تەڭرىتاغ تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   خەلقئارا

ئۇكرائىنا ئىقتىساد ساھەسى تېخىمۇ كۆپ جۇڭگو مەبلىغىنى جەلپ قىلىشنى ئۈمىد قىلىدۇ

   خەلق تورى خەۋىرى: ئۇكرائىنا دۆلەت يېڭىلىق يارىتىش پۇل مۇئامىلە تەتقىقات يۇرتى بىلەن ئۇكرائىنا يىپەك يولى جەمئىيىتى 7-ئاينىڭ 3-كۈنى بىرلىكتە بىر كۈنلۈك ئۇكرائىنا-جۇڭگو دۆلەت ئىلكىدىكى ۋە خۇسۇسىي كارخانىلىرىنىڭ مەبلەغ سېلىش ھەمراھلىق مۇنبىرىنى ئۇيۇشتۇردى. مۇنبەرگە قاتناشقان ئۇكرائىنا ئىقتىسادىي ساھەسىدىكى مۇتەخەسسىسلەر  تېخىمۇ كۆپ جۇڭگو مەبلىغىنى جەلپ قىلىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

   ئۇكرائىنا-جۇڭگو ئىككى دۆلەت كارخانىچىلىرى ۋە ئىقتىسادىشۇناسلار بولۇپ تەخمىنەن 50 چە ئادەم مۇنبەرگە قاتناشتى. ئۇكرائىنا دۆلەت يېڭىلىق يارىتىش پۇل مۇئامىلە تەتقىقات يۇرتىنىڭ باشلىقى ستاف نېك مۇنداق دېدى: ئۇكرائىنا ھۆكۈمىتى جۇڭگونىڭ تەرەققىي قىلغان ھەر قايسى ساھەلىرىدىكى ئىقتىسادىي سودا ھەمكارلىقىغا ئاكتىپ پوزىتسىيە تۇتىدۇ، ئۇكرائىنا تەرەپ تېخىمۇ كۆپ جۇڭگو مەبلىغىنى جەلپ قىلىشنى ئۈمىد قىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ياخشى مەبلەغ سېلىش شارائىتى بىلەن تەمىنلەشكە تىرىشىدۇ.

   ستاف نېك مۇنداق دېدى: ھازىر جىددىي مەبلەغ سېلىشقا ئېھتىياجلىق ساھە ئېنېرگىيە ئېچىش، تاشيول ۋە پورت قاتارلىق ئاساسىي ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشى ھەمدە تۇرالغۇ ئۆي، ئىشخانا بىناسى قۇرۇلۇشى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، «بىزنىڭ قارىشىمىزچە، جۇڭگو بىلەن بولغان ھەمكارلىقتا چەكسىز مۇمكىنچىلىك بار». 

   ئۇكرائىنا يىپەك يولى جەمئىيىتى تۈر ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى كۇكسا مۇنداق دېدى: ئۇكرائىنا تەرەپنىڭ جۇڭگو كارخانا ساھەسى بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشى ئۇكرائىنانىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپلا قالماستىن، جۇڭگو-ئۇكرائىنا ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ مەزمۇنىنى بېيىتىدۇ. ئۇ مۇنداق دېدى: بۇ مۇنبەر ئارقىلىق، بىز جۇڭگو كارخانىچىلىرىغا كونكرېت مەبلەغ سېلىش تۈرلىرىنى، ھەمدە ئۇكرائىنا تەرەپنىڭ مەبلەغ سېلىش جەھەتتە قوللايدىغان ۋە قوغدايدىغان قانۇن بەلگىلىمىلىرىنى تونۇشتۇرىمىز.
 

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • بارلۇق تېغىنىڭ يازدىكى سۈرەتتەك گۈزەل مەنزىرىسى
  • سايرام كۆلىنىڭ قۇياش كۆتۈرۈلگەندىكى گۈزەل مەنزىرىسى
  • قوبۇقسار ناھىيەسىنىڭ يازدىكى مەنزىرىسى كىشى قەلبىنى رام قىلىدۇ
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى