تېرە تۆشۈكچىلىرى ئېچىلىدۇ، كېسەللىكلەر بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ بەدەنگە كىرىۋالىدۇ. بوغۇم ياللۇغى، مۈرە ئاغرىقى ۋە بەل ئاغرىقى بىمارلىرى مۇنچىغا چۈشۈپ بولۇپ ھاۋا تەڭشىگۈچ ئالدىدا تۇرسا، كونا كېسەللىرى قوزغىلىشى ياكى تېخىمۇ ئېغىرلىشىپ كېتىشى مۇمكىن.

ماتېرىيال سۈرەت

  بەشىنچى، ئۇخلىغاندا شامالدۇرغۇچنى باشقا توغرىلاشتىن ساقلىنىش كېرەك. شامالدۇرغۇچنى باش قىسىمىغا توغرىلىغاندا باش تېرىسىنىڭ تېمپېراتۇرىسى تۆۋەنلەپ، مېڭىدىكى قان مىقدارى ئازلاپ كېتىدۇ. يۈرەك قان-تومۇر كېسىلى بار ياشانغانلاردا ئېغىرراق بولغاندا مېڭە سەكتىسىنى پەيدا قىلىدۇ. بەزىلەر ياز پەسلىدە بىر كېچە ئۇخلاپ قوپۇپلا ئەتىگەندە قوپقاندا ئاغزى قىڭغىر بولۇپ قالىدۇ. بۇ شامالدۇرغۇچنىڭ بىر تەرەپكە توغرىلىنىپ قىلىپ، يۈز قىسىمىغا سوغۇق تىگىپ پالەچ بولۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • بارلۇق تېغىنىڭ يازدىكى سۈرەتتەك گۈزەل مەنزىرىسى
  • سايرام كۆلىنىڭ قۇياش كۆتۈرۈلگەندىكى گۈزەل مەنزىرىسى
  • قوبۇقسار ناھىيەسىنىڭ يازدىكى مەنزىرىسى كىشى قەلبىنى رام قىلىدۇ
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى