تەڭرىتاغ تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئىقتىساد خەۋەرلىرى

تۇنجى تۈركۈمدىكى ئۆزبېكىستان گىلاسلىرى شىنجاڭ بازىرىغا كىردى

  شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى: مۇخبىرنىڭ 7-ئاينىڭ 2-كۈنى ئۈرۈمچى تاموژنىسىدىن ئىگىلىشىچە، يېقىندا بىر توننا ئېغىرلىقتىكى ئۆزبېكىستان گىلاسلىرى ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايرودۇرۇم چېگرا ئېغىزىدا چېگرىدىن كىرگەن. بۇ ئۆزبېكىستاندىن شىنجاڭغا ئىمپورت قىلىنغان تۇنجى تۈركۈمدىكى گىلاسلار بولۇپ، ئىلگىرى گىلاسلار ئاساسلىقى تاجىكىستان ۋە قىرغىزىستاندىن ئىمپورت قىلىنىدىكەن.

  ئىگىلىنىشىچە، ئۆزبېكىستان دۇنيا بويىچە گىلاس ئىشلەپچىقىرىدىغان بەش چوڭ دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئۆزبېكىستاننىڭ تەبىئىي كىلىمات شارائىتى ياخشى بولغاچقا، گىلاسلار تاتلىق پىشىدىكەن. بازاردىكى باشقا دۆلەتلەردىن ئىمپورت قىلىنغان گىلاسلار بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئۆزبېكىستاندىن شىنجاڭ بازىرىغا كىرگۈزۈلگەن گىلاسلارنىڭ باھاسىمۇ بىر قەدەر مۇۋاپىق بولۇپ، ھەر كىلوگىرامى 100 يۈەندىن 110 يۈەنگىچە ئىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • شىنجاڭ ساياھەتچىلىكى بارغانسېرى جانلاندى
  • شاللىق رەسىمى ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى
  • بۇغدا كۆلىدىكى تۇنجى قار
ئالاقىلىشىڭ ئەسەر ئەۋەتىڭ خەت قالدۇرۇڭ تورىمىز ئىختىيارى مۇخبىرلار خەت ساندۇقى