تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

يېڭى دەۋردىكى ئېغىر ۋەزىپىنى زىممەمگە ئېلىپ، باش نىشان ئۇلىنى پۇختىلايمەن

ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى زۇرە قاسىن

   سىياسىي ئاڭنى كۈچەيتىپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قەتئىي زەربە بېرىش ۋە ئۇلارنى تازىلاش كېرەك. سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىش پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ ئەڭ ئاساسىي، شۇنداقلا ئەڭ ئاچقۇچلۇق ساپاسى. بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقىنى باشتىن – ئاخىر ئەستە چىڭ ساقلاپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاشتىكى ئىدىيە ئاڭلىقلىقىمىز ۋە ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىمىزنى باشتىن – ئاخىر كۈچەيتىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈشىمىز كېرەك. شىنجاڭ تارىخى، مىللەتلەرنىڭ تەرەققىيات تارىخى، دىنلارنىڭ ئۆزگىرىش تارىخى، مەدەنىيەتنىڭ يۇغۇرۇلۇش تارىخىنى ئۆگىنىشنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، شىنجاڭنىڭ ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى، كۆپ مىللەت بۈيۈك بىرلىكى ئەندىزىسى دۆلىتىمىزدە چىن، خەن سۇلالىسىدىن تارتىپ ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللەنگەن تارىخىي ئەنئەنە ۋە ئۆزگىچە ئەۋزەللىك ئىكەنلىكىنى تولۇق تونۇشىمىز كېرەك؛ شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ جۇڭخۇا مىللىتى ئائىلىسىنىڭ قان قېرىنداش ئەزالىرى ئىكەنلىكىنى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق مەنپەئىتى ئىكەنلىكىنى تولۇق تونۇشىمىز كېرەك؛ شىنجاڭنىڭ كۆپ خىل دىن تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان رايون ئىكەنلىكى، دىنلار مۇناسىۋىتىنىڭ ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈشتىكى تارىخىي تەجرىبە ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت بۇ پاكىتلارنى تولۇق تونۇپ، ‹‹بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش››نى كۈچەيتىشىمىز كېرەك. ئىدىيەۋى تونۇشنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئىتتىپاقلىق كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، دۈشمەنگە قارشى كۈرەش قىلىشتىكى قەتئىيلىك، ئاڭلىقلىق، تەشەببۇسكارلىقنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، بارلىق بۆلگۈنچىلىك سەپسەتىسى، بۇزغۇنچىلىققا كۈشكۈرتىدىغان گەپ – سۆزلەر، خاتا ئىدىيەلەرگە قەتئىي رەددىيە بېرىشىمىز كېرەك. ھەربىر كادىر، ئامما بۆلگۈنچىلىككە قارشى كۈرەشتە پوزىتسىيەمىزنى ئېنىق ئىپادىلەپ، مەيدانىمىزنى ئېنىق بىلدۈرۈپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنى دادىل پاش قىلىپ، تەنقىد قىلىپ، ئۇلارغا يوشۇرۇنغىدەك جاي قالدۇرماسلىقىمىز كېرەك.

   بازا ئېڭىنى كۈچەيتىپ، قەيسەر ئىرادە بىلەن ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە زەربە بېرىش ۋە ئۇلارنى تازىلاش كېرەك. ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى كۈرەش بىر مەيدان ھايات – ماماتلىق كەسكىن كۈرەش. ھەربىر پارتىيەلىك كادىر چوقۇم جەڭچى بولۇپ، قەيسەرانە كۈرەش ئىرادىمىز بىلەن بۇ كۈرەشتە غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈشىمىز كېرەك. مەن پارتىيەنىڭ ئىللىق نۇرىدا چوڭ بولدۇم، پارتىيە تەشكىلىنىڭ كۆپ يىل تەربىيەلىشى، يېتىشتۈرۈشى، غەمخورلۇقىدا پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىر بولۇپ يېتىشىپ چىقتىم، بارلىقىمنى پارتىيە بەرگەن، پارتىيەنىڭ تەربىيەلىشى، تەشكىلنىڭ غەمخورلۇقى بولمىسا، مېنىڭ ۋە ئائىلەمدىكىلەرنىڭ گۈزەل، بەختىيار بۈگۈنى بولمىغان بولاتتى. مەن ھەر دائىم پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش ھېسسىياتىم بىلەن، دادىل ئالدىنقى سەپتە تۇرۇپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن مەسئۇلىيەتنى زىممەمگە ئېلىپ، ئەڭ ئاۋۋال ئاتاكىغا ئۆتۈپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى باتۇرانە كۈرەش قىلىمەن. ئەۋزەللىكىمنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىش ئورنۇمنى بازا قىلىپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى ئۇلۇغ ۋەتەننى قىزغىن سۆيۈش، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى قىزغىن سۆيۈش، جەڭگىۋار ئىرادىنى ھەقىقىي كۈچەيتىش، جىگەرلىك بولۇش، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىش، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ پولات سېپىلىنى مۇستەھكەملەشكە تەربىيەلەيمەن، يېتەكلەيمەن.

   مەسئۇلىيەت ئېڭىنى كۈچەيتىپ، ئەمەلىي ھەرىكەت ئارقىلىق ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە زەربە بېرىش ۋە ئۇلارنى تازىلاش كېرەك. ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەر يوقىتىلمىسا، شىنجاڭدا ئەمىنلىك بولمايدۇ. بىز ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە زەربە بېرىش ۋە ئۇلارنى يوقىتىشنى ئەڭ مۇھىم، ئەڭ جىددىي ۋەزىپە، دەپ بىلىشىمىز كېرەك، پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلار تېخىمۇ باشلامچى، ئۈلگىلەردىن بولۇشى كېرەك. مەن چوقۇم ھەر ۋاقىت كاللامنى سەگەك تۇتۇپ، باشتىن – ئاخىر بايرىقىم روشەن، مەيدانىم مۇستەھكەم، پوزىتسىيەم كەسكىن، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان بولۇپ، ‹‹كىرىچى تارتىلغان ئوق››تەك تەخىرسىزلىك تۇيغۇسى ۋە ‹‹مەن قىلمىسام كىم قىلىدۇ›› دەيدىغان بۇرچ تۇيغۇسى بىلەن، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىمەن. مەۋقەنى ئۆز خىزمىتىمگە قويۇپ، سىياسىي تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ئادەتتىكى تەكشۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىپ، ئۇزاققىچە تەكشۈرۈشنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قۇلىقى ئىتتىك، كۆزى ئۆتكۈر، ھۆكۈمى توغرا بولۇپ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى جەريانىدا توغرا ئادەم ئىشلىتىش يۆنىلىشىنى كۈچەيتىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق يېڭى دەۋردىكى ئېغىر ۋەزىپىنى زىممەمگە ئېلىپ، باش نىشان ئۇلىنى ھەرقانداق ۋاقىت، ھەرقانداق جايدا پۇختىلاپ، شىنجاڭنىڭ ئىتتىپاق، مۇقىم بولغان چوڭ ياخشى ۋەزىيىتىنى ھەقىقىي قوغدايمەن. 

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى