تەرەت تۇڭىدىكى سۇنى ماڭدۇرغاندا تەرەت تۇڭى قاپقىقىنى يېپىۋېتىش كېرەكمۇ؟ بۇ مەسىلە بەلكىم نۇرغۇن كىشىلەرنى گاڭگىرىتىپ قويۇشى مۇمكىن.
بەزى كىشىلەر تەرەت تۇڭىنىڭ قاپقىقىنى يېپىۋەتمەي سۇ ماڭدۇرغاندا باكتېرىيەلەر ئۈستىگە ئۆرلەپ چىش چوتكىسى، لۆڭگە قاتارلىق تۇرمۇش بۇيۇملىرى ئىككىلەمچى بۇلغىنىدۇ، دەپ قارايدۇ.
يەنە بەزى كىشىلەر بولسا، تەرەت تۇڭىنىڭ سۈيىنى ماڭدۇرغاندا قاپقىقىنى يېپىۋەتمىسەكمۇ بولىدۇ. چۈنكى تەرەت تۇڭىغا سىفون پىرىنسىپى قوللىنىلغان بولغاچقا، مەينەت نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى سۈمۈرۈپ ئېلىپ كېتىدۇ، ئىككىلەمچى بۇلغىنىش پەيدا بولمايدۇ، دەپ قارايدۇ.
بۇ سۇئالنىڭ توغرا جاۋابىنى تۆۋەندىكى تەجرىبىدىن بىلىۋالالايلى.
تەرەت تۇڭىغا قۇرۇق مۇز تۆكۈش تەجرىبىسى
ئالدى بىلەن تەرەت تۇڭىدىكى باكتېرىيەلەرگە تەقلىد قىلىش ئۈچۈن قۇرۇق مۇزنى تەرەت تۇڭىغا تۆكىمىز. چۈنكى قۇرۇق مۇزدىن چىققان گازنىڭ زىچلىقى ھاۋادىن چوڭ بولغاچقا، قۇرۇق مۇزدىن چىققان تۇمان تەرەت تۇڭىنىڭ ئاستىغا چۆكىدۇ.
تەرەت تۇڭىنىڭ سۈيىنى ماڭدۇرغاندا، تەرەت تۇڭىدىكى قۇرۇق مۇزدىن چىققان تۇمان دەرھال يۇقىرىغا ئۆرلەيدۇ.
مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۆرسىتىشىچە، تۇماننىڭ ئەتراپقا تارقىلىش دەرىجىسى ئاساسلىقى ھاۋا ئېقىمىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدىغان بولۇپ، سۇ ئېقىش جەريانىدا ھاۋا ئېقىمى پەيدا بولىدۇ، سۇنىڭ بېسىمى قانچە كۈچلۈك بولسا، ھاۋا ئېقىمىمۇ شۇنچە چوڭىيىدۇ ۋە يۇقىرىغا ئۆرلەيدۇ.