تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   خەلقئارا

كېلىنچەكلەر دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى

  جۇڭگو ئاخبارات تورى، 7-ئاينىڭ 3-كۈنى تېلېگراممىسى: چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، شۇ جاي ۋاقتى 6-ئاينىڭ 30-كۈنى نەپىس توي كۆينەكلىرىنى كىيگەن رۇسىيەلىك قىزلار رۇسىيە دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنى باش بولۇپ ئۇيۇشتۇرغان شەھەر قازاندا پۇخادىن چىققۇچە بىر مەيدان دوستلۇق پۇتبول مۇسابىقىسى ئويناپ، بۇ تەنھەرىكەتكە بولغان قىزغىنلىقىنى بىلدۈرگەن.

  شۇ كۈنى «كېلىنچەكلەر» ئۈستىگە توي كۆينىكى، پۇتىغا تەنھەرىكەت ئايىغى كىيىپ، پۇتبول مەيدانىغا كېلىپ، بەش گۇرۇپپىغا بۆلۈنۈپ مۇسابىقىلەشكەن.

  مۇسابىقىگە قاتناشقان گۈناز سالىبوۋ: «ناھايىتى چىرايلىق ياساندۇق، ئەمما بىئارام بولدۇق» دېگەن. ئىگىلىنىشىچە، ئىلگىرى ئۇ ئەزەلدىن توپ تېپىپ باقمىغان ئىكەن، ئەمما بۇ قېتىملىق مۇسابىقىسىدە ئۇ تەۋە كوماندا مۇسابىقىدە يېڭىۋالغان.

  بىر كوماندىنىڭ ۋاراتارسى ماريانا رازنوگرىسكايس: «بۇ پەقەت ئەرلەرگە خاس تەنھەرىكەت ئەمەس، ئەڭ مۇھىمى دوستلۇق ۋە ئىتتىپاقلىق» دېگەن.

  خەۋەر قىلىنىشىچە، مۇسابىقىدە ئەڭ ئاخىرىدا يېڭىپ چىققان كوماندا «دۇنيا لوڭقىسى» مۇكاپاتىغا ئېرىشىدىكەن، ئەلۋەتتە بۇ مۇكاپات لوڭقىسى گۈل دەستىدە ياسالغان ئىكەن.

  2018-يىلى رۇسىيە تارىختىن بۇيان تۇنجى قېتىم دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنى باش بولۇپ ئۇيۇشتۇردى. پۇتبول مۇسابىقىسى 6-ئاينىڭ 14-كۈنىدىن 7-ئاينىڭ 15-كۈنىگىچە رۇسىيەنىڭ 11 شەھىرىدىكى 12 تەنھەرىكەت مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى