تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ئائىلە

ئائىلە كرىزىسىنى قانداق ھەل قىلىسىز؟

    ئەر-ئاياللارنىڭ ئەڭ كۆپ سادىر قىلىدىغان خاتالىقى ـــ كىمنىڭ توغرا، كىمنىڭ خاتا ئىكەنلىكىگە زىيادە ئېسىلىۋېلىش، ھەتتا ئۆزىنىڭ دېگىنىدە جاھىللىق بىلەن چىڭ تۇرۇۋېلىشتۇر. ئەمەلىيەتتە كىمنىڭ توغرا-كىمنىڭ خاتالىقىنى دەتالاش قىلىشنىڭ ئورنىغا ئائىلە ئىناقلىقىغا خەۋپ يەتكۈزىدىغان تۆۋەندىكى ئىشلارغا دىققەت قىلىشىڭىز بەكرەك ئەھمىيەتلىك بولۇشى مۇمكىن.
    1. باشقىلارنىڭ ئائىلە كرىزىسىنى ھەل قىلىش ئۇسۇلىنى دورىماڭ.
    ئائىلە كرىزىسىغا دۇچ كېلىۋاتقان دوستلار ھەل قىلىش چارىسىنى تاللىغاندا باشقىلارنىڭ ئۇسۇلىنى ئۆز ئەينەن دورىماسلىقى كېرەك. چۈنكى ئائىلىلەردىكى زىددىيەت ئوخشاش بولمايدۇ، ھەممە ئادەمنىڭ ئائىلىسىدىكى زىددىيەتنى ھەل قىلالىغان ئۇسۇل يالغۇز سىزنىڭكىگىلا ماس كەلمەي قېلىشى مۇمكىن.
    2. ئاجرىشىشنىڭ بالىلارغا ئېلىپ كېلىدىغان زىيىنى سىز ئويلىغاندىن نەچچە ھەسسە ئېغىر.
    پسىخىكىشۇناسلار بالىسى بار ئەر-ئاياللارنىڭ ئىمكان بار ئاجراشماسلىقىنى مۇراجىئەت قىلىدۇ. ئاجراشقاندىن كېيىن ئەر-ئاياللار يەنە قايتا توي قىلسا، بالىلارنىڭ ئىككى ئاپا، ئىككى دادىغا يۈزلىنىشى، تۆتەيلەن ئوتتۇرىسىدا تەڭپۇڭلۇق ئىزدىشىگە توغرا كېلىدۇ. بۇ ئۇلارنىڭ يېشىغا نىسبەتەن ئېيتىپ تۈگەتكۈسىز قىيىنچىلىق ئېلىپ كېلىدۇ.
    3. ئاكتىپ توقۇنۇشۇپ تۇرۇش كېرەك.
    ئەر-ئاياللار ئاكتىپ توقۇنۇشۇپ تۇرۇشى كېرەك. بۇ بەلكىم ئائىلە كرىزىسى ۋە ئائىلە زىددىيىتىنى ھەل قىلىشنىڭ ياخشى ئۇسۇلى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. ئاكتىپ توقۇنۇشنىڭ ئەڭ ئاخىرقى نەتىجىسى ئىككى تەرەپكە ئېغىر ئازاپ-ئوقۇبەت ئېلىپ كەلمەيدىغان پىكىر ئالماشتۇرۇش ئۇسۇلى بولۇپ، توقۇنۇشتىن كېيىن نۇرغۇن مەسىلە ھەل بولىدۇ، بۇ يەنە ئىككى تەرەپنىڭ چۈشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشىغا پايدىلىق.
    4. دوستلارنى ئارىلاشتۇرۇش زىددىيەتنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ.
    بەزى ئاياللار ئائىلە كرىزىسىغا دۇچ كەلسە، ھەمىشە ئۇرۇق-تۇغقان، دوست-بۇرادەرلىرىگە ئېيتىپ ئىچ پۇشۇقىنى چىقىرىدۇ، ئەمما بۇنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ ئەكسىچە ئۈنۈم بېرىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ. كىممۇ يېقىن دوستىغا يان باسمايمەن دېيەلەيدۇ؟ شۇنىڭ بىلەن «ئوت ئۈستىگە ياغ چېچىلىپ» زىددىيەت ئېغىرلىشىپ كېتىدۇ.
    5. قىسقا مەزگىللىك كونكرېت نىشان بېكىتىڭ.
    «قېلىن مۇز بىر كۈندىلا قاتمايدۇ»، ئائىلە كرىزىسىمۇ ھەم شۇنداق. شۇڭا كىچىك ئىشلارنىڭ ئائىلىڭىزگە كۆرسىتىدىغان تەسىرىگە سەل قارىماڭ شۇنداقلا گۈزەل ۋە مەۋھۇم نىشان بېكىتىۋالماڭ. ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدىغان قىسقا مۇددەتلىك نىشانىڭىز سىزگە پات-پات مۇۋەپپەقىيەت تۇيغۇسى ئاتا قىلىدۇ.
    6. «سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى» نىڭ زىيىنىغا سەل قارىماڭ.
    بەزى ئەر-ئاياللار گەپ قىلىشماسلىق ياكى ئايرىلىپ تۇرۇش ئارقىلىق زىددىيەتنى پەسەيتمەكچى بولىدىيۇ، بۇنداق پاسسىپ ئۇسۇلنىڭ مەسىلىنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرىۋېتىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇنىڭ زىيىنى گەپ تاكاللىشىپ ئۇرۇشقاندىكىدىنمۇ ئېغىر.
    7.  ئۆزىڭىزنى ھەمىشە ئۇۋالچىلىققا ئۇچرىغۇچى، دەپ ھېسابلىماڭ.
    بىز دائىم دېگۈدەك «مېنىڭ ئاجراشقۇم يوق، ئەمما قانداق قىلسام ئۇنى ئۆزگەرتەلەيمەن؟» دېگەندەك گەپ-سۆزلەرنى ئاڭلاپ قالىمىز. بۇنداق كىشىلەر ھەمىشە باشقىلارنى ئۆزگەرتىشنى ئويلايدۇ. ئەمما كۆپ چاغلاردا ئۆزىنى ئاكتىپلىق بىلەن ئۆزگەرتكەندىلا ئائىلە تەقدىرىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن تۇتۇپ تۇرغىلى بولىدۇ. بەزىدە ئاز-تولا ئۇۋالچىلىققا ئۇچراشنىڭمۇ ئۆزگىچە قىممىتى بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى