تەڭرىتاغ تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ساياھەت

ئېگىز تاغ ئۈستىگە «يوشۇرۇنغان» كۆل

    جۇڭگو ئاخبارات تورى خەۋىرى: ئالتاينىڭ قابا ناھىيەسىدىكى ئېگىز تاغ ئۈستىگە بىر كۆل «يوشۇرۇنغان» بولۇپ، قارلىق تاغ سۈپسۈزۈك كۆل سۈيىدە ئەكىس ئېتىپ، ئاجايىپ گۈزەل مەنزىرە ھاسىل قىلىدۇ. بۇ كۆل دېڭىز يۈزىدىن 3200 مېتىر ئېگىزلىكتىكى تاغ ئۈستىدە بولۇپ، تومۇز ياز پەسلىدە، ئاپئاق بولۇتلار كۆپكۆك ئاسماندا لەرزان ئۈزۈپ يۈرسە، قاشتېشىدەك ئاپئاق قارلار تاغ چوققىسىدا جىمىرلاپ، بۇ يەرنىڭ گۈزەللىكىگە ھۆسىن قوشۇپ تۇرىدۇ. كۆلگە تېخىمۇ يېقىنلاشقىنىڭىزدا سالقىن شامال يۈزىڭىزگە ئۇرۇلۇپ، سىزگە ھۇزۇر بېرىدۇ. بۇ ھەقىقەتەن تومۇز ئىسسىقتىن دالدىلىنىدىغان ياخشى جاي ھېسابلىنىدۇ. (ليۇ شىخې فوتوسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازار پىيادىلەر كوچىسىدا قىشلىق تىجارەت باشلاندى
  • كورلا شەھىرىدە كىشىلەر سۈرەتتەك گۈزەل مەنزىرىدىن ھوزۇرلاندى
  • كۈنەس ناھىيەسىنىڭ نارات قار-مۇز ساياھەت-مەدەنىيەت بايرىمى 11-ئاينىڭ ‏‏17-كۈنى باشلىنىدۇ
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى