تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   گۈزەل يۇرت -ماكانىمىزنى ياخشى قوغدايلى

‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە جەڭ ئېلان قىلىمەن، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرىمەن

بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتكوم پارتىيە مەكتىپىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى زوھرۇللا

   مەن زىيالىي ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، ئاتا – ئانام ئىزچىل ماڭا ‹‹كوممۇنىستىك پارتىيە بولمىغان بولسا، بەختلىك تۇرمۇشىمىز بولمىغان بولاتتى›› دەپ تەلىم بېرىپ كەلگەن. ۋەتەننى سۆيۈش، پارتىيەنىڭ شەپقىتىگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىش ئائىلىمىزدىكى ھەربىر ئەزانىڭ ئورتاق يۈرەك ساداسى.

   پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، باشتىن – ئاخىر شۇنى ئېنىق تونۇپ يەتتىمكى، شىنجاڭنىڭ مائارىپ سىستېمىسى بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش، سىڭدۈرمىچىلىككە قارشى تۇرۇشنىڭ ئالدىنقى سەپ بازىسى بولۇپ كەلدى، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنىڭ بىزدىن ئىدېئولوگىيە بازىسىنى تالىشىش، ئەلرايىنى تالىشىش جېڭى ئەزەلدىن توختاپ قالمىدى. ئۇلار دىنىي ئەسەبىيلىك ئىدىيەسى ۋە مىللىي بۆلگۈنچىلىك ئىدىيەسىنى تەرغىب قىلىپ، تارقىتىپ، مائارىپ سىستېمىسىنىڭ ئىدېئولوگىيە خىزمىتى مۇداپىئە سېپىنى بۇزۇشقا ئۇرۇندى. بۇ بىزدىن تارىخ بىزگە يۈكلىگەن مۇقەددەس بۇرچنى ھەقىقىي زىممىمىزگە ئېلىپ، ئالاھىدە رولىمىزنى جارى قىلدۇرۇپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىمىزگە ئېلىشقا جۈرئەت قىلىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن نەتىجە يارىتىپ، ئىدېئولوگىيە بازىسىنى قەتئىي ياخشى قوغداشنى تەلەپ قىلىدۇ.

   مائارىپ سىستېمىسىدىكى پارتىيەلىك كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، ھەم پارتىيەنىڭ مائارىپ ئارقىلىق ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتىنى تەشۋىق قىلغۇچى، ھەم سىياسەتنى ئىجرا قىلغۇچى بولىمەن. ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدىكى مەسئۇلىيەت، بۇرچنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن زىممەمگە ئېلىپ، تۈرلۈك خاتا ئىدىيەلەر ئالدىدا قايمۇقۇپ قالمايمەن، تار مىللەتچىلىك ئېڭىنىڭ ئېزىقتۇرۇشىغا ئۇچرىمايمەن، ‹‹دارىتمىلاپ قىلىنغان›› گەپ – سۆزلەرگە يوشۇرۇنغان بۆلگۈنچىلىك ئىدىيەسىنى پەرقلەندۈرۈشكە، ئالدىدا بىر خىل، كەينىدە بىر خىل مۇئامىلە قىلىدىغان، كۆرۈنۈشتە ئەمەل قىلغاندەك بولۇپ، ئاستىرتىن خىلاپلىق قىلىدىغان ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرنى پەرق ئېتىشكە ماھىر بولىمەن، ياخشىچاق بولۇش ئىدىيەسىنى قەتئىي چۆرۈپ تاشلايمەن ۋە كۆرمەسكە سېلىۋېلىشتەك پاسسىپ ئىستىلنى قەتئىي تۈگىتىمەن. خاتا ئىدىيە، قاراشلارغا دادىل رەددىيە بېرىپ، ھەققانىيەت ساداسى، بىردەك ھەرىكىتىم بىلەن بارلىق بۆلگۈنچىلىك ئىدىيەسى ۋە بۆلگۈنچىلىك سۆز – ھەرىكەتلىرىگە قەتئىي جەڭ ئېلان قىلىپ، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىپ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە زەربىدارلاردىن بولىمەن. ئەتراپىمدىكى كىشىلەر ۋە ئوقۇتقۇچى، ئىشچى – خىزمەتچىلەرنى پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىش، بىردەك ئىتتىپاقلىشىپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››نىڭ ئىنسانىيەتكە، جەمئىيەتكە، مەدەنىيلىككە قارشى زوراۋانلىق قىلمىشلىرىغا قارىتا ئۆتكۈر قىلىچنى قىنىدىن سۇغۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىققا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان بارلىق سۆز – ھەرىكەتلەرگە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىش توغرىسىدا تەربىيە بېرىمەن ۋە يېتەكلەيمەن.

   پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 19 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، دىققەتنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، توغرا سىياسىي يۆنىلىشتە باشتىن – ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، سىياسىيدا ھەر ۋاقىت كاللىنى سەگەك تۇتۇپ، ‹‹تۆت ئاڭ››نى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ‹‹تۆت ئىشەنچ›› ۋە ‹‹بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش››نى كۈچەيتىپ، ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلايمەن؛ چوڭ ھەق – چوڭ ناھەق مەسىلىلىرىدە بايرىقىم روشەن، مەيدانىم مۇستەھكەم، ئىچىم بىلەن تېشىم بىردەك بولۇپ، بۆلگۈنچىلىككە قارشى كۈرەشتە مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممەمگە ئېلىپ، ئۈلگە بولۇپ، ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە قارشى ئاداققىچە كۈرەش قىلىشقا قەسەم قىلىمەن.

   پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن، چوقۇم مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممەمگە ئالىمەن. ئاڭلىق ھالدا شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى بىلەن كاللامنى قوراللاندۇرۇپ، خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشقا ئالاقىدار تۈرلۈك تەدبىرلەرنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرىمەن، سىياسىي مەيدانىمنى چىڭىتىپ، باشلامچىلىق بىلەن دادىل ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، تېخىمۇ قەتئىي ئىشەنچ ۋە ئەمەلىي ھەرىكىتىم ئارقىلىق بايرىقىم روشەن ھالدا ‹‹ئۈچ خىل كۈچ››كە جەڭ ئېلان قىلىمەن، ‹‹ئىككى يۈزلىمىچى››لەرگە ئېنىق پوزىتسىيە بىلدۈرىمەن، پۇختا خىزمەت ئىستىلىم بىلەن شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىغا يېتىشكە كۈچ قوشىمەن.
 

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى